تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ئاساسىي ئېقىم
تېلېۋىزىيەفىلىملىرىدىلا ساپلا زەردارلارنىڭ پۇلنى توپىدەك سورىۋاتقان سالاپىتىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ،ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلارنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.پەقەت كۈنىگە ئون تۈمەنلەپ پۇل تېپىۋاتقان،يۈز تۈمەنلەپ پۇل تېپىۋاتقان خوجايىنلارنىڭ خۇشاللىقلىرى، يايراشلىرىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، ئۈچ چاقلىق ھارۋا بىلەن كۆكتات سۆرەپ كېلىۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ پىشانىسىدىن تۆكۈلىۋاتقان مۇنچاق-مۇنچاق تەرلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ.يېزىلاردىكى بىردىنلا بېيىپ كەتكەن ئائىلىنىڭ ئاجايىپ مۇۋەپپقىيەتلىرىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ،دېھقانلارنىڭ ئېغىر سېلىقتىن باش كۆتۈرەلمەي مۈكچىيىپ ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر خۇرسىنىشلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئىت بىلەن ئابروي قازىنىش
ئۇ ئىش ئورنىدىن قالدى.يېقىندا ئۇ ۋېلسىپىت مىنىپ كوچىغا چىققانىدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم قاراپمۇ قويمىدى.بىر كۈنى ئۇ دوستىنىڭ بىر گېرمان پىستىسىنى يېتىلەپ كوچىغا چىقتى.تونۇشلار ئۇچرىشىپ قالغاندا، ۋېلسىپىتلىك كېتىۋاتقانلىرى ۋېلسىپىتتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى، پىيادە كېتىۋاتقانلار توختاپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. ناتونۇشلارنىڭ ئۇنىڭغا مەستلىكى كەلدى، ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزىرىنى تاشلىدى.بىر گۈزەل قىز تېخى:بۇ يىگىت چوقۇم بىر پۇلدار ئىكەن ياكى بولمىسا ئەمەلدار ئىكەن،-دەپ پىچىرلىدى.
تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى
گۈلچەمبىرەك:ئۆلگەنلەرگە ئاتالغان تەزىيە بويۇمى،ئەمما،ئۇ بەزىدە ھايات كىشىلەرنى ئالداشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھاراق:ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالىدىغانلار كۆپىنچە مەن قالتىس ھاراق كۆتۈرىمەن دەيدىغانلاردۇر. كۆز:بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان قوشكېزەكلەر. قەلەم:ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ يازىدىغان نەرسە.
ئىككى ئېغىزلا سۆز
ۋاقىت ئىنسانلارغا ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ،ئەمما ئىنسانلار ۋاقىتقا ئىنتايىن ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۇرۇق-تۇققانچىلىق،دوستلۇق،مۇھەببەت ئادەمنى ئۆمۈرلۈك بەخت ھەم ئازاپ-ئوقۇبەت،دەرد-ھەسىرەتكە قويىدۇ.
يەپ-ئىچىش،ئويۇن-تاماشا ئەسلىدە كىشىلىك ھاياتتا ھەر كۈنى بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار.ئەمما،بەزىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە خۇشاللىق تاپىدۇ،بەزىلەر شۇنىڭ بىلەن داڭق چىقىرىدۇ،بەزىلەر شۇ جەريانىدا چۈشكۈنلىشىدۇ،بەزىلەر چىرىكلىشىپ كېتىدۇ،بەزىلەر شۇ سەۋەپتىن جان بېرىدۇ.