كۆرۈش: 3315|ئىنكاس: 12

ھەسرەت ( سەرۋى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:01:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەسرەت

قۇچاقلىدىم  مەن سېنى مەھكەم ،
لەۋلىرىڭدىن تاپتىم ھارارەت .
لېكىن مېنى تۇرۇپتۇ كۈتۈپ ،
شادلىق ئەمەس ھەسرەت نادامەت .   

ئەمەسكەن ئۇ قورقۇنۇچلۇق چۈش ،
ئىكەن ئەسلى ئۇ بىر قاباھەت .
ساڭا بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمنى ،
پىنھان تۇتاي مەڭگۈ  تا ئەبەت !

ئالەمچە دەرت - ھەسرەتلەر جېنىم ،
يۈرىكىمدە بولدى زور ئېقىن .
كۆز ئالدىمدا بولساڭمۇ زاھىر ،
بارالماسمەن مەن ساڭا يېقىن .

كۆڭۈلسىزلىك تاشلىسا سايە ،
نىچۈن دەرتكە تولمىسۇن دىلىم ؟!
تاپالمىدىم دەرتلەرگە داۋا ،
كۆزۈمدە ياش ساڭا < خوش > دىدىم !

كۆزلىرىمدىن ئاقار  دەريالار ،
ئاقار  سەلدەك ھەسرەتلىك يېشىم .
يۈرىكىمگە سەن ياققان ئوتنى ،
ئۆچۈرەلمەس ئەمدى ھىچ كىشىم !


مەنبە : ئىجادىيىتىم


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
zamzam + 15چىرايلىق شېئىر.
diし__SiЯi + 20

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 35  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرى پۇرىقى ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:06:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلشەن خانقىز ، رەھمەت سىزگە !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:31:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىيەسىمۇ ،مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1399
تۆھپە
319
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 14:49:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئىرغا بارغانسىرى  ئۇستا بۇلاپ كىتبارسىز جۇمۇ،(سەرۋى)


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
891
تۆھپە
258
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرۋى تېز ئىلگىرلاۋاتىسىز .پۇراق كۈچلۈك ،چوڭقۇر ،ئاممىباپ ،يارقىن ...   


Rank: 3Rank: 3

تىللا
183
تۆھپە
92
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:31:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز شېئر يېزىشقا بەك ئۇستا ئىكەنسىز . مەنمۇ قاچان سىزدەك بۇلامەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:24:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolankizi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 11:31
سىز شېئر يېزىشقا بەك ئۇستا ئىكەنسىز . مەنمۇ قاچان سىزدە ...

  سىز چوقۇم مەندىنمۇ ياخشى يازالايسىز ، سىزگە ئىشىنىمەن ھەم   سىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن !


Rank: 4

ئىسىمى
مارىگۈل
تىللا
391
تۆھپە
73
UID
5392
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:51:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرۋى ،  بۇ شېئرىڭىزدىن  ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك ،  ئۆزىگە تەۋە بولمىغان مۇھاببەتكە ھىچ ئىككىلەنمەي خوش دىيەلىگەن بىر قەيسەر قىزنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كەلدى . داۋاملىق تىرىشقايسىز ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SAPDEL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 13:52  



Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
94
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:22:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆڭۈلسىزلىك تاشلىسا سايە ،
نىچۈن دەرتكە تولمىسۇن دىلىم ؟!
تاپالمىدىم دەرتلەرگە داۋا ،
كۆزۈمدە ياش ساڭا < خوش > دىدىم !                                    خۇددى مىنى دەۋاتقاندەكلامغۇ.                         


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:26, Processed in 0.082732 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991