كۆرۈش: 1666|ئىنكاس: 2

يارىم كەلمىدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
381
تۆھپە
211
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 16:18:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يارىم كەلمىدى


يارىم كەلمىدى قونۇپ كەتكىلى،

ئاتەش يۈرەكنى تۇنۇپ كەتكىلى.

خىرە چاقنىغان يۇلتۇزغا قاراپ،

لېۋىدىن شاراب سۇنۇپ كەتكىلى.

يارىم كەلمىدى ۋىسال قۇچقىلى،

قوشماق تورغايدەك لەرزان ئۇچقىلى.

سۆيگۈ قاينىغان باغرىمدا ئېرىپ،

كۆڭۈل بېغىمدا سەيلە قىلغىلى.

يارىم كەلمىدى گۈللەر ئۈزگىلى،

نازۈك قولىدا دەستە تۈزگىلى.

لىۋەن خۇلقىدا روھىمنى قېزىپ،

ئالەمگە داڭلىق جەۋھەر سۈزگىلى.

يارىم كەلمىدى دۇتتار چالغىلى،

ناخشىسى بىلەن ئوتقا سالغىلى.

خاتىمە بېرىپ پەرىشان ھالغا،

ئۇزۇن تۈنلەردە بىللە قالغىلى.

يارىم كەلمىدى رەستە كەزگىلى،

ھىجران دەردىنى كۆرۈپ سەزگىلى.

غۇبارسىز دىلدا قالدۇردى ئەلەم،

پىراق - ھەسرەتتە جاننى ئەزگىلى.



مەنبە: ئىجادىيىتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 16:38  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
628
تۆھپە
142
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 22:48:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئىزىدەك پارلىغان نەزمىلەركەن . ئىزلىنىشلەردىن سۈيۈندۈم.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
162
تۆھپە
66
UID
444
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:40:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان  ئېسىل كۈيدىن بىرنى ئۇچرىتىپ، دىلىم شۇنچە سۆيۈندى. يېقىملىق مۇزىكىدىن بىرى بىلەن  ماھارەتلىك ھەقىقىي ناخشىچىدىن بىرى بولسىلا، ئۆلمەس ناخشىدىن بىرى  كۈيلەر دېڭىزىمىزغا ئەبەدىيلىك بولۇپ قوشۇلاتتى.....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:21, Processed in 0.069802 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991