كۆرۈش: 8347|ئىنكاس: 9

نېمىشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يۇمغاقسۈتنى ياقتۇرمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:11:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نېمىشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يۇمغاقسۈتنى ياقتۇرمايدۇ



8c89a58fc8a911c272b31c.jpg


      بەزى ئۆسۈملۈكلەردە غەلىتە پۇراق بولغاچقا ، يېگەندە كىشىلەر يىرگىنىدۇ . %17 ياۋروپالىقنىڭ قارىشىچە ، يۇمغاقسۈت دەل شۇنداق ئۆسۈملۈك . شەرقىي ئاسىيادا ، يۇمغاقسۈتتىن يىرگىنىش تېخىمۇ ئومۇملاشقان بولۇپ ، %21 ئادەم ئۇنى يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ . %14 ئافرىقىلىقمۇ يۇمغاقسۈتنى سوپۇندەك پۇراپ كىشىنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ دەپ قارايدۇ . بىراق يۇمغاقسۈتنى تائامغا ئىشلىتىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرىق رايونىدا ، %97 ۋە %93 كىشى بۇ خىل كىچىك يۇپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكنىڭ پۇرىقىغا ئامراق .
    نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يۇمغاقسۈتكە بولغان پوزىتسىيەسىدە ئاسمان–زېمىن پەرىق بولىدۇ ؟ بۇ دەرۋەقە يەنە شۇ گېننىڭ تېرىغان بالاسى . نىگولاس ئېرىكسون يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقاتچى خادىملار «تەبىئەت ژۇرنىلى» دا يۇقارقىدە دەپ ئېلان قىلغان. ئۇلار « مەن ۋە 23 جۈپ رەڭ خروموسوم » شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىتا ئانالىز ئېلىپ بارغان . بۇ شىركەت بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ گېنىنى تەكشۈرىدىغان شىركەت ئىكەن .
    ئېرىكسون ۋە ئۇ باشچىلىق قىلغان ئەترەت ئەزالىرى 30 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىيلارنىڭ گېنىنى سىكانېرلاپ تەكشۈرۈپ OR6A2 پۇراق سېزىمى رېتسپتورى گېنىنى بايقىغان . بۇ رېتسېپتور يۇمغاقسۈت تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ئالدىھىدە تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدىكەن . لېكىن بۇ خىل رېتسېپتورنىڭ ئىككى خىل ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ ، بۇنىڭ بىر خىلى يۇمغاقسۈت تەركىبىدىكى سوپۇن پۇرىقىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردىكەن . مۇشۇ خىل گېندىن ئىككىسى ئېرسىيەت قالغۇچىدا يۇمغاقسۈتتىن يىرگىنىش سېزىمى بولىدىكەن .
    كانادا ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن باشقا ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسى «تەبىئەت ژۇرنىلى» دا بۇنىڭدىن باشقا يۇمغاقسۈتنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان 3 خىل گېننى بايقىغان . بىراق بارلىق پۇراق ۋە ئېرسىيەت تەتقىقاتى خادىملىرى مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ : يۇمغاقسۈتنى يىرگىنىش ياكى ياقتۇرۇش ھەرگىزمۇ ئېرسىيەتكە باغلاپ قارار قىلىشقا بولمايدۇ ، مەدەنىيەت ئامىلىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئېرىكسون مۇنداق دېدى ، مېنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ، يۇمغاقسۈتنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل پۇراققا كۆنۈپ قالىدۇ .

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:42:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، مەنمۇ بورۇن يىمەيتىم  سېسىق پۇرايدۇ دەپ، ھازىر شۇنداق ئامراق بولۇپ قالدىم يۇمغاسۈتكە


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆچ ئەمەس، باشقا كۆكتاتلارنى يىمىسەمۇ يۇمغاقسۈتكە ئامراق مەن، ماڭا پۇرىقى مىزىلىك بىلىنىدۇ تىخى


Rank: 2

تىللا
91
تۆھپە
38
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:21:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمغاقسۇتنىڭ تەبىيتى ئىككىنجى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق بولۇپ ( يۇمغاقسۇت ئۇرۇغى ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق )، سۈيدۈك ھەيدەش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قىززىتما قايتۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، گال ئاغرىقى، قوقاققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەمما سۇغۇقچان كىشىلەر، بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 00:09:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆئـ، گەرچە مەن ئۇنىڭ دورلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ئەزەلدىن يەپ باقمىغان، پۇراپ سالساممۇ نەچچە كۈنگىچە تاماقمۇ يېگۈممۇ كەلمەيدۇ... شۇنداق ئۆچ مەن ئۇ نەرسىگە... لېكىن مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇنى ئىستېمال قىلىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ! (ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەر، خزمەتداشلار، تونۇش - بىلىشلەر... ئارىسىدا) قانداقمۇ يېگۈسى كېلىدىغاندۇ؟!...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:04:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 00:09
ھۆئـ، گەرچە مەن ئۇنىڭ دورلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ئەز ...

شۇ مەنمۇ ئانچە ياقتۇرۇپ يەپ كەتمەيمەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئازراق يۇمغاقسۇتمۇ ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن گېننى ئۆلتۈرۋېتەمىش، بولۇپمۇ ئەرلەر يېسە بەك زىيانلىق دەيدۇ.


Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
180
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:36:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا پۇرقى بەك مېزلىك بىلىنىدۇ . مەن بەك ئامراق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arfa21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 17:36  



Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
94
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:13:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پۇرىقىنى پۇرىساملا. كۇڭلۇم ئىلىشىدۇ.پەقەت يىيەلمەيمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:34:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىك ۋاقتىمدا زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغاندا ، ئاپام سۇيىنى شىكەر بىلەن قوشۇپ ئىچكۇزگەن ، شۇندىن بۇيان كۆرسەممۇ سەسكىنىمەن، ھازىر قىزىم تاماق تاللىسا ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دىسەم ، سەنمۇ يۇمغاقسۇت بىلەن ماڭگو يىمەيسەنغۇ دەپ ئالدىمغا ئۆتىۋالىدۇ، بالىسى بارلار يىمەيدىغان نەرسەڭلەرنى بالىلارنىڭ ئالدىدا دەپ سالماڭلار جۇمۇ ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 13:18:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
哈密瓜525 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 18:34
مەن كىچىك ۋاقتىمدا زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغاندا ، ئاپام  ...

ھې ھې .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:19, Processed in 0.085457 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991