ياشاش دېمەك - بەخت دېمەك
ياشاش بىر خىل بەخت . ياشاشتىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقنى ھاياتىڭىزدىكى ئازاپ -ئوقۇبەتلەرگە تاشلاپ بەرمەڭ .
ياشاش بىر خىل بەخت .ياۋا ئوت -چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن قەبرىستانلىقتا قەبرە ئىچىدە خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەنلەرگە قارىساق ،تىپتېنچ ۋە قايغۇلۇق مۇھىت قەلبىمىزدە سىلكىنىش ،مۇڭ ،ئەسلىمە ۋە ئازاپ پەيدا قىلىدۇ ،چۈنكى بىزدە ياشاش ،ھېسىيات ۋە پىكىر قىلىش ئىمكانىيىتى بار .قازا قىلغانلار مەڭگۈ بۇ بەختتىن بەھرىمان بولالمايدۇ .بىز ھەقىقەتەن بەخىتلىك .بىز ئۆلۈمدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز بولساقمۇ ،لېكىن بۇ بەخت بىزگە ھەر ۋاقىت ھايات مېھرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ،ياشاشمۇ بىر خىل بەخت . ھاياتلىق پەيدا بولغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا بىز ھايات -ماماتلىق كۆرىشى قىلىمىز .ھايات بىلەن مامات قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا بولىدۇ .كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنىڭ ھايات شامى بالدۇرلا ئۆچۈپ قالىدۇ .ئاشۇ ھايات شامى ئۆچكۈچىلەر بىزنى ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە ئىقتىدارى ھەققىدە ئەسلىمىگە سالغاندىن سىرت ،يەنە تېخمۇ كۆپ ھەسرەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ .ئۇلار ھەر قانچە ئېسىل ياشىغان بولسىمۇ بىراق مەڭگۈ بىز بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز .تۈنۈگۈن بىز ئۇلارنى كۆرگەن بولساق ،بۈگۈن ئۇلار ئەسلىمىسىنى بىزگە قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى ،ئۆلۈپ كېتىش بەزىدە شۇنداق ئاسان بولۇپ ،بۇنىڭغا پەقەت بىر نەچچە دەقىقىلا يېتىدۇ .
ناۋادا بىز مۇشۇنداق ئويلىيالىساق ،ھاياتنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەل ،ياشاشنىڭ بەخىت ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز .ھاياتتىكى ھەر بىر مېنۇتنى ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز ،ئەمەلىيەتتىمۇ ھاياتتىكى ھەر دەقىقە ناھايىتى قىممەتلىك ،چۈنكى ،ھايات سەپىرىمىزدە سانسىز قېتىم كېسەللىك ۋە ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ،ھەر بىر مىنۇتنى <<كۈتۈلمىگەن بالا -قازا >>لاردىن ساقلاپ ،تېنىچ ،ساغلام ۋە بەخىتلىك ياشاش ئاسان ئەمەس .بىز كۆپىنچە ھاللاردا ھايات نۇرىمىز ئاجىزلاشقاندا ئاندىن ياشاشتىن ئىبارەت بۇ بەخىتنى تونۇپ يېتىمىز .