كۆرۈش: 11594|ئىنكاس: 13

گۈزەللىك ۋە ئۇيغۇر ساتىراشلىق سەنئىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27844
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۈزەللىك ۋە ئۇيغۇر ساتىراشلىق سەنئىتى


_MG_6109.jpg


    دۇنيادا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئادەمنىڭ گۈزەللىكى قەلب گۈزەللىكى ۋە تاشقى قىياپەت گۈزەللىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تاشقى گۈزەللىكىگە بولۇپمۇ چاچ گۈزەللىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، چېچىنى ناھايىتى چىرايلىق لايىھەلىتىپ يۈرگەن خانىم-قىزلىرىمىز، زەبەردەس ئوغۇللىرىمىز بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
    جەمئىيىتىمىزدىكى ئەنە شۇ چىرايلىق چاچلارنى ياساپ، بىزگە تاشقىي قىياپەت گۈزەللىكى ئاتا قىلىۋاتقان ساتىراشلىرىمىز پەردە ئارقىسىدىكى گۈزەللىك،ساغلاملىق، پاكلىقنى ياقلىغۇچى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. بىراق جەمئىيىتىمىزدە ئۆزى ھەپتىدە نەچچە قېتىم كىرىپ ئەشۇ ساتىراشلىرىمىزغا چېچىنى ياسىتىدىغان بەزى كىشىلىرىمىزدە ساتىراشلىق كەسپىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ساتىراشلىرىمىزنى ياراتمايدىغان، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ئەھۋاللار ھېلىھەم مەۋجۇت.
    مۇشۇ خىل ئەھۋالغا رەددىيە بېرىش، ساتىراشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇر ساتىراشچىلىقىنى خەلقىمىزگە نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللىك ۋە ئۇيغۇر ساتىراشلىق سەنئىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى  16-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.  
    ئۈرۈمچى تەسەۋۋۇر گۈزەللىك سالونىنىڭ مەسئۇلى ئابلېكىم مۇئەللىم ئۆزىنىڭ 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋىي بىلىملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن قېتىقىنىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق يېڭى چاچ پاسونلىرىنى لايىھىلەپ چىقىپ خەلقىمىزگە سۇندى. بىراق ئۇنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيدىغان يېرى كىشىلەرنىڭ ساتىراشلارغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ، پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئىدى.

_MG_6055.jpg


    - مەن ئۆزۈمنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدىكى چاچ پاسونلىرى، زامانىۋىي چاچ پاسونلىرىنى لايىھەلىيەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزى كىشىلەر بىزگە نىسبەتەن باشقىچە قارايدۇ، بىراق بىز چوقۇم كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان ناچار ئىدىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
    بۇ نۆۋەتلىك گۈزەللىك ۋە ئۇيغۇر ساتىراشچىلىق سەنئىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي سۆھبەت يىغىنىدا ئابلېكىم مۇئەللىم لايىھىلىگەن خىلمۇ خىل چاچ پاسونلىرى پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. سۆھبەتكە يەنە ئابلېكىم مۇئەللىمنىڭ كەسىپداشلىرى، ئۇ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساتىراشلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئابلېكىم مۇئەللىمنىڭ دوستلىرى، كەسىپداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ئابلېكىم مۇئەللىمگە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەغدىم ئەتتى.

_MG_6112.jpg


_MG_6059.jpg


_MG_6068.jpg


_MG_6082.jpg


_MG_6087.jpg


_MG_6092.jpg


_MG_6102.jpg


_MG_6106.jpg


_MG_6136.jpg


_MG_6145.jpg


_MG_6072.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:33:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىراشلار گۈزەللىك ياراتقۇچىلاردۇر ، كۆڭۈلدىكىدەك لايىھىلەنگەن چاچ پاسونى باشقىلارنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن  ، كىشىنىڭ روھى كەيپىياتىنى كۆتىرىدۇ .
بارلىق ساتىراش ئۇستاملارنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە ، تېخىمۇ جەلپكار چاچ پاسونلىرىنى لايىھىلەپ چىقىشىغا ، ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشمىز !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:08:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ بىر گېپى بار سەتراچ ئۆلمەيدۇ  بىز قېرىمايمىز، دەيدىغان  شۇنىڭدەك ساتراچلار  ھەرقانداق ئادەمگە گۈزەللىك بېغىشلىغۇچىلاردۇر،


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 23:08:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ساتراچ بولدىىكەن ئنسان گۇزەل ياشايدۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 23:40:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھې ھې ھې بىزلەر بولغاندا ساتىراچلار بولالايدۇ.....دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ....


Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:31:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن، مۇشۇ تىمىنى بىز بىلەن يۇز كورۇشتۇرگەن  مۇنبەرداش ‹‹چاچ››قا رەخمەت


Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
2
UID
27892
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:32:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى پائالىيەت بوپتۇ ، مەن كۇرۇپ خوشال بولدۇم .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1974
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:05:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ . مۇبارەك بولسۇن . مىللىي ئۇسلۇب ۋە زامانىۋىيلىقنى ماسلاشتۈرۈپ خانىم قىزلىرىمىزغا گۈزەللىك سوۋغا قىلغايسىلەر ...

سىزنىڭ بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىشڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 3Rank: 3

تىللا
238
تۆھپە
76
UID
4624
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 15:38:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
554
تۆھپە
162
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 16:13:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى باشلىنىش، ھۇررا!!!!!!!!!!!!!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:25, Processed in 0.087812 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991