كۆرۈش: 4624|ئىنكاس: 9

مەن قارا نوپۇس كىنىشكىسىغا ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
27847
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن قارا نوپۇس كىنىشكىسىغا ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟



قانۇن مەسلىھەتچىلىرىگە:

      مېنىڭ يۇرتۇم يوق، ئاتا - ئانام، ھېچقانداق ئۇرۇق - تۇغقىنىم، كىرىپ - چىققۇدەك ئۆيۈم، شۇنداقلا جۇڭگو گەرەجدانى ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان نوپۇس - كىملىكىممۇ يوق.
    بەلكىم بۇنداق دېسەم سىز نەدىن پەيدا بولغان دېيىشىڭىز مۇمكىن. مەن تۇغۇلۇپ 5 ياشقا كىرگەن يىلى دادام، ئانام ئاجرىشىپ  كېتىپتىكەن. شۇندىن بېرى ئانامنى كۆرۈپ باقمىدىم. دادام بولسا مېنى قارى قىلىمەن دەپ ئاخۇنۇمغا بەرگەن ئىكەن. مەن مەكتەپتە  ئوقۇمىغاچ زادىلا كاللامغا 4 - 5 ئاي بولسىمۇ ھېچنەرسە ئۆگىنەلمىدىم. ئاخىرى ئاخۇنۇم شۇ يېزىدا مەكتەپكە بەردى. 1 - سىنىپتا 5  يىل ئوقۇپ ساۋاتىم چىقتى ھەم شۇ يىلى دادام كېلىپلا مېنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ ئىلىپ كەلدى. دادامدىن ئاڭلىشىمچە دادام بولسا ئۈرۈمچىدىن، ئانام مارالبېشىدىن ئىكەن.
      دادام ئىچىكىرىگە تىجارەت قىلىمەن دەپ كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا مېنى بىللە  ئېلىپ كەتتى. بۇ دەل
مېنىڭ 10 ياشقا كىرەي دېگەن ۋاقتىم ئىدى. كۆرمىگەننى كۆردۈم، كۈنلەپ - كۈنلەپ ئاچ قالدىم...
      شۇندىن بېرى دادامنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىچكىرىدە نېمە ئىش قىلىدىغاننى دەپمۇ ئولتۇرماي، مەنچە بولسا ئىچكىرىدىكى بىرقىسىم «ئۇيغۇر» لارنى بىرىنىمۇ  قويماي تۇتۇپ، پويىزغا سولاپ شىنجاڭغا قايتۇرۇۋەتسە، بەلكىم مەندەك سەرگەردانلار يوق  بولاتتى، دەپ ئويلايمەن.
      مانا مەن چىققىلى بەش يىل بولدى، ھازىرغىچە ھېچ يەردە نوپۇسۇم يوق. 2008 - يىلى توردىن نوپۇس بېجىرىمىز دېگەن بىر خەۋەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. لېكىن ئالدىن پۇل  بېرىسىز، دېدى. يېرىمىنى بېرەي دەپ، يىمەي - كىيمەي يىغقان پۇلۇمدىن 4000 يۈەن پۇلنى ئۇنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەردىم.
      3 ئايدىن كېيىن يەنە 2000 يۈەن بەردىم. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى، ھەل بولمىدى، ئۇ قەشقەرلىك بىر بالىنىڭ 1 - ئەۋلاد كىلمىكىنى ماڭا بەردى، بۇ ساڭا ئەسقاتىدۇ، سېنىڭ ئىسمىڭ بۇ كىملىكتىكى ئىسىم شۇ، ئەگەر بىرەرسى كىملىك سورسا، مۇشۇنى  كۆرسەت، دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
      ئۇ كىملىكتىكى سۈرەت ماڭا ئوخشاپمۇ كەتمەيتى، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام كېلىپ بىر پارچە رەسىم بىلەن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ كېتىپ، ھەپتىدىن كېيىن ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرىپ كەپتۇ. ئۇمۇ بۇ يىل تولۇق كۈچكە ئىگە بولاتتى. ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ئۇنىڭدىن مېنىڭ نوپۇس ئىشىم، دېسەم، ئۇ كېلىپ يەنە بىر پارچە  سۈرەت بىلەن كىملىكنىڭ فۇيىن نۇسخسنى ئېلىپ كېتىپ، يەنە ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىپ كەپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل  ئۆتتى، ھەل قىلىپ بەرمىدى ياكى پۇلنى بەرمىدى، تېلېفون قىلسام، مېنى ئاۋارە قىلما، ھەل قىلىپ بولۇپ سېنى ئۆزۈم ئىزدەيمەن، دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئىككى ئاي ئۆتتى، يەنە تېلېفون قىلسام تېلېفوننى ئالمىدى. نەچچە كۈندىن بېرى تېلېفون ئۇرسام تېلېفونى توختاپ قاپتۇ.
      شۇ  ئاچمىغانچە 20 كۈنچە  ئېچىلمىدى. پۇل تۆلەپ ئېچىپ قوياي دەپ سۈرۈشتۈرسەم پۇلى بار، ئەمما ئۆزى توختىتىۋەتكەن ئىكەن. كۈندە ئۇرسام شۇ ھەل قىلىپ بولسا مېنى ئىزلەيدۇ، دەپ كارىم بولماپتۇ. بىرەر يىل بولاي دېدى، ئۇرسام بۇنداق نومۇر يوق دەيدۇ.
      پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىدى ياكى نوپۇسقا ئالدۇرۇپ بىرەلمىدى. قانداق قىلىشىم كېرەك؟
      مەن ھازىرمۇ باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، ئەگەر ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزسە مەن ئورنىدا جازالىنامدىم، بۇنى بىلمەيمەن.
      مېنى نوپوسقا ئالامدۇ؟ ئەگەر ئالمىسا مەن ھەرقانداق ئورۇن ئېتىراپ قىلىدىغان «قارا نوپۇس كىنىشكىسى» ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟
      مەن شۇ سەۋەبلىك توي قىلالمىدىم، 26 گە كىردىم، مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
      مەسلىھەت بېرىلسە.
      چ چ 1633431387
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 11:19  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:36:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئۇقمايدىكەنمەن، بولمىسا بەكمۇ ياردەم قىلغۇم بار ئىدى، بىلىدىغانلار بولسا سىزگە مەسلىھەت بەرسۇن، خۇدايىم ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن

