كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 2

كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
381
تۆھپە
211
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 20:42:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ ...


كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

قوزغاپ ئاتەش يۈرەكتە ھەۋەس.

ھايال ئۆتمەي ئايلىنار ئوتقا،

تۇرغۇن سۇدەك قوزغالغان نەپەس.


كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

قىلىپ جىلۋە - نازىڭغا شەيدا.

ئالتۇن بويۇڭ كۆيدۈرگەن جاندىن،

بولار سۆيۈش ئىستىكى پەيدا.


كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

بوستان چېچىڭ يەلپۈنۈپ تال - تال.

شامال سۆيگەن ياپراقتەك تىترەر،

تاغدەك مەزمۇت  ۋۇجۇدۇم غال - غال.


كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

تىكلەپ نۇردەك بېشىڭنى ئېگىز.

شېرىن تۇيغۇ قاقشايدۇ دىلدا،

ئۇزاق سانچىپ قويغاندەك بېگىز.


كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

جىمجىت ئاۋاز چىقىرىپ يەردىن.

نازۈك تىۋىش ئاڭلىنار لەرزان،

سىناق ئېلىپ بىپەرۋا ئەردىن.


كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

تۈزۈپ قابىل دانىشتەك پىلان.

سويلاپ ياتار باغرىمدا كۆشەپ،

جەھلى قاتتىق  زەھەرلىك يىلان.


مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 09:58  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
628
تۆھپە
142
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 23:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،

تۈزۈپ قابىل دانىشتەك پىلان.

سويلاپ ياتار باغرىمدا كۆشەپ،

جەھلى قاتتىق  زەھەرلىك يىلان.






مىسرالاردىن سۈيۈندۈم . چىنلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان شېئىركەن .


Rank: 1

تىللا
21
تۆھپە
3
UID
27413
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 19:31:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا قىلىپ ئېيتقۇدەكلا شېئىركەنبۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:09, Processed in 0.071123 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991