«ئىككى مو يەر» فىلىمى توغرىسىدا 





(1954 - يىلى ھىندىستاندا ئىشلەنگەن نادىر فىلىم) سىنارىست - بىن خازام. رېژىسسور - بى مالرۈي. فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ھىندىستاندا «سەرگەردان» ۋە «ئىككى مو يەر» فىلىملىرى ئىشلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن ئېلىمىزدە قويۇلدى. تاماشىبىنلار بۇ ئىككى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، بۇ فىلىملەرنى «بىر تەشتەكتىكى بىر جۈپ گۈل» دەپ مەدھىيەلەشتى. بۇ ئىككى فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى تەسىرلىك، بەدىئىيلىكى ئۆزگىچە، مۇزىكىلىرى مۇڭلۇق، جەلپ قىلارلىق بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. بۇ فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: ھىندىستاندا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى قولىدىكى ئازغىنە يېرىگە قاراشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈن كەچۈرۈشى تولىمۇ تەسكە توختايتى. فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى مەخفۇ شەنبۇنىڭ ئىككى مو يېرى بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇ يەرگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئارانلا ئۆتكۈزەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولغاچقا، يەردىن ھوسۇل ئالالماي، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا شۇ يېزىنىڭ چوڭ زومىگىرى تاگۇر مەخفۇ شەنبۇنىڭ يېرىگە زاۋۇت قۇرماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالماقچى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ 65 رۇپىيە قەرزىنى بانا قىلىپ ھەم بۇ قەرزنى 265 رۇپىيە 50 پىسۇغا ئۆرلىتىپ، ئۇنىڭغا قەستەن بۆھتان چاپلايدۇ. سوت: «مەخفۇ شەنبۇ ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ 265 رۇپىيەنى قايتۇرالمىسا، ئۇنىڭ ئىككى مو يېرى تاگۇرنىڭ بولىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. شەنبۇ ئائىلسىدىكىلەر يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىش ئىزدەپ، كالىكۇتتا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىمۇ ئۇ شەھەرگە بېرىپ، مايلامچىلىق قىلىپ پۇل تاپىدۇ. شەنبۇ بولسا، رىكشا سۆرەيدۇ. بىر كۈنى توساتتىن شەنبۇنى رىكشا بېسىۋىلىپ، يارىلانغاچقا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ داۋالىنىشقا پۇلى بولمىغاچقا، قاتتىق ئازاب چېكىدۇ. شەنبۇنىڭ ئايالى ئېرىنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە چىقىپ، يامان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ قېچىپ كېتىۋاتقاندا ماشىنا سوقۇۋېتىپ يارىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر ئائىلىلىك ئۈچ كىشى پۇل تېپىپ يېرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كالىكۇتتا شەھىرىگە چىقىپ، جېنىنىمۇ باقالماي يۇرتىغا ئارانلا كېلىۋالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆي ۋە يەرلىرىنى تاگۇر ئىگىلىۋېلىپ، زاۋۇت قۇرۇۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ كىشى ئۆز يېرىنىڭ قېشىغا كېلىپ، بىر سىقىم توپىنى قولىغا ئېلىشىغا تاگۇرنىڭ ئىشىك باقارى: «ھۇ ئوغرى، بۇ يەردىن يوقال!» دەپ تىللايدۇ. شەنبۇنىڭ دادىسى ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، نېرۋىسىدىن ئېزىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆي - ماكان، يەر - زېمىنىدىن ئايرىلىپ، سەرسان، ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. مەزكۇر فىلىمدە گەرچە «سەرگەردان» فىلىمىدەك ئىنساننىڭ قىممەت قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك كەسكىن ئىدىيەۋى مەسىلىلەر باش تېما قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق شارائىتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك رېئال مەسىلىلەر تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن. فىلىم ھىندىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەچكە، دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن «سەرگەردان» فىلىمى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان نادىر ئىنسانپەرۋەرلىك فىلىمى دەپ تەرپلەنگەن. «ئىككى مو يەر» كىنوسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى:
سەپەرگە ئۇزىتىش
گانگى ۋە جامۇنا دەرياسىنىڭ سۇلىرى چوڭقۇر، بولسا كىم پۇلسىز ئۇنىڭ خۇشاللىقى يوقتۇر. ئانا يۇرۇت بىزگە دەرد - سۆيگۈ ئوتى چاچتى، پەسىللەر گۈلگە يەر، ئەلگە خوش چىراي ئاچتى. بەزىبىر ئىشلارنى ھېكايىڭىزگە كىرگۈزۈڭ، بەزىبىر ئىشلارنى كەينىڭىزگە تاشلىۋېتىڭ. كىم دەيدۇ سىزنى قايتىپ كېلىدۇ دەپ، غۇنچىلار سىزنى كۈتىدۇ، قۇشلار ناخشىڭىزنى ئېيتىدۇ. ئاھ... كۆك ئاسمان كۈلۈمسىرەۋاتىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ھىسىيات ناخشىمىزدا ياڭراۋاتىدۇ. نەي چېلىڭ زوق بىلەن كۈيلەر ياڭرىتىپ، كىم بىلىدۇ مۇشۇ يول بىلەن سىز كېلەمسىز - كەلمەمسىز؟ تەييارلىغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012 - يىلى 18 - سېنتەبىر تېلېفون: 13779894333 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 15:37
|