چاچلىرىڭ شامالدا يەلپۈنسە جېنىم
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن
سەن شۇنچە مۇلايىم، نازاكەتلىك ھەم،
چاچلىرىڭ ئوخشايدۇ مەجنۇنتالغىلا.
ھەر تۈرلۈك ھالىڭنى سۆزلەپ پىچىرلاپ،
بۇقۇلداپ يىغلايدۇ ئاشۇ مىنۇتلار.
كۆزلىرىڭ چاقنايدۇ چوغنىڭ رەڭگىدە،
ئۆركەشلەر يولۇڭدا ئوتنىڭ دولقۇنى.
ئەگىگەن چاچلىرىڭ نازۇك بېلىڭنى،
باغرىمدا بىر بۈيۈك سۆيگۈ ۋولقانى.
قاپقارا چاچلىرىڭ مۇڭلۇق مۇزىكا،
شېرىن ھېس ئىلكىدە تىڭشايمەن قانماي.
كۆيىدۇ باغرىمدا سېھرىي تۇيغۇلار،
كۆيىدۇ يۈرىكىم كۆيىدۇ ۋاي - ۋاي.
ئاي شۇنچە ھەسرەتلىك، قۇياشمۇ مۇڭلۇق،
قىزىلگۈل توزۇيدۇ تولغىنىپ تۇرۇپ.
ئىزدەيمەن ھىدىڭنى تەرەپ - تەرەپتىن،
كېلىدۇ ئاۋازىڭ شامالدەك ئۇچۇپ.
ئاي غۇۋا قۇياشمۇ نۇرسىز شۇقەدەر،
بىر تەشۋىش يۈرەكنى تۇرىدۇ مۇجۇپ.
تۇراقسىز داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادا،
ئىشقىمغا قۇلاق سال سىردىشىم بولۇپ.
چېچىڭنى ئوينىسا كەپسىز شاماللار،
دەردلىرىم ئاھ ئۇرۇپ دەردكە يۆلىنەر.
ھەسرەتنىڭ، ئازابنىڭ جاڭگاللىرىدا،
ئۈستۈمگە تاغ بولۇپ چوغلار دۆۋلىنەر.
چېچىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئاي، يۇلتۇز،
قەلبىمگە چىڭدىدى گۈزەل قايغۇنى.
كۈندەشلىك قىلمىغان ئەركەك ئەر ئەمەس،
چاچلىرىڭ گوياكى دېڭىز دولقۇنى.
چاچلىرىڭ شامالدا يەلپۈنسە جېنىم،
خوشلىشار يۈرىكىم شادلىقى بىلەن،
دەردلىرىم بوي سوزار ئاسمانغا قاراپ،
قىزغىنىش يۈرەككە ياسايدۇ ۋەتەن.
چېچىڭنى يوشۇرغىن رومالىڭ بىلەن،
ئاي نۇرى سۆيمىسۇن، قۇياش كۆرمىسۇن.
يۈزۈڭنى كۆرسەتمە، كۆزۈڭنىمۇ ھەم
قىزىلگۈل قايغۇرۇپ، چولپان ئۆلمىسۇن.
چاچلىرىڭ شامالدا يەلپۈنسە جېنىم،
لاۋۇلداپ گۈرۈلدەپ كۆيىدۇ قېنىم.
باغرىمنى مۈشۈكتەك تاتىلار دەردىم،
چاچلىرىڭ شامالدا يەلپۈنسە جېنىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 09:56