كۆرۈش: 19567|ئىنكاس: 11

ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋېلىشقا ئالدىرماي تۇرۇشسىلا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
20
UID
27364
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 14:28:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋېلىشقا ئالدىرماي تۇرۇشسىلا...



     ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋېلىشقا ئالدىرىماي تۇرۇشسىلا، ما يىتىم ئادەتتىكى كارتا يېمەيدۇ دەيمەن2012-يىلىنىڭ تۆنۈگۈنى يەر شارىدىكى يانفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن بولدى. چۈنكى ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ غايىۋى ئېمپىرىيە بەرپا قىلغان ئالمىنىڭ، بىز كۈتكەن يېڭى بىر ئەۋلات ئەقلىفونى iPhone5 ئېلان قىلىندى. يىڭى مەھسۇلات ۋە ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىمىزنى ئالدىنقى تېمىدا بايان ئەيلەپ ئۆتتۇق. شۇڭا چوڭ قۇرۇق بازىرىغا ھازىرچە كىرمەيدىغان بۇ ناتونۇش مېھمان ھەققىدە جىق سۆزلىمەي نەق ئۆزىمىزنىڭ گېپىگىلا كىلەيلى.
     ئۆزىمىز ھەققىدە گەپ باشلاشتىن بۇرۇن ما يېڭى ئالمىغا ئازراق باھا بېرىپ ئۆتەي. مەن تونۇيدىغان ئايفون ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاز بىر قىسىمىدىن سىرت كۆپىنچىسى بۇ قېتىمقى يېڭى ئايفوندىن ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. تورلاردىن كۆرۈشۈمچە بۇ قېتىمقى ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى خەلقئارادىمۇ خېلى زور ئۈمۈدسىزلىك كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەندەك قىلىدۇ. مەيلى ئىچكى سەپلىمىسى بولسۇن ياكى سىرتقى لايىھەلىنىشى بولسۇن كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئاجايىپ يېرى يوق. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن شەخسەن مەن يەنىلا ئالمىنى قوللايمەن. دوستلار قانداق قارايدىكىن ئۇنى بىلمىدىم.
     ئەمدى نەق گەپنى باشلاي. تۆنۈگۈنكى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ھەممىڭلار كۆردۈڭلار. ئالمىنىڭ SIM كارتا ئېغىزى ۋە ئۇلاش ئېغىزى كىچىكلىتىلگەن. Engadge نىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا iPhone5 كە nano-SIM كارتىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى چوڭ كارتا (SIM) ۋە كىچىك كارتا (micro-SIM) نىڭ ھېچقايسسىغا ئوخشىمايدىكەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ھەر ئىككى خىلدىكى كارتىنى كېسىپ  nano-SIM كە ئايلاندۇرغىلى بولمايدىكەن.( ھەر قېتىملىق يىڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا نۇرغۇن دوستلىرىمىز تور ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق، ئالدىن خوڭكۇڭ نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئالدىراپ خوڭكۇڭ ۋە باشقا نەشىردىكى ئايفونلارنى سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز.)
    ھازىرقى مەملىكىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ تېلېگىراف ئېمپىرىيىسى : بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ ھېچقايسسىدا  nano-SIM يوق بولۇپ، بۈگۈن تورداشلارغا ئەسكەرتمەكچى بولغۇنىمىزمۇ شۇ، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن دوستلىرىمىزنىڭ iPhone5 رەسمىي ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىشىدىن بۇرۇن، ھەرگىزمۇ خوڭكۇڭ نەشىرىنى ئالدىراپ سېتىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن سىلەرنىڭ يولىقىدىغان تەقدىرىڭلار.
1.دۆلەت ئىچى كۆچمە مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنەلمەيسىز _ چۈنكى كارتىڭىزنى كېسىپ سالغىلى بولمايدۇ. تېلېفون ئۇرالمايسىز، تورغا چىقالمايسىز.
2.كارتا سالغىلى بولمىغاندىكىن ئامراق ئايفۇنىڭىزنى ئاكتىپلىيالمايسىز شۇ.
مەنبە:تورخۇمارلار كۇلۇبى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
89
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 16:42:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا يەنىلا ئۆزەمنىڭ ئامراق تىلفۇنى سەنشىڭ 19220نى ئىشلىتەي.


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
340
تۆھپە
178
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:26:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا شۇلىڭتۇڭ ئىشلىتىۋىراي


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:28:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا  شۇ سەنشىڭ  ياخشى تۇرامدۇ  نېمە..ھازىرغا قەدەر ئىشلەتكەنلەر ئىچىدىن ھەممىسدىن بۇ  ماركا  ياخشىكەن دەپ قارىدىم..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1379
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 20:09:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا ‹شىياڭگاڭ نەشىرى› دېمەي ‹خوڭكۇڭ نەشىرى› دەيسىز؟؟؟


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 23:49:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى دەپ سەنشىڭ تېلفۇن ياخشكەن


Rank: 2

تىللا
143
تۆھپە
45
UID
1941
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:59:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 18:09
نېمىشقا ‹شىياڭگاڭ نەشىرى› دېمەي ‹خوڭكۇڭ نەشىرى› دەيسى ...

شىياڭگاڭ  دېگىنى سېپى ئۆزىدىن خەنزۇچە گەپ .بەلكىم  مۇئەللىپنىڭ خەنزۇچە ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكۈسى كەلمىگەندۇ...خوڭكوڭ  دېگىنى ئىنگلىزچە ئاتىلىشى....


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1974
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:10:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاڭلىغان ، شاڭگاڭ ، ئاۋمىندىن باشقا جايدا بۇ تېلفۇننى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن ، iphone 5 نىڭ تور يولى 3G بولماستىن بەلىكىم 4G بولغىنى ئۈچۈن بولسا كىرەك ...


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1379
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 16:44:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Turkbash يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 01:59
شىياڭگاڭ  دېگىنى سېپى ئۆزىدىن خەنزۇچە گەپ .بەلكىم  مۇئ ...

ئۇنداقتا ئۇيغۇرچىسىنى ‹خۇشپۇراق ئارال›دەپ ئاتامدۇق


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
880
تۆھپە
411
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:17:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بەزى چاغلاردا مۇشۇ خاشۇ دەللالنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنىمۇ ياخشى ئىكەن


http://uygur.xjjt.gov.cn/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:29, Processed in 0.080153 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991