Rank: 2

تىللا
106
تۆھپە
35
UID
18419
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:51:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئامال قىلىپ ئانىڭىزنى تېپىڭ، ئاندىن كېيىن  ئىسپات بولۇپ بېرەلەيدىغان گۇۋاھچىلارنى تېپىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:28:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، سىزگە ياردەم قىلالىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى !
سىز كىچىك تۇرۇپلا شۇنچە كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىڭىزمۇ ، لېكىن يازمىڭىزدىن سىزنىڭ مۇشۇ كەمگىچە باتۇرلۇق بىلەن ياشاپ كەلگىنىڭىزنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس . ئاتىللا ئەپەندى ئېيتقاندەك سىز ئاپىڭىزنى ئىزدىسىڭىز بولمامدۇ ؟ مېنىڭچە ، ئۇ سىزنى چوقۇم شۇنداق سېغىندى ، سىزنى باغرىغا باسقۇسى ، ئانىلىق مېھرى بىلەن باشلىرىڭىزنى سىلىغۇسى كەلدى ، بۇنىسى چوقۇم !
ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 14:28  

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەرھابا.مىجىت
تىللا
203
تۆھپە
70
UID
4844
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:48:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز،ئۆزىڭىز ھازىر تۇرۋاتقان جايدىكى ئائىللە كومتىتىگە كىرىپ ئۇلاردىن ئىسپات ئېلىپ،شۇ رايۇننىڭ پەيچۇسوسىغا ئىسپاتنى ئەكىرسىز،پەيچۇسو ناھىيەلىك گوڭ ئەن نوپۇس بۆلىمىگە ئۆزلىرى يوللايدۇ،بۇ جەرياندا سىز كۈن ئارلاپ بېرىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ تۇرسىز،ئەڭ كىچىكەندىمۇ6ئاي ئىچىدە تەستىقلىنىپ چىقىشى مۇمكىن.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1273
تۆھپە
792
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 15:09:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداا ھازىر سڭز تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومېتېتىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتىڭ ئۇلار يول كۆرسىتىشى مۈمكىن. بۇنىڭغا خېلى جەريان كېتىشى مۈمكىن باشقىلارغا ھاۋالە قىلماي ئىمكان بار ئۆزىڭىز مېڭىپ بىجىرسىڭىز بەك تەسكە چۈشمەس.
ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

Rank: 2

تىللا
122
تۆھپە
37
UID
23464
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:46:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئەڭ ياخشىسى بىر قابىل مۇخپىرنى تىپىپ  ئەھۋالىڭىزنى ئىيتىڭ شۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھىستاشلىقى(كۆڭۈل بۆلۈشى)نىي قولغا كەلتۈرەلەيسىز.ئاھالىلەر كومۇتىتىنى ئزدىسىڭىز ئۇلار سىزگە ئاللا قانداقتۇر مۇناسىۋەتلىك ئىسپات دىگەندەك پەتىۋالارنى دەپ ساقىلىڭىزغا ئاق كىرگەندىمۇ ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ.

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
28087
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 21:54:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى سىز بۇ تېممىڭىزنى نادىرلار مۇنبىرىىگە يوللاپ بېقىڭ . چۇنكى نادىرلار مۇنبىرىىدىكى  80%-90% يۇقىرى ئەزا ج خ  سېستىمىسىدىكى  كىشىلەر  چۇقۇم  سىزگە ياردەم قىلدىغانلار چىقىدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:34:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي ئىلاھىم! سىز ھازىر تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىڭ، دېگەن مەسلىھەت ئەڭ توغرا بوپتۇ. سىز ئالدى بىلەن شۇ يەرگە بېرىپ (ئەگەر سىز ھازىر ئىچكىرىدە بولسىڭىز) شىنجاڭغا يېنىپ چىقىپ، ئۇدۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نوپۇس بۆلۈمگە بېرىپ ئەھۋالىڭىزنى مەلۇم قىلىپ بېقىڭ... نوپۇسىڭىزنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى، تۇرمۇش ۋە نىكاھ ئىشلىرىڭىزنىڭ ۋاقتىدا، ئۇتۇقلۇق بولۇشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن...
      ھە راسىت، ھېلىقى قەشقەرلىق بالىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قويۇپ، ساقچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە ھېلىقى نوپۇس بېجىرىپ بېرىمەن، دەپ بېجىرىپ بەرمىگەن ئادەمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىدۇ. ھەم تارتقان زىيانلىرىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ تۆلىتىپ بېرىشى مۇمكىن...
سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىل
تىللا
183
تۆھپە
75
UID
125
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 19:48:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاقسۇ شەھرىدە رايۇن ساقچىسى .
بەلكىم ياردىمىم تىگىپ قالار .
13899266373
24- چسىلادىن كىيىنكى نۇرمال خىزمەت ۋاقتىدا تىلفۇن قىلىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:04, Processed in 0.080328 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991