كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 2

سۆيگۈنىڭ تۇغۇلغان كۈنى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
495
تۆھپە
145
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 21:54:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيگۈنىڭ تۇغۇلغان كۈنى


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


ئاي تۈنەيدۇ جانان كۆزىدە،
نۇر ۋەسلىدە تۈنلەر خۇمارلىق.
ھىجران يېشى ۋاپا يۈزىدە،
سېغىنىشلار شېرىن،جاپالىق!


بۇلاقلاردىن ئوچۇمدا سۇنى،
بۇلۇت تەييار ئىچمەكچى بولۇپ.
شوقلۇق قىلىپ پۈۋلەيدۇ ئۇنى،
شامال پەرى نازلىق تولغۇنۇپ...


ئاي سېھرىنى يوقاتمىغان ھېچ،
تۈنەكلەردەك ئىشىكلەر قىيا.
سۈزۈك ھېسلار،پاكىزە ۋۇجۇت،
قىبلىگاھ،چىن ۋاپادار  سەھرا!


جىگدىلەرنىڭ ياپراقلىرىغا،
سىرلار تۆككەن شامالنىڭ ئۈنى.
ھايات ھېسى،پاكلىققا تولغان،
بۇ سۆيگۈنىڭ تۇغۇلغان كۈنى!


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 21:16:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىر  ئىنتايىن سۇزۇك  سۇپ -سۇزۇك  قاش تىشىدەك  سۇزۇك تۇ يغۇ بىردىكەن، مەن شۇنچىلىك  دىيەلىدىم بەك ياخشى چىقىپتۇ


Rank: 1

ئىسىمى
ئەزىزە
تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27896
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 02:11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي سېھرىنى يوقاتمىغان ھېچ،
تۈنەكلەردەك ئىشىكلەر قىيا.
سۈزۈك ھېسلار،پاكىزە ۋۇجۇت،
قىبلىگاھ،چىن ۋاپادار  سەھرا!
بۇ مىسرا ماڭا بەك ياقتى، ئەزا بولۇپلا تۇنجى بولۇپ بۇنداق ياخشى شېئىرنى كۆرۈپ بەكلا زوقلاندىم! ئەسەر ئىگىسىگە رەھمەت! ئىلھام تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:15, Processed in 0.069021 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991