كۆرۈش: 7225|ئىنكاس: 6

قاشتېشى شاھى چەرچەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1305
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاشتېشى شاھى چەرچەن



(چەرچەن ناھىيەسىنىڭ9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان6-نۆۋەتلىك قاشتېشى،مەدەنىيەت،ساياھەت بايرىمىغا بېغىشلايمەن)



قاشتېشى شاھىسەن ئەي ئانا ماكان،

يۈكسەلدىڭ،يۈكسەلدى خەلق بۇ زامان،

سەن بىلەن ئەمەلگە ئاشماقتا ئارمان،

كۆز تىكىپ باقماقتا ھەممە يەر جاھان،

ماڭدۇق بىز غەيرەتتە غەلىبە  تامان.



(1)سېنىڭدە جىنىسنى ئالغان كۆمەچمۇ،

سېنىڭدە جىنىسنى ئالغان قاشتېشمۇ،

سېنىڭدە ئەڭ يۇغان ئەجدىھار باشمۇ،

سېنىڭدەغۇڭقۇدەك قالتىس كەشىپمۇ،

قاشتىشى شاھى دەپ نامىڭ تارالغان.



(2)‹‹بەش››چەرچەن قۇرۇشقا چىقتۇق سەپەرگە،

قاشتېشى كۈيىنى ئېيتىپ سەھەرگە،

باغلاندى ئەقىدە ساڭا ھەم  ئەلگە،

ئاتلاندۇق ئېچىشقا ئۇلۇغ زەپەرگە.

قىلىمىز دۇچ كەلسە تاغنىمۇ تالغان.



(3)ياسالدى ئاجايىپ ئاللىچى راۋاپ،

سېلىندى تۆگە ۋە قوتازدا كاۋاپ،

تۇخۇممۇ كۆمۈلدى شەنىڭگە ئاتاپ،

باغرىڭنى ھەر ياقتىن قىلماقتا تاۋاپ،

سەن شۇنداق ئۆزگۈچە بۈيۈك ئاتالغان.



تىزگىنلەپ قۇملارنى قىلدۇق چىمەنزار،

سەيلىگاھ ئەمدى قۇم ھەممە  ئىنتىزار،

قۇملاردا زەدەكمۇ ئەڭ ئىسىل تاۋار،

ھۇسۇلدىن ھەممىمىز شۇنچە ئىپتىخار،

ئۈزۈلمەس ھەر ياقتىن ئايىغى مېھمان.



ئوخشايدۇ سېنىڭدە ئاشلىق زىرائەت،

چىلان ۋە كېۋەزمۇ ئاينار كارامەت،

دېھقاننىڭ چېھرىدە كۈلەر دارامەت،

بەك ياقتى ئۇلارغا يەرلىك سىياسەت،

يوللىرى بولغاچقا  پارلاق ۋە راۋان.



(4)تۇرىدۇ تۆمۈركان،قاتلىشتا مىس كان،

كوزۇر بوپ ئوتتۇرىدا قىلماقتا جەۋلان،

تاتلىقسۇ ئەزەلدىن قاشتېشى ماكان،

كاپىدا ئالتۇندىن ئالماقتا خامان،

قارائاتا يولىدا تۈزلەندى داۋان.



كەپىلىك مەھەللە ئۆزگەردى پەقەت،

ئورنىغا بىنالار سېلىندى رەت-رەت،

تاڭشەنمۇ بىر ياقتىن بەرگەچكە مەدەت،

(5)زۇمرەتلىك بۇلاقتا قىززار ساياھەت،

سېسىق سۇ يىكەنى قويمىدۇق ئامان.



(6)پەرۋاز قىپ ئۇچۇشقا  سېلىندى ئۇلمۇ،

(7)چوڭ سۇلاق ئامبىرىغا ئېچىلدى يولمۇ،

سۇ يىتىپ چۆللەرگە ياشاردى كۆلمۇ،

يايلاقلار ئوڭشۇلۇپ ئېلىندى تۆلمۇ،

شورداڭدا بىر شەھەر سۈرمەكتە دەۋران.


