- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
- جۇغلانما
- 595
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2012-8-31
- UID
- 25911

- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- UID
- 25911
|  |  |  |  | «لېي فېڭدىن ئايرىلغان كۈنلەردە» فىلىمى توغرىسىدا 
سىنارىست-ۋاڭ شىندۇڭ.رېژىسسور-جاڭ گۇاڭفۇ. ئاساسلىق روللاردا: لىيۇ فېيچى، چۈنلى قاتارلىقلار قەشقەر ۋىلايەتلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە بۆلىمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇلۇغ جەڭچى-لېي فېڭ 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىش ئۈستىدە سەبدىشى-چاڭ ئەنشەن بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا توساتتىن قاتتىق يامغۇر يېغىپ،يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكتىن يول بويىدىكى تۈۋرۈككە ماشىنا سوقۇلۇپ كېتىپ، بۇ تۈۋرۈك يول بويىدا قۇماندانلىق قىلىۋاتقان لېي فېڭنىڭ بەختىگە قارشى بېشىغا تېگىپ يارىلاندۇرىدۇ. سەبداشلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ۋاختىدا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي لېي فېڭ 22 ياش ۋاختىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. سەبدىشى-چاڭ ئەنشەن لېي فېڭنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ،قالغانلىقتىن قاتتىق ئازاپ ئىچىدە قالىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس-ماۋزېدۇڭ لېي فېڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىشلىرىغا ئاساسەن ئۇنى ياخشى ئۈلگە قىلىپ تەيىنلەيدۇ ھەمدە ماۋزېدۇڭ 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە:«يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنىڭلار» دەپ چاقىرىق قىلىدۇ. سەبدىشى-چاڭ ئەنشەننى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. چاڭ ئەنشەن سەبدىشى لېي فېڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قاتتىق ئازاپلىنىپ، ئۇنى داۋاملىق ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ بىر قىتىم يۈك ئاپتوموبىلىدا يۈك توشۇۋېتىپ، توساتتىن يول ئۈستىدە ماشىنا سوقۇۋېتىپ يېتىپ قالغان بىر بوۋاينى ئۇچرىتىدۇ. چاڭ ئەنشەن دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ بوۋاينى ماشىنىسىغا سېلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈتىدۇ ۋە داۋالىتىدۇ. بوۋاينىڭ بالا-چاقىلىرى چاڭ ئەنشەننىڭ ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بەلكى، «دادامنى سەن سوقۇۋەتتىڭ» دەپ خاتا چۈشۈنۈپ چاڭ ئەنشەنگە ئازار بېرىشىدۇ ھەمدە «داۋالىنىش پۇلى ۋە روھى زىياننى تۆلەيسەن» دەپ ئۆكتەملىك قىلىشىدۇ. ئەسلىدە باشقا بىر شوپۇر بۇ بوۋاينى ياتقان يېرىدە كۆرگەن بولسىمۇ تۆھمەتكە قېلىشتىن قورقۇپ بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمايدۇ. بوۋاينى قۇتقۇزۇپ قېلىپ قاتتىق ھاقارەتكە ئۇچرىغان چاڭ ئەنشەن قاتتىق دەرتكە قالىدۇ. بوۋاينىڭ بالىلىرى يەنىمۇ ئەزۋەلەپ چاڭ ئەنشەنگە:«سەن لېي فېڭنى ماشىناڭدا سوقۇۋەتكەن قاتىل» دەپ ئەيىپلەيدۇ. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئاخىرى بوۋاينى سوقۇۋېتىپ قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىنى تېپىپ، چاڭ ئەنشەننى ئاقلايدۇ. بوۋايمۇ ئاخىرى چاڭ ئەنشەندىن كەچۈرۈم سوراپ رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. كەڭ ئامما چاڭ ئەنشەننىڭ بۇ خىل قەيسەر روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا گۈلدەستىلەرنى تۇتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىشىدۇ. فىلىمنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!



يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى15-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر
|  |  |  |  |
|
|