نادىر كىنو ناخشىلىرى (تەرجىمە قىلىنغان ناخشا تېكىستلىرى)
بۇ ناخشىلار 1960- 1970 - يىللاردا كەڭ ياشلار، ئەمگەكچى خەلق ياقتۇرۇپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان نادىر ناخشىلار بولۇپ، ھازىر بۇ ناخشىلار ياشلىقتىكى ئەسلىمىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ.
ھىندىستان فىلىمى «ئىككى مو يەر» كىنوسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى
سەپەرگە ئۇزىتىش
گانگى ۋە جامۇنا دەرياسىنىڭ سۇلىرى چوڭقۇر،
بولسا گەر پۇلسىز ئۇنىڭ خوشاللىقى يوقتۇر.
ئانا يۇرت بىزگە دەرد - سۆيگۈ ئوتى چاچتى،
پەسىللەر گۈلگە، يەر ئەلگە خۇش چىراي ئاچتى.
بەزىبىر ئىشلارنى ھېكايىڭىزگە كىرگۈزۈڭ،
بەزى ئىشلارنى كەينىڭىزگە تاشلىۋېتىڭ.
كىم دەيدۇ سىزنى قايتىپ كېلىدۇ دەپ،
غۇنچىلار سىزنى كۈتىدۇ، قۇشلار ناخشىڭىزنى ئېيتىدۇ.
ئاھ... كۆك ئاسمان كۈلۈمسىرەۋاتىدۇ،
ناھايىتى كۈچلۈك ھېسسيات ناخشىمىزدا ياڭراۋاتىدۇ.
نەي چېلىڭ زوق بىلەن كۈيلەر ياڭرىتىپ،
كىم بىلىدۇ مۇشۇ يول بىلەن كىلەمسىز - كەلمەمسىز؟
بۇ فىلىم 1950 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشىپ، ناخشا قىلىپ ئوقۇشۇپ كېلىشكەن ئىدى. ناخشىنىڭ ئاھاڭى كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ.
ھىندىستان فىلىمى «سەرگەردان» دىن راجىنىڭ ناخشىسى
ھەسرەت
پەقەت سېنى سۆيەرمەن، ساڭا ئەسىر بۇ قەلبىم،
ناخشا ئېيتىپ يىغلايمەن كويىقاپتۇر بۇ ئەپتىم.
مېنىڭ غەمكىن بۇ قەلبىم پارە - پارە بولدىغۇ،
ئاھ يۈرەك سەن نېمىشقا بۇنچە ئازابلىنىسەن؟
بالىلىق چاغلىرىمدا مەن، بۇنچە ياش تۆكمىگەنتىم،
پەقەت سۆيگۈ ئۇ مېنى يىغلاتماقتا ھەسرەتتە.
ناخشا ئېيتىپ يىغلايمەن، كويىقاپتۇر بۇ ئەپتىم،
ئاھ يۈرەك، سەن نېمىشقا شۇنچە بەك ئازابلىنىسەن؟
ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى تۇتاش كەتكەن يۈرەكلەر،
ئىشىنەرمەن مەن ئۇنىڭ پەقەت مېنى سۆيۈشىگە.
بۇلۇت كەبىي يۈرىكىم دەردتە ئاغار توختىماي،
لېكىن بۇ بۇلۇت قارىيىپ، يامغۇر ياغار توختىماي.
كۆز يېشىممۇ يامغۇردەك پەسكە ئاقار توختىماي،
ناخشا ئېيتىپ يىغلايمەن كويىقاپتۇر بۇ ئەپتىم.
سۆيگۈ دېگەن مۇشۇنداق يىغلىتار ھەم كۈلدۈرەر،
ناخشا ئېيتىپ يىغلايمەن، قەلبىم تولدى ھەسرەتكە.
توختىماس ھېچ كۆز يېشىم، ئاھ ھەسرىتىم، ئاھ دەردىم،
پەقەت سېنى سۆيەرمەن، ساڭا ئەسىر بۇ قەلبىم.
لىدانىڭ «تۇمان» ناخشىسى
نەۋاخ كەتتىڭ سەن يايرىم ھۇزۇرۇڭغا،
شۇ ئۈمىدۋار كۆزلىرىم شۇئان نۇرلاندى.
سەن گويا قەلبىمدىكى بىر مەرۋايىتسەن،
سەن بىلەن مېنىڭ قەلبىم كۈندەك نۇرلاندى.
ئاھ... سەن مېنىڭ خىيالىمدا بىر سەبىي ئىدىڭ،
تېزراق قايتىپ كېلىشىڭنى ئارزۇ قىلاتتىم.
سەن بولساڭ يېنىمدا ئازاب يوق ماڭا،
سەن بولساڭ يېنىمدا يىغلىماس ئىدىم.
ناخشا تېكىستىنى تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇساتتار تەۋەككۇل
ناخشا تېكىستىنى رەتلىگۈچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012 - يىلى 17 - سېنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 10:10