ئۈرۈمچىنىڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن %50 يېڭى ئوقۇغۇچى تىزىمغا ئالدۇرغاندا « يېزا نوپۇسىنى ئالماشتۇرۇش » نى خالىمىدى
يادرولۇق ئەسكەرتىش: بۇ يىل تىزىمغا ئالدۇرغان 190 يېڭى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا ، يېزىلاردىن كەلگەن 17 يېڭى ئوقۇغۇچى نوپۇسىنى يۆتكىگەن ، تۆنۈگۈن ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس ماتېرىياللىرىنى رەتلىگەندە مۇنداق دېدى : ئىلگىرىكى بەس-بەس بىلەن «يېزا نوپۇسىنى ئالماشتۇرۇش »، ئەمدى سۇسلىشىپ قالدى !
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى : بۇ يىل تىزىمغا ئالدۇرغان 190 يېڭى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا، يېزىلاردىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ئاران 17 نەپىرى نوپۇسىنى يۆتكىدى . 12-سېنتەبىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس ماتېرىياللىرىنى رەتلىگەندە مۇنداق دېدى : ئىلگىرىكى بەس-بەس بىلەن «يېزا نوپۇسىنى ئالماشتۇرۇش »، ئەمدى سۇسلىشىپ قالدى ! ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندە، نوپۇسىنى « يېزىدىن ئالماشتۇرۇش » ئىلگىرى بىر مەھەل نۇرغۇن يېزا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى . بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك يېزىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى « يېزا نوپۇسىنى ئالماشتۇرۇش »نى تاللىمايدىغان بولۇپ قالدى . ئۇلار، نوپۇسىنى سىرتقا يۆتكىگەندە ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشى تەسكە چۈشىدىغانلىقى ، ئەگەر شەھەردە خىزمەت تاپالمىسا ، يېزىغا قايتىپ بارغاندىمۇ ئەسلىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغان كۈنلەردە ، مۇخبىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تۆت ئالىي مەكتەپتە 40 نەپەر يېزىدىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەيدىغان - يۆتكىمەيدىغانلىقى توغرىىسدا كىچىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . نەتىجىدە، % 50 تىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ نوپۇسىنى مەكتەپكە يۆتكەپ كېلىشكە تەييارلىق قىلمىغانلىقى ئايان بولدى .
شىنجاڭ پېداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى لى جۈن مۇنداق دېدى : « نوپۇسۇم يېزىدا بولسا، مېنىڭ يېزىدا يېرىم بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، يېزىدىكىلەر يەنە كۆپلىگەن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ . مەسىلەن: دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تولۇقلىما ياردەم پۇلى ، يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش-داۋالىنىش تۆۋەن كاپالەت ياردەم پۇلى ۋە نامراتلارنى يۈلەش مەبلىغى قاتارلىقلاردىن نەپ ئالالايدۇ . ئەگەر نوپۇسۇمنى يۆتكىۋەتسەم ، دېھقان بولماي قالىمەن، بۇ سىياسەتلەردىمۇ مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولماي قالىدۇ ».
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى يۈ دېجاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نوپۇسۇمنى ئائىلەمدىن يۆتكەپ كېلىش ئاسان بولسىمۇ ، ئەمما يۆتكەپ كېتىش بەك تەس . كېيىن قايتىپ كېتەلىسەممۇ شەھەر-بازار نوپۇسىغا كىرىپ قېلىپ، يېزا نوپۇسىغا ئۆتكۈزەلمەيمەن . بۈگۈنكى كۈندە « يېزا نوپۇسى» بولسا، « نامراتلىق » نىڭ بەلگىسى ئەمەس . چۈنكى، يەر بولسا، يېزا-بازار نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ « قىممەتلىك» ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كورلىدىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىسى خې جۈن مۇنداق دېدى: « بۈگۈنكى كۈندە، يېزىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىمىز شەھەر رايونىغا خېلىلا يېقىن . ئائىلەمدىكىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى چېقىش-كۆچۈرۈش ياردەم پۇلى جەھەتتىمۇ نوپۇسنى كۆچۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى ئويلىشىۋاتىدۇ » .
شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ پىڭ مۇنداق دېدى: « يېزا بالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى ئۆز جايلىرىنىڭ بىر مۇنچە يېزىلارغا نەپ بېرىش ، چېقىش-كۆچۈرۈش سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ، نۇرغۇنلىغان يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
شىنجاڭ پېداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: «يېزىلاردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلار نوپۇسىنى ئالىي مەكتەپكە يۆتكىگەندىن كېيىن ، يېزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ، يېرىمۇ بولمايدۇ ، ھەر خىل يېزىلارغا ئېتىبار بېرىش ۋە پاراۋانلىقتىنمۇ نەپ ئالالمايدۇ » . يېزىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ ، بىر مۇنچە جايلار يەنە يەر سېتىۋېلىش تولۇقلىمىغا پۇلىغا ئېرىشتى . بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان يېزا ئوقۇغۇچىلىرى نوپۇسىنى ئەسلى يۇرتىدا ساقلاپ قالىدىغان بولدى .
بۇ جەھەتتە ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى ، يېزىلاردىن كەلگەن بىر مۇنچە يېڭى ئوقۇغۇچىلار رېئاللىقنى كۆزلەپ نوپۇسىنى يۆتكىمەي ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئېلىپ كەلگەن پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ، ئوقۇش ئارقىلىق سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش دەۋرىنىڭ ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات