ياشلىقتىكى مۇھەببەت
ئۇچراشساقلا تەلمۈرىسەن تىكىلىپ،
ئۈزەلمەستىن كۆزلىرىمدىن كۆزۈڭنى.
گاھ قويارسەن كالتە-كالتە يۆتىلىپ،
ئېيتالماستىن يۈرەكتىكى سۆزۈڭنى.
ئۈزەلمەيسەن كۆزلىرىمدىن كۆزۈڭنى.
گاھ قويارسەن كالتە-كالتە يۆتىلىپ،
كەلگىنىڭدىن بەرگىنىڭمۇ بىشارەت.
تەشنا قەلبىم كېتەر چەكسىز سۆيۈنۈپ،
سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بولۇپ بىتاقەت.
بولغاچ جانان بىر ساڭىلا ساداقەت.
سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بولۇپ بىتاقات.
ماراپ باقتىم دەرىزەڭدىن ئۆيۈڭگە.
كۆرەلمىگەچ دىدارىڭنى ئاھ...پەقەت،
ئايغا باقتىم ئوخشىتىپ ئاي يۈزۈڭگە.
شۇنداق ئىكەن ياشلىقتىكى مۇھەببەت.
ئايغا باقتىم ئوخشىتىپ ئاي يۈزۈڭگە،
ئاي يۈزىدە داغ بار ئىكەن تاتلىقىم.
تەڭلىشەلمەس ئىكەن ئايمۇ ئۆزۈڭگە،
پەرىزاتتەك گۈزەل قەلەم قاشلىقىم.
پەقەت سەنلا مېنىڭ قەلب شادلىقىم.
تەڭلىشەلمەس ئىكەن ئايمۇ ئۆزۈڭگە،
بولالماسمەن جانان سېنى تەرىپلەپ.
تەلمۈرىمەن گۈلدەك گۈزەل يۈزۈڭگە،
قويغاچقا سەن يۈرىكىمنى زەرەتلەپ.
تېزرەك كەلگىن قوياي سېنى شەرەتلەپ.
قويغاچقا سەن يۈرىكىمنى زەرەتلەپ،
كېتەلمەيمەن ئەتراپىڭدىن يىراققا.
ئۆتەر كۈنۈم يوللىرىڭدا تەمتىرەپ،
تەلمۈرگەندەك پەرۋانىلار چىراغقا.
مەلھەم بولغىن ئاچچىق ھىجران-پىراققا.
تەلمۈرگەندەك پەرۋانىلار چىراغقا،
ئىنتىزارمەن ۋىسالىڭغا نىگارىم.
تۇتقۇن قىلما قىيناپ يەنە ئازابقا،
چېچەك ئاچسۇن سۆيگۈڭ بىلەن باھارىم.
سەن بىلەنلا ياشاش ئەھدى-قارارىم!
( ئەركزات يازمىلىرىدىن )