قان تىپىغا قاراپ كۆڭلىڭىزدىكىدەك يىگىت تاللاڭ
ئوغول دوستىنى ياخشى تاللاپ تۇتسىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئەرگە تېگەلەيسىز.ئۇنداق ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ سىزگە تولىمۇ كۆيۈنىدۇ،ھالىڭىزغا يېتىدۇ،ھەممە ئىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ.بىراق ناۋادا سىز شۇ پەيىتتە چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ باقماقچى ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئېرىڭىز بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز،بۇ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ.چۈنكى كۆرۈۋاتقىنىڭىز ئېھتىمال ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى بولۇشى ،ئىچكى دۇنياسى بولماسلىقى مۇمكىن،شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قان تىپىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى بىلسىڭىزلا،ئۇنىڭ ھەقىقىي مىجەزىنى چۈشەنمىكىڭىز ئۇنچە تەس ئەمەس،ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئېرىڭىز بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.
«ئا » قان تىپىدىكى ئوغۇللار
ئىچ مىجەزلىك،مەسئۇلىيەتچان،چىقىشقاق،مۇلايىم كېلىدۇ؛ئىچ مىجەزلىك بولسىمۇ،مەسئۇلىيەتچانلىقى،ئائىلىنى مۇھىم بىلىدىغانلىقى بىلەن قىزلارغا يارايدۇ.
بۇ قان تىپىدىكى ئوغۇللار بولۇپمۇ كوللىكتىپ تۇرمۇشتا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايەن قىلىپ،مۇھىم مەسئۇلىيەتنى،ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.
شۇغىنىسى ،بۇ قان تىپىدىكى ئوغۇللار ئەتراپىدىكىلەرگە زىيادە غەمخورلۇق قىلىدىغان،باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بولغاچقا،كۈندەشلىكىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
«ب » قان تىپىدىكى ئوغۇللار
ئوچۇق-يورۇق،قىززىقچى،ئەركىن،شۈكۈر-قانائەتچان كېلىدۇ؛بۇنداق ئوغۇللارنىڭ ئوچۇق -يورۇق ،ئەركىن مىجەزى ئۇلارنى سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىپ ،ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ؛
شۇغىنىسى،بۇ قان تىپىدىكى ئوغۇللار ئۆزىنىڭ گېپىدە زىيادە چىڭ تۇرۇۋالدىغان ۋە ئەركىن يۈرۈشنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا ،باشقۇرۇشقا كۆنمەيدۇ،شۇڭا ئۇندا ئوغۇللارغا ئىتائەتچان،تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆيۈنىدىغان قىزلارلا ماس كېلىدۇ.
«ئاب» قان تىپىدىكى ئوغۇللار
ئۆزگىرىشچان مىجەزلىك ،كۆيۈمچان،چىقىشقاق كېلىدۇ،بەزىدە باشقىلارغا تەبەسسۇم بىلەن قىزغىن، تېتىك مۇئامىلە قىلسا، بەزىدە قاپىقىنى تۈرۈپ، تۇتۇلۇپ سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ بۇنداق مىجەزىگە قاراپلا ئۇلارنى «مىجەزى بىنورمال،چۈشەنگىلى بولمايدۇ»دەپ قارىساق بولمايدۇ.
بۇ قان تىپىدىكى ئوغۇللار ئۆزگىرىشچان مىجەزلىك بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە سەمىمىي ،دوستانە،ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي كېلىدۇ؛ئۇلارنى كۆپرەك چۈشەنسىڭىز ئۇلارغا كەڭ قورساق بولسىڭىزلا،ئۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيسىز.
«ئو »قان تىپىدىكى ئوغۇللار
جاسارەتلىك ، دىلى بىلەن تىلى بىردەك، ئاددىي، بىۋاستە كېلىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، كۈچلۈك كەسىپچانلىق روھىغا ئىگە، ئىشنى تىرىشىپ نىشانىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ،تولىمۇ جەلىپكار كېلىدۇ؛بىرنى بىر دەيدىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگەئېرىشىدۇ.
شۇغىنىسى،بۇ قان تىپىدىكى ئوغۇللار پىلان بىلەن ئىش قىلىدىغان ،ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىدىغان بولغاچقا،كۆپ سانلىق قىزلارنى نەزەرىدە ھاكاۋۇر،تېرىسىگە پاتماي قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا شۇنداق مىجەزلىك قىزلارلا ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرەلەيدۇ...
مەنبەسى-ھاياتلىق 2012-1-سان