كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 0

يانفونۇم(ساتىرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
112
تۆھپە
70
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:49:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يانفونۇم


(ساتىرا)



كېچە-كۈندۈز سىردىشىمسەن، ماڭا ئۈلپەت يانفونۇم،
كەچمىدىم ھېچۋاق سېنىڭدىن كەلسە كۈلپەت، يانفونۇم،
باسسىمۇ دىلنى-ۋۇجۇدنى شەيتانۇ-غەپلەت يانفونۇم،
سەن ئۈچۈن تارتسام ئەزىيەت،ماڭا راھەت يانفونۇم،
ئاڭلا دوستلار ۋەلېكىن ئاز- تولا ئىللەت،يانفونۇم!


قايسى كۈن چۈشتۈڭ قولۇمغا، بولدى ئايەم مەن ئۈچۈن،
خوشلۇقۇم سىغماي ئىچىمگە،كۈلدى ئالەم مەن ئۈچۈن،
قارا شۇنچە مەرت-سېخى پەستە ھاتەم، مەن ئۈچۈن،

زوق-ھەۋەستە باقتى شۇتاپ ھەممە ئادەم مەن ئۈچۈن،
بەردى خۇددى پادىشاھدەك، كاتتا شۆھرەت،يانفونۇم!


  
ئەتىسى ھەش-پەش قىلىپ مەن،دوست ياراننى ئىزدىدىم،
خوشلۇقىمدىن تەمتىرەشتە، «سەن» دېگەننى «سىز» دېدىم،
كىمنى كۆرسەم داڭلىتىپ يۈردۈم، چوكاننى «قىز» دېدىم،
ياقتىم قۇلاققا كوچىدا،يىگانە- كىم ھە بىز دېدىم!
بولدى شۇتاپ مەن ئۈچۈنكى  بەزمە-ئىشرەت،يانفونۇم!


  
قوشتىغۇ ھۆسنۈمگە سۆلكەت،تۇرسا سايراپ بەل-بېقىن،
زەپ قولايلىق،ھەم راۋان، بولدى يىراقلار بەك يېقىن،
سۈرئىتى نۇردىنمۇ ئىتتىك، خۇددى چاققاندەك چېقىن،
تۈگىمەيدۇ مۇڭلىرىممۇ،ئەينى ئاققاندەك ئېقىن،
كەڭتاشا ئويناپ كۈلۈشكە بولدى پۇرسەت، يانفونۇم!


  
ئۆتتى ئايلار- يىلدىماي ، چىقىپتۇ يېڭى مودىسى،
نەگە باقماڭ،نەدە يۈرمەڭ، شۇندا يانفۇن سودىسى،
«ئاندىرويد»مۇ ئىشقىلىپ،بۇ كۈندە ئۇنىڭ نوچىسى،
نەرقى قىممەت بولسا ئاندىن،ھەممىدىن شۇ پوچىسى،
بەرگۈسى ئەركەككە ئۆزگە يېڭى سۈلكەت، يانفونۇم!


  
كۆرىسەن ئۇندا جاھاننى،تېلىۋىزور- سائەتمۇ شۇ،
زېرىكىش يوق ئوينىساڭ، ئىزدىمە، راھەت مۇشۇ،
ئالدىساڭ ھەركىمنى گولدۇر، ئامىتىڭ-ئامەت مۇشۇ،
بولدى بەس دەپ سەكرىمە، سەۋرى ھەم تاقەت مۇشۇ،
شەرىپىگە قوشتى شان، كاتتا  نۇسرەت، يانفونۇم!


  
ئالدىسام چانماس قەيەردە، مەن ئەگەر چۆلدە دېسەم،
قاغجىراق سايدا يۈرۈپمۇ، يايرىدىم كۆلدە دېسەم،
ياماشماستىن تىك چوققىغا، مەن قىيا- بەلدە دېسەم،
مەن ئۆزۈم خائىن تۇرۇپ، ئەس يادىم ئەلدە دېسەم،
چىنپۈتەر ھەركىم گېپىمگە، قىلما تۆھمەت، يانفونۇم!



