جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز
يۈرىكىدە ئوتلۇق ئارمانلار ،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
ئارام بەرمەس نۇرلۇق خىياللار،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
يۈرىكىدە بىر ئۇلۇغ گۈلخان،
كۈتۈشلىرى كۆتۈرگەن چۇقان،
چۇچۇپ-چۇچۇپ قارىغاچ ھەريان،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
ئارام بەرمەي سېغىنىش، پىراق،
ھەسرەتلىرى ئۇزاق بەك ئۇزاق،
يېڭى چىققان ئوسمىدەك ئوماق،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
لەۋلەر كۆيگەن چاغلارنى ئويلاپ،
بار ئەلەمنى باغرىغا چىڭداپ،
ئۆز-ئۆزىگە دەردلىك شىۋىرلاپ،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
تونۇش شەپە كەلمەيدۇ ئەجەپ،
ئارمانلىرى كۈيەر گۈرۈلدەپ،
كۆزلىرىدە دەريا ئىسەدەپ،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
سېغىنىشتا بۇلبۇلدەك سايراپ،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
تەكرار-تەكرار كاككۇكتەك زارلاپ،
جىگدىلىكتە يىلىم ئالار قىز.
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان
ئەگىپ يۈرەر بۇرۇتلۇق ئەركەك،
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان .
ۋۇجۇدىدا بىر تاتلىق تىترەك،
باغرىدا چوغ ، يۈرىكى گۈلخان.
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان،
باشتىن-ئاخىر سۆيگۈ يانغىنى.
تاڭغا تەشنا ئوتلۇق بىر ئارمان،
لەۋلىرىدە سۆيگۈ قاينىمى.
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان،
قۇچاق ئېچىپ كېلەر بىر يىگىت.
كۆزلىرىدە مۇھەببەت قىيان،
باسار ئۇنى باغرىغا جىمجىت.
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان،
تەشنالىقتا ئەركىن ئەركىلەش.
ئۈمىدلىرى قۇياش چاقنىغان،
تاتلىق سۆيۈش، شىرىن بىر بەزلەش.
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان ،
تاغ ياسالغان چوغلار دۆۋلىنىپ.
گۈللەر ھىچكىم پۇراپ باقمىغان،
بەس-بەس بىلەن كەلگەن كۈيلىنىپ.
جۈپ-جۈپ قۇشلار ئايلىنار لەرزان،
بەسلىشىدۇ ئىگىزدە ، كۆكتە.
قىز چۈشىدە رىسىدە بولغان ،
ھىد چاچىدۇ گۈللەر بەس-بەستە.