ئاپتونوم رايونىمىزدا نېمىشقا دەپنە ئىدارىسى قۇرۇلمايدۇ؟
دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسى بولسا چەتئەللەردە ئاساسەن ئومۇملاشقان بولۇپ بىر ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز پۇقراسىغا ئىگە بولۇپ ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇشى ھېساپلىندۇ .
1. ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەت بىكىتكەن قانۇن دوختۇرى ئۆلگۈچىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ
2.ئۆلگۈچىگە ئۆلگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىدۇ .ئۆلگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىشنىڭ ئەھمىيتى بولسا ئۆلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرنىڭ مۇشۇ ئىسپات ئارقىلىق تۈرلۈك ھوقوق مەنپەتلىرى قوغداپ قىلىندۇ .تىخىمۇ كونكىرىت ئىلىپ ئىيىتساق بانكىدىكى ئامانەت پۇللىرى ئۆي جاي مۈلۈكلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچىرشىنىڭ ئالدى ئىلنىپ ۋارىسلارنىڭ قولىغا تولۇق تىگىشگە كاپالەتلىك قىلىندۇ.
3. ئۆلگۈچىنى قويغۇدەك قەبرىسى بولمىسا ھۆكۈمەت ئاممىۋىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.(ئاممىۋى قەبرىستانلىق دىگىنىمىز نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ جەسىتىنى قەبرە قاتۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا مەلۇم بىرجايغا دەپنە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ)
4.ھۆكۈمەت ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىردىن ئاددىي بولسىمۇ ھال سورايدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ يەسىرىلىرى ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى تۈپەيلى ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ قىينىلىدىغان ئەھۋال بولسا دەپنە ئىدارىسى تولۇق تەكشۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتكە بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلات سۇنۇپ ھۆكۈمەتكە قۇتقۇزۇشقا ئىلتىماس قىلىپ بېرىدۇ . مېنىڭچە مانا بۇ پۇقرانىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىردىمۇ كاپالەتلەندۈرلۈشى ھىساپلىندۇ . مېنىڭچە بۈگۈنكىدەك ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ھەممە ئىشلاردا ئاممىنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەش ، ئىلمىي تەرەققى قىلىش سۆزلىنۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ خەلىقنىڭ ئاخىرەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دەپنە ئىدارىسى بولۇشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا نېمىشقا دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرۇلمايدۇ؟