باشلىۋالساق تۈگىمەس غەيۋەتنى،كوت-كوتنى ئېچىپ،
بولۇشارمىز،تۇشمۇ- تۇشتىن ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ،
كېتىمىز ھەتتاكى بىردەمدە ئەزىز جاندىن كېچىپ،
قويىمىز بىردەمدىلا، دۈشمەنگە كېپەنلىك پىچىپ،
دىل ھوزۇرى،يەككىلىككە سوقا-سۆھبەت،يانفونۇم!



كېزىمەن شۇتاپ جاھاننى، توردا،چ چ دا يۈرۈپ،
يۈرىمەن مۇنبەر ئارا، شاھ بولۇپ،دەۋران سۈرۈپ،
بولدىما مەستانە ھازىر،ئۆي-ئايالدىن يۈز ئۆرۈپ،
ئەمما ئاينىڭ ئاخىرى،باقسام ھىساۋاتنى كۆرۈپ،
بولدى كۆز ئالدىم قاراڭغۇ،ماڭا زۇلمەت، يانفونۇم!



ئارتىۋالماي تولا غەمنى، يۈرسە ئەرلىك سېپىدە،
مەيلى دەيمىز ھەممە ئىشنى، بولسا ئەگەر چېكىدە،
خەجلىگەيمىز پۇل پۈچەكنى، نۆۋىتىدە-ئېپىدە،
تەڭكەش بولماي يوق ئامالىڭ، بۇمۇ جاھان دېپى-دە،
يانچۇقۇمنى تولا كولاپ، قىلدى كۆپ دەرت، يانفونۇم!



تور ئېچىپ، قىز كەلتۈرۈپ،تۆتنى- بەشنى بىر قىلىپ،
پۇرلىغان شىمنى پەدازلاپ، تىغدىنمۇ ئىتتىك قىر قىلىپ،
چېكىتى يوق ئەپتىمگە مەن  ئۆزۈمنى ئادىل گىر قىلىپ،
ئوينىتىپ مەۋھۇم دۇنيادا ھەممىنى پىر-پىر قىلىپ،

بىر قاپاق نوچى قىلىپ قويدۇڭكى لەنەت، يانفونۇم!


  
كۆر بۈگۈن، يانفۇن دىگەن چوڭ-كىچىكتە،چالدا بار،
ئەر ئەمەس،يەسلىدە ھەم، قىزدا بار،ئايالدا بار،
كۈتكۈچى،ھەتتاكى نىمكار، باپكارۇ-ھاممالدا بار،
زەن سېلىپ باقساڭ يەنە كوچىدا-ئابدالدا بار،

تۆكمە بولدۇڭ- قىلمىغاي ھىچكىممۇ ھەسەت ، يانفونۇم!


  
ئۆزيولىدا پايدىلانساڭ،ھەمدىمىڭدۇر ئەسلىدە،

يىرىقىڭ بولغاي يېقىن،ھەممىدە- تۆت پەسلىدە،
جان-جىگەر سىرداش- قاياشىڭ، ئائىلەڭدە-يەسلىدە،
بولمىسا  ھەم سەن بىلەنكى، خەقنى بابلاش قەستىدە،
يەتكۈسى ھەركىم مۇرادقا ،ئىشتا بەرىكەت، يانفونۇم!



ئويلىسام، ھەرنەرسىنىڭ باركەن ئەزىزلىك-خارلىقى،
كەلسىمۇ شۆھرەتتە بەزەن، ھەركىشىنىڭ تارلىقى،
مۇددىتى ئۇزۇن ئەمەسكەن، بەكمۇ قىسقا ئارىلىقى،
تەكتىگە يەتكىن مۇھەممەت، بۇمۇ تەقدىر يارلىقى،
ئۆز يولىدا تاپسا قىممەت-ماڭا ئامەت ،يانفونۇم!

   
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:06, Processed in 0.072209 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991