ھېكمەتلەر
بىزگە مۇكەممەللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتى بېرىدىغان بىر ئىش بار ،ئۇ بولسىمۇ ئاتا بولۇش .
مۇھەببەتنىڭ ئۆز ۋاقتى ،ئۆز پەسلى بار ،كېلىشى ،كېتىشنىڭمۇ سەۋەبى بار .سەن ئۇنى پارا بېرىش ،مەجبۇرلاش ياكى تەلىم بېرىش ئارقىلىق ساقلاپ قالالمايسەن .
بىز ئەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاياللارغا ياردەم بېرىپ ،ئۇلارنى ئۆز تۇرمىشى ئۈستىدە غەم -ئەندىشىسىز ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم .
سىناپ باق ،ئالدى بىلەن باشقىلارنى سۆيۈپ ،ئاندىن ئۇلاردىن سوئال سورا ،دۇنيانىڭ ساڭا قۇچاق ئاچقان -ئاچمىغانلىقىغا ،سەن باشقىلارغا بېغىشلىغان پارلاق نۇرنىڭ ئۆزۇڭنى ھەسسىلەپ يورۇتقان -يورۇتمىغانلىقىغا قارا .
سەن ھاياتىڭدىكى مەيۈس چاغلارنى ئىزدەپ تېپىشنى ئۆگنىۋال ،چۈنكى ئۇ بىباھا گۆھەر.
سەن تۇرمۇشتا بەخىتسىزلىكە ياكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچرىمىساڭ ،دۇنيادا يەنە مىڭ خىل ،مىليون خىل تۇرمۇش شەكىللىرىنىڭ بارلىقىنى ،سېنىڭ تۇرمۇشۇڭنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەت بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ھەممە تەرىپىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشۇڭدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى قانداق بىلىسەن ؟