ياشانغانلار يەنىلا ئېنىرگىيەگە ئىگە
جاڭ يۈ
شېنجىننىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قوش تۈزۈمىنى تۈگىتىشنى سىناق قىلىشتىن تارتىپ پېنسىيەگە چىقىش يېشى توغرىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمىگىچە؛ كۈتۈنۈش پۇلىنى بازارغا كىرگۈزۈش خەۋپ-خەتىرى توغرىسىدىكى تالا-تارتىشتىن تارتىپ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ‹‹ئەتە بىز قانداق كۈتۈنىمىز؟››......دېگەن سوئالغىچە بولغان ‹‹ياشانغانلار تېمىسى›› يېقىن مەزگىلدە، ئېلىمىز خەلقىنىڭ نېرۋىسىغا تەسىر قىلماقتا.
دۇنيادا ياشانغانلار نوپۇسى ئومۇمىي سانى ئەڭ كۆپ، قېرىلىشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹ياشانغانلار مەسىلىسى›› بىزنىڭ ئالدىمىزدا توغرىسىغا تۇرماقتا، ‹‹ياشانغانلار تەشۋىشى›› مۇ بىزگە قاراپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق تەشۋىش دەرۋەقە تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈشتىن ئىبارەت تەبىئەت قانۇنىيىتى ئاساسىدا بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئىجتىمائىي ئامىللارمۇ يوشۇرۇنغان. ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان تۇرمۇش تەننەرخى يەنە مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەتكە موھتاج، تىپ ئۆزگەرتىۋاتقان دەۋردىكى تەنھا ياشانغانلار ھادىسىسى ھەم بۈگۈنكى كۈندىكى ياشانغانلارنى ‹‹كۈتۈنۈشتىكى مۈشكۈل ئەھۋال››غا چۈشۈرۈپ قويماقتا، ھەم ياشلاردىمۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىقسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونى بېيىماي تۇرۇپ ئالدىن قېرىشتەك رېئال خىرىسقا يۈزلەندۈرمەكتە.
ئەگەر خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كۈچەيتىلىپ، ‹‹كۈمۈش چاچلىقلار كاپالىتى›› سالمىقىنى ئاشۇرۇش‹‹ياشانغانلار تەشۋىشى›› نى تۈگىتىشنىڭ ماددىي ئاساسى بولسا، ئۇنداقتا ياشانغانلار ھادىسىسىنى توغرا تونۇپ، ياشانغانلار مەسىلىسىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىش، تەشۋىشنى ئازايتىشنىڭ چۈشەنچە تىرىكى بولغان بولىدۇ.
قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرىشتىن قورقۇش‹‹قېرىش›› قا بولغان پاسسىپ تونۇشقا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. ياشانغانلار ئاجىز، كۆپ كېسەل بولىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت بايلىقىنى ئىگىلەيدۇ؛ قېرىلىشىش پايدىنىڭ ئازىيىشىدىن، تەرەققىيات يۈكىنىڭ ئېغىرلىشىشىدىن......دېرەك بېرىدۇ، دەيدىغان مۇنداق تونۇش پەقەت قېرىلىقنىڭ سەلبىي تەرىپىنىلا كۆرگەنلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەيلى شەخسىلەرنىڭ ياشىنىش باسقۇچى، ياكى جەمئىيەتنىڭ قېرىلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا بولسۇن، تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ساغلام ‹‹ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشى›› غا ئىگە بولۇش كېرەك.
‹‹70 يىل ياشاش ئاز ئۇچرايدۇ›› غان ئىش ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى. ياشانغانلار ئەمدى يالغۇز ‹‹ئاخىرقى رولىنى جارى قىلدۇرۇش›› بىلەنلا قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئاۋىئاتسىيە موتور ئاتىسى ۋۇ داگۇەن 88 يېشىدا ئاندىن پەن-تەتقىقات بىرىنچى سېپىدىن چېكىنگەن؛ ياڭ شەنجو پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن 22 يىل ئىشلەپ قاقاس تاغدامېۋە-چېۋە خۇش پۇرىقىنى تارقاتقان......‹‹ئۆيدە ياشانغانلارنىڭ بولىشى گۆھەر بولغانغا تەڭ››ياشانغانلار تېخىمۇ ئۇزاق ‹‹ياشلىق باھارى››غا ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ياشلار سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان، پىشىپ يېتىلگەن روھىي ھالەتكە، بىلىم زاپىسىغا ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە، ئەگەر جەمئىيەت بىر چوڭ ئائىلە دەپ قارالسا، ياشانغانلار شۈبھىسىزكى ‹‹دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى›› ھېسابلىنىدۇ.
زور ياشانغانلار توپىمۇ، تېپىلغۇسىز بايلىق. ياشانغانلار مۇئەييەن بايلىق توپلىغان بولۇپ، ئۇلار ئىستېمال ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلىنىدۇ. 2000-يىلى ياپونىيەدىكى بىر شېركەت مەخسۇس 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئىشلىتىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ خىل گىرىم بۇيۇملىرى پەقەت يەتتە يىل ئىچىدىلا قىممىتى 10 مىليارد ياپونىيە يىنىدىن ئاشىدىغان داڭلىق ماركىغا ئايلانغان. ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا جۇڭگونىڭ ياشانغانلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %34 نى، لېكىن ياشانغانلار ئىستېمالى ئۇمۇمىي ئىستېمال قىممىتىنىڭ %28.97 نى تەشكىل قىلىدىكەن، ئۇ چاغدا، ‹‹ياشانغانلارغا ئىگە بولغانلار بازارغا ئىگە بولىدىكەن››.
جەمئىيەتتە، ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشىغا قارىتا ياشانغانلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان جاۋابلار بېرىلدى؛ شەخىسلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قانداقمۇ بىر خىل تېخىمۇ ساغلام روھىي ھالەت بولمىسۇن؟ تورداشلار‹60 ياشلىق سومكا ئارتىۋالغان›› بىرجۈپ ئەر-ئايال ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش جەريانىدا‹‹قېرىلىقنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى›› نى ئۇنتۇپ، تېخىمۇ رەڭدار بولغان تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە ئىگە بولغان. ئۆكۈنۈش، قېرىشتىن قورقۇش ھالىتىدىن پەقەت ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن قۇتۇلغاندا، ‹‹كەچكى شەپەقنىڭ ئەڭ چىرايلىق بولىدىغانلىقى››نى كىممۇ ئىنكار قىلالىسۇن؟
ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشى، مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيلىنىشكە، كۆز قاراشنى يېڭىلاشقا موھتاج بولۇپلا قالماي، تۈزۈم كاپالىتىگە تېخىمۇ موھتاج. چوڭى ياشانغانلار بايلىقىنى ئېچىش سىياسىتىدىن تارتىپ، كىچىكى ياشانغانلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرگە، ھەتتا مەھەللە قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى جارى قىلدۇرىلىدىغان ئۇل قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ياشانغانلارنىڭ خىزمەت قىلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەرزەنتلىرىگە، نەۋرىلىرىگە قاراشمۇ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.جەمئىيەتتە نوپۇس تەۋەلىكى سىياسىتىنى مۇزنى يېرىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى باشقا جايغا يۆتكەشكە قولايلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ياشانغانلارنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
‹‹ياشانغانلىق زەئىپلەشكەنلىك ئەمەس››، ئامېرىكىلىق ئالىم بوناس ‹‹ياشىنىش ۋە زەئىپلىشىش›› دېگەن داڭلىق ئەسىرىدە شۇنداق ھۆكۈم قىلغان. قېرىلىشىش مەسىلىسىگە ئىجابىي قارىغاندىلا، ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشىنى تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن بىر دۆلەتنى پىشىپ يېتىلىش لېكىن زەئىپلەشمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، ياشىنىش باسقۇچىنى يەنە بىر ‹‹ئالتۇن دەۋىر›› گە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ‹‹ئىجابىي ئېنىرگىيە›› نى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت