كۆرۈش: 9197|ئىنكاس: 4

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەر چەككۈچىلەر يىلىغا ئىككى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
683
تۆھپە
278
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 16:19:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەر چەككۈچىلەر يىلىغا ئىككى مىليارد يۈەننى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرىۋېتىدىكەن



   زەھەرنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە چېكىش، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يوقىلىشى، خانىۋەيران بولۇشى، جىنايەتنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 26-ئىيۇن خەلقارا زەھەر چەكلەش كۈنى، بۇ يىلقى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ باش تېمىسى -«زەھەرگە قارشى تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتنىشايلى!». بىز مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى زەھەر چەكلىگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، زەھەر چېكىش ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنى نامايەن قىلىپ، زەھەر چەكلىگۈچىلەرنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقلىرىغا شاھىد بولىمىز.  
    گەرچە كۆپ يىللاردىن بىرى شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولساقمۇ، زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى يەنىلا شۇنچە جىددى بولماقتا. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تىزىملانغان زەھەر چەككۈچى 40 مىڭدىن ئاشقان. كۆپ  تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونى چېگرا سىرتىدىن  زەھەر كىرىدىغان، دۇنيادىكى يەنە بىر زەھەر مەنبەسى- «ئالتۇن ھىلال ئاي» بىلەن خوشنا بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرادىن زەھەر ئۆتۈش بىلەن زەھەر ئىستېمال قىلىش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان رايونغا ئايلانغان.
   شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستۇتىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ فېي مۇنداق دېدى: « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زەھەر ئەھۋالىدا مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار بار، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان زەھەر ۋەزىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
   2006-يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەر چەككۈچىلەر يىلىغا 5000 ئەتراپىدا ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خىروئىن  ۋە نەشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل زەھەرنى چەككۈچىلەر ئومۇمىي زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ. %5 زەھەر چەككۈچى كىرىستال زەھەر، ك تالقىنى، ماگۇ قاتارلىق بىرىكمە زەھەرنى چېكىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا خىروئىن چەككۈچىلەرلا يىلىغا ئاز بولغاندىمۇ ئىككى مىليارد يۈەننى كۆككە سورۇۋېتىدۇ. بىز دۇچ كىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، زەھەر مەسىلىسى بىر تۈرلۈك ناھايىتى كۆپ پۇل سەرپ بولىدىغان ئىجتىمائىي سستېما قۇرۇلۇشى. زەھەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك تارماقلىرى ئەسلىدە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىدىغان چەكلىك مەبلەغدىن يەنە بىر مەبلەغ ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. زەھەر چەكلەش، زەھەر تاشلاتقۇزۇش دۆلەت مالىيەسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر يۈككە  ئايلىنىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن نۇرغۇن مەبلەغنى ئىسراپ قىلىۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر يوشۇرۇن زىيان ئادەم كۈچى بايلىقىغا بولغان زەربە بولدى. بىر قىسىم ياشلار زەھەر چەككەنلىكتىن، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي قېلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەت باقىدىغان يۈككە ئايلاندى. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى شەك-شۈبھىسىزكى، زەھەرنى غايەت زور ئىستېمال بازىرى بىلەن تەمىنلىدى. بىراق زەھەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ئۇنىڭدىكى غايەت زور پايدا ئېلىش بوشلۇقى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن زەھەر باھاسى ئۆرلىدى.  
  دۆلەت زەھەر تاشلاش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەر چەكلەشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى يۈننەن بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلغان. بىر ساقچى مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا «ئالتۇن ھىلال ئاي»نىڭ دۆلىتىمىزگە زەھەر ئېلىپ كىرىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»، «ئالتۇن ھىلال ئاي» زەھەر مەنبەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا  شەرق-غەرپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىش، كۆپ تەرەپتىن چېگرىدىن كىرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.    ئالتۇن ھىلال ئاينىڭ كېڭىيىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال زىيانغا ئۇچراتقان. ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئالتۇن ھىلال ئايدىن كەلگەن زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق ئون دېلونى پاش قىلىپ، 12 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 610.92 كىلوگىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقان. بۇ ئون دېلونىڭ تۆتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەر 1000 گىرامدىن ئاشىدىكەن. 2011-يىلى 2-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى تامۇژنىسى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش تارماقلىرى قۇنجىراپ چېگرا ئېغىزىدا  پاكىستاندىن ئېلىپ كىرىلگەن 590.96 كىلوگىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلولىرى ئىچىدە زەھەر مىقدارى ئەڭ كۆپ دېلو ئىكەن.
   نۆۋەتتە ئالتۇن ھىلال ئاي  زەھەر ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھىنىڭ زەھەر يوشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالتۇن ھىلال ئايدىكى زەھەرلەر مالنىڭ ئارىسىغا، يۈك-تاقنىڭ ئارىسىغا، ئادەم بەدىنىگە يوشۇرۇش ۋە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن، كېيىن يەنە گىلەمنىڭ ئارىسىغا زەھەر يوشۇرۇش، ئاپتوموبىل چاقىغا زەھەر يوشۇرۇشتەك يېڭى ئۇسۇللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇلارنىڭ زەھەر يوشۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ كەسپىيلىكى خەلقئارا زەھەر سېتىش شايكىسىنىڭ تەشكىلچانلىققا ۋە كەسپىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. ئالتۇن ھىلال ئاي يەر ئاستى زەھەر سېتىش تورى ئۆزگىچە خاسلىقنى شەكىللەندۈردى، پارچە بولاقتا سېتىش يوللىرىمۇ تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. قىسمەن سