كۆرۈش: 16388|ئىنكاس: 13

راسىت ئىش ،ئەيدىزنىڭ يۈرەك سۆزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
46
تۆھپە
11
UID
25245
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 05:47:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راسىت ئىش ،ئەيدىزنىڭ يۈرەك سۆزى



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ قۇۋۋىتى بىلەن  دۇنيادىكى ھەممىدىن قىممەتلىك  بولغان گۈزەل ھاياتتىن ھوزۇرلىنىۋاتقان يۇرتداشلىرىم ،مىللەتداشلىرىم ، ئىنسانداشلىرىم . كەمىنە ئەيدىز ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن .مەن ئالدىنقى قېتىم << راست ئىش مەن ئەيدىزكەنمەن>> دېگەن تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن  جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي تەسەللىلىرىگە ئېرىشتىم ،ئىنتايىن تەسىرلەندىم . ھەرقېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا  شۇ ياخشى نىيەت بىلەن كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەرگەن ئىنكاسلارنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم . ھەتتا قېرىندىشىم، توردىشىمىز SurayyaHanim ئالاھىدە مەن ئۈچۈن، مۇشۇ تېما ئۈچۈن  مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ ماڭا نۇرغۇن ياخشى گەپلەر بىلەن تەسەللىي بېرىپتۇ.  ئۇ  ئىنكاسىدا مېنى قېرىندىشىم  دەپ چاقىرىپتۇ، مېنى قېرىندىشى ئورنىدا كۆرۈپتۇ ،يەنە تېخى مېنى ئاتمىش-يەتمىش يىل ياشايسىز دەپتۇ،  ئاشۇ قۇرلارنى  ئوقۇغان ۋاقتىمدا قانداق ھېسىياتتا بولغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ خۇشاللىقىمدىن يىغلاپ كەتتىم. ئاتمىش-يەتمىش يىل ئەمەس يىگىرمە يىلمۇ ياشىيالمايدىغانلىقىمىنى  بىلسەممۇ شۇنداق خۇشال بولدۇم  ، لېكىن بەزىبىر ئىنكاسلار كۆڭلۈمگە كەلدى، بەكلا كەلدى،  مەلۇم بىر توردىشىمىز مېنىڭ بۇ يازمامنى يارپ زەھەر چەكلەش تورىغا يۆتكەپ قويغان ئىكەن، ئالامەت ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ، ھەتتا بىرسى مېنى << ئىسىت سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ مۇشۇ چاغقىچە مەجۈننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەمتىڭ >> دەپتۇ. يەنە بىر ئىنكاستا << ئەيدىزنىڭ پاھىشىنىڭ كارۋىتىدا يېتىپ ئۆزىنى ئاقلاپ كەتكىنىنى >> دەپتۇ . ئەسلى تېمىدىكى يەنە بىر ئىنكاستا << مەن بىر گەپ قىلاي ،بولدىلا قىلماي ھەيييييييييييييييييى>>  دەپتۇ ، شۇنداق  سىلەرنىڭ توغرا ، چۈنكى  مەن مەغلۇپ بولدۇم ، مەن شۇ مەرەز كېسەلنى يۇقتۇرۇپ ئىستىقبالىمنى ، ئائىلەمنىڭ ئىستىقبالىنى تۈگەتتىم ،بىراق مەن شۇنى دەپ قوياي مەن بۇ تېمىنى قانداقتۇر  ئۆزۈمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ساڭا ئوخشاش  <<مەجۈننىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان ئوغۇل بالىلارنى >>، << پاھىشىنىڭ كارۋىتىدا ياتمايدىغان ئۆزنى ئاقلىمايدىغان نوچىلارنى >> ،<< بىر گەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ بىلەرمەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى >> بولۇپ يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان  بىلەرمەنلەرنى  ، ئۇنىڭدىن باشقا قېرىندىشىم بولغان   ئۇيغۇرۇمنى ماڭا ئوخشاش بولۇپ قالمىسۇن ، مەندىن ئىبرەت ئالسۇن  دەپ يوللىغان ئىدىم . توغرا مەن مەجۈننىڭ نىمىلىكنىلا ئەمەس ھازىرغىچە ھاراق-تاماكىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر دۆتمەن، پاھىشىنىڭ كارۋىتى مەسلىسىگە كەلسەك  مەن يازمامدا دەپ ئۆتكەندەك مۇشۇ يېشىمغىچە ئۆز ئايالىمدىن باشقا بىر ئايال زاتىنىڭ قول ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدىم . پاھىشە دېگەن گەپنى ئاڭلىساممۇ سەسكىنەتتىم، بىراق  پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ .مېنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق بۇ گۇناھىمغا بۇنچىۋالا چوڭ بەدەل تۆلىشىمنى نەدىن بىلەي ؟ئاڭلىسام بۇنداق ئەھۋالدا ئەيدىز يۇقۇپ قىلىش نىسبىتى 3000دە بىر پىرسەنت بولىدۇ دەيدۇ، قاراڭلا شۇ 3000دە بىر پىرسەنتنىڭ ئىچىدىكى بىر پىرسەنىتنىڭ ماڭا كېلىپ قالغىنىنى !! مەنمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش ھەممىنى بىلىمەن، ئەيدىز دېگەن مەندىن بەكمۇ يىراقتا  دەپ ئويلايتىم ، ئەيدىزنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئويلايتتىم . دوستۇم، قېرىندىشىم ،ئۇيغۇرۇم ، مەندىن ئىبرەت ئېلىڭ ، ئەخلاق چېگرىسىدىن ھالقىماڭ .سىزگە ئوخشاش ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيىدىغان ، پالۋان يىگىتلىرىمىز كېسەل كارىۋىتىدا بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمىسۇن .ئايالىمغا ئوخشاش بارلىقىنى ،ياشلىقىنى ،ئائىلىسىگە  يولدىشىغا  بالىلىرىغا ئاتىغان مىھرىبانلارغا ئەيدىز يۇقۇپ قالمىسۇن !!!!!!!!!!!!!
    كېلەر قېتىملىق تېمامدا  ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىمەن ، ھە راست بىلىدىغانلار  خاپا بولماي ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار، كۆزنەك مەزگىلىدىكى ئەيدىز ئالامەتلىرىنى قانداق قىلغاندا يىنىكلەتكىلى بولىدۇ؟ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
رۇقىيە
تىللا
64
تۆھپە
33
UID
27169
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 12:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قىرىندىشىم مەن ئالدىنقى قېتىم سىزگە ئىنكاس يازغان دېققەت قىلمىغان ئوخشايسىز ئەگەر ئىمۇنىت كۈچىڭىزنى ياخشىلىسىڭىز ئەيدىز ۋېرۇسى سىزنى ئالدىراپ يىقىتالمايدۇ زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ سامساقنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ.ئەڭ مۇھىمى روھى كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ!قوقۇپ كەتمەڭ ئەيدىز ۋېرۇسى بەك ئاجىز سىز تىرىشسىڭىزلا كېسەل ئۈستىدىن غەلبە قىلالايسىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:10:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نىمە دەيمىز ، بۇمۇ تەقدىر ، كىمنىڭ بۇ تۆت كۈنلۈك جاھاندا خۇشال - خورام ياشىغۇسى يوق ؟ مەيلى كىم بولسۇن ھايات يۈكلىگەن يۈكنى كۆتۈرمەي ئامالى يوق . بېشىڭىزغا شۇنداق كۈنلەر چۈشكەن ئىكەن ، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ ! ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، كۆپرەك ھەركەت قىلىڭ .
ئۆز ئىسمىڭىزنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلىڭ ، ‹ ئەيدىز › سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئەمەس ، ئۇ پەقەت سىزگە يۇققان نىجىس كېسەل ، گەرچە جىسمىڭىزنى ۋىرۇس قاپلىۋلالغان بولسىمۇ ، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىپ ، باشقىلارنىمۇ خاتا يولغا مېڭىشتىن توسقان ئىكەنسىز ، دىمەك سىزنىڭ روھىڭىز پاكتۇر !
جەمىئىيەتتە ئۆزى يامان يولغا مېڭىپلا قالماي ، باشقىلارنىمۇ يامان يولغا باشلايدىغان كىشىلەر بار ، مېنىڭچە بىز سىزدەك  كىشىلەرگە ئەمەس ، يۇقۇرقىدەك كىشىلەرگە نەپرەتلەنسەك ، ئۇلاردىن يىرگەنسەك بولىدۇ .
  سىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭىزگە ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن ! ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك ياشىغايسىز !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
683
تۆھپە
278
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:23:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنەك مەزگىلى

    ساغلام كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، ئانتېتېلاسىنى شۇ ھامانلا تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولمايدۇ ، ئادەتتە ئىككى ھەپىتىدىن ئۈچ ئايغىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولغىدەك ۋاقىتقىچە بولغان مەزگىلى كۆزنەك مەزگىلى دېيىلىدۇ . گەرچە كۆزنەك مەزگىلىدە ئانتېتېلارنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىسىمۇ ، بىراق قان ، مەنى(ئىسپىرما) ، ئاياللارنىڭ جىنىسىي يولىدىن چىققان ئاجرالمىلاردا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ ، بۇنىڭ يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك .

تېما ئىگىسىنىڭ كۆزنەك مەزگىلى توغرىسىدىكى سۇئالىنىڭ جاۋابىنى يارپ تورىدىن كۆچۈرۈپ قويدۇم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەقسەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 18:25  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
683
تۆھپە
278
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:40:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى قايسىلار؟

    ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئەزا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋىرۇس. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان T4 لىمفا ئورگانىزىمىنى زەربە بېرىش ئوبىيكتى قىلىپ ، T4 لىمفا ئورگانىزىمىنى زور دەرىجىدە بۇزىدۇ ھەمدە جاننى ئالغۇچى ئىچكى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل ۋىرۇس ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ ئادەم بەدىنىنى ھەر خىل كېسەللىكنىڭ تۇشۇغۇچى تەنچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بەلكى ئىمۇنىت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ ، ئېممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى قايتا ئىشلەپ چىقىرىش فونكىسىيىسىنى يوقىتىپ ، ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ ئاخىرىدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە 9 يىلدىن 10 يىلغىچە يوشۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، ھەمدە ئەيدىز كېسەللىكىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن بىمارنىڭ سىرتقى قىياپىتى نورمال بولۇپ ، باشقىلارغا ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ.
    ئەيدىز كېسىلى ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنى قالايماقانلاشتۇرىۋەتكەنلىكتىن ، قاپارتما ، قوقاق قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ.
    تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، تەتقىقاتچىلار ئېغىر ۋە جاھىل بولغان تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېرىسىدە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان :
    1. تېرە ياللۇغلىنىش ، قىزىرىپ ئىشىش ، قاپارتما پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، تىپىك ئىپادىسى بولسا ئېغىز ۋە بۇرۇن ئەتراپىدا سۇلۇق قاپارتما ۋە قوقاق پەيدا بولىدۇ .
    2. ئېغىر بولغان مايلىق تېرە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ . يۈزىدە ، باش تېرىسىدە ئېغىر مايلىق تەڭگە تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    3. ئېغىر بولغان قۇرغاق تېرە كېسەللىكى ياكى ياشلاردا قېرىغان تېرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    4. قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا جاراھەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ .
    5. پۇت قىسمىدا ئېغىر ياللۇغ پەيدا بولىدۇ .
    چۇقۇم كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، يۇقىرىقىلار گەرچە ئالىملار ئىسپاتلاپ چىققان ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئالامەتلىرى بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىمارنىڭ چۇقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولۇشى كېرەك . ئەگەر شۇخىل مۇمكىنچىلىك بولۇپ ھەمدە يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە چۇقۇم خىميىۋى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش لازىم .