ئۆرلىگىن يەنىمۇ،ئۆرلىگىن كۆككە،

قوينۇڭدا يىتەيلى ئارمان تىلەككە،

كۈچ بەرگىن ئۆرلەشتە تالغان بىلەككە،

پارتىيە يۆلەيدۇ سېنى ئەبەتكە،

ئالدىڭدا توسقۇدەك يوق ھېچ بىر تۇمان.



(1) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمەچ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىستىن ياسالغان ئەجدىھار بېشى،غۇڭقا قاتارلىقلارغا جىنىس گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن. (2)بەش چەرچەن قۇرۇش نىشانى كانچىلىقتا تەرەققىي قىلغان چەرچەن،چىلانچىلىقتا بېيىغان چەرچەن،ئىكولوگىيەلىك چەرچەن،بەخىتلىك چەرچەن،گۈزەل چەرچەن.(3)بۇ يىل قاشتېشى بايرىمىغا ئۇزۇنلىقى 2مىتىردىن ئاشىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاللىچى راۋاپ ياسالدى تۆگە بىلەن كالىدا پۈتۈن بىرلا ۋاقىتتا تونۇر كاۋىپى سالماقچى.يەنە 10018تۇخۇمنى بۇ قېتىمقى بايرامدا بىراقلا قوقاستا پىشۇرۇپ دۇنيا جىنىس قامۇسىغا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىندى (4)تۇرا چارۋىچىلىق فېرمىسىدا تۆمۈركان،ئاچچان يېزاقاتلىش كەنتىدە مىس كان ئېچىلدى.تاتلىقسۇ،قارائاتالارنىڭ قاشتېشى تارىختىن بۇيان داڭلىق. تارىختىن بۇيان كاپا ئالتۇن كېنىنىڭ نامى بار.(5)تاڭشەن شەھرى ياردەم قلىپ زۇمرەت بۇلاق ساياھەت رايۇنى قۇرۇلدى.(6)ئايرۇپىلان ئىستانسىنى كېڭەيتىپ كۆچۈرۈشكە ئۇل سېلىندى.(7)چوڭ سۇلاق سۇ ئامبىرى قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلاندى.
چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1254
تۆھپە
694
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 13:36:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز كۈندە ئۇ يەردىكى قاشتېشىمۇ تۈگىگۈدەك...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 16:02:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەڭ چوڭ كۆمەچ ، ئەڭ چوڭ قاش تېشى ، ئەجدارھا بېشى ، غۇڭقا قاتارلىقلار  چەرچەننىڭ گۆھەرلىرىكەنغۇ  ؟! خۇددى دۆلەت گۆھىرى دىگەندەك !
يۇرتىڭىز چەرچەن تېخىمۇ پارلاق تەرەققىياتقا قاراپ قۇچاق ئاچقاي  ! ئىشچان ، ئەقىل - پاراسەتلىك چەرچەن خەلقى  تېخىمۇ باياشات تۇرمۇشقا قەدەم  قويغاي ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 16:35  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:12:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(1)سېنىڭدە جىنىسنى ئالغان كۆمەچمۇ،

سېنىڭدە جىنىسنى ئالغان قاشتېشمۇ،

سېنىڭدە ئەڭ يۇغان ئەجدىھار باشمۇ،

سېنىڭدەغۇڭقۇدەك قالتىس كەشىپمۇ،

قاشتىشى شاھى دەپ نامىڭ تارالغان.


         جېنىس خېلە باركەن ھە چەرچەندە




Rank: 8Rank: 8

تىللا
1305
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:09:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەرچە ناھىيەسى 6نەرسىدە جېنىس گۈۋانامىسى ئالغان.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 23:53:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
31
تۆھپە
7
UID
27863
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:05:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:10, Processed in 0.078578 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991