بۇ مەزمۇنلارنىمۇ يارپ تورىدىن ئېلىپ كەلدىم http://www.yarp.net.cn/uighur/


Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
59
UID
191
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:56:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بودەك ساقال:
مەن سىزنىڭ دولان قىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭدىن تىببى ۋە باشقا جەھەتلەردە مەسلىھەت سورىشىڭىزغا ئاسانلىق بولسۇن ئۇچۈن سىزگە ئۆزۈمدىكى ئارتۇق بىز چ چ نى بېرەي دىگەنتىم.  بىراق مىنىڭ ئۇچۇر يوللاش سالاھىيىتىم يوقكەن سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلەلمىدىم.
  باشقۇرغۇچىلار : نىمىشقا بىزدەك ئەزالارنىڭ ئۇچۇر يوللاش ھوقۇقىمىز يوق.؟  ئېچىپ قويساڭلار بولمامدۇ بۇ ھوقۇقنى.

  بودەك ساقال ئەپەندىم مىنىڭ ئۇچۇر يوللاش ھوقۇقۇم يوقكەن شۇڭا دولان قىزىغا ھاۋالە قىلىپ بىر چ چ بېرىپ قويدۇم ئۇ سىزبىلەن ئۇچۇر يوللاپ ئالاقىلىشىپ بېرىدىغان بولدى. قالغان گەپنى چ چ دا دىيىشەرمىز.  
    غەيرەتلىك بولۇڭ. ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ئامىن.   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xungkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 19:32  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
183
تۆھپە
92
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 20:03:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزچۇقۇم ياخىشى بۇلۇپ كىتىسىز مىنىڭ بىر ئەيدىز بىمارىم ھايات يۇرىۋاتقىلى 10يىل بولدى .ئۇ تېخى زەھەر چىكىدۇ.  سىز دە ئۇنداق ئىشلار بۇلمىغاندىن كېيىن ساقىيىپ كىتىش ئىھتىمالىڭىز  يۇقۇرى . ئۇمۇتسىزلەنمەڭ.مەن سىزنى قۇللايمەن .


Rank: 2

تىللا
91
تۆھپە
38
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 08:37:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەقدىردىن تاشقىرى ئىش يوق دەپتىكەن، ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ!
ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ياشاڭ، ئەھلى ئائىلىڭىز سىزدىن پەخىرلەنسۇن!@


Rank: 2

تىللا
91
تۆھپە
38
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:54:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە تىببىي مەسلەھەت سورىماقچى ياكى تېخىمۇ كۆپ ياشلارغا روھى جەھەتتىن تەربىيە بىرىشنى خالىسىڭىز بۇ ئادرىسقا كىرىپ بېقىڭ. www.eldawa.com  مەسلەھەت سوراش چ چ 1292826625 جاۋابى ئەلشىپا
( خالىسىڭىز قاچىلاپ سۆز قالدۇرۇڭ )


Rank: 1

تىللا
50
تۆھپە
8
UID
17716
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:41:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز دوستۇم~~~تېمىڭىزنى كۆرۈپ باشقىلارنىڭ دىگەن گەپلىرىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى~~~جەمئيىتىمىزدە ھەرخىل كىشىلەر بار ،،مېنىڭچە بولسا ئۇنداق ئادەملەرنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماڭ~~~ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى ئويلاڭ~~بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىش ئاللاھ نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولىدۇ~~بۇندىن كىيىىنكى ئۆمرىڭىزدە جەمئىيىتىمىزگە مىللىتىمىزگە ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىڭىزنى قوشۇڭ~~~بولۇپمۇ ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئايالىڭزنى چوقۇم رازى قىلىڭ~~~ھەرگىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرمەڭ~~خۇدايىم بۇيرىسا سىز تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز~~يەنە بىر گەپ : كۆپرەك تەنھەركەت قىلىپ بېرىڭ~~~سىز چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز~~~ئۆزىڭىزگە ئشىنىڭ~~~~


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:59, Processed in 0.080939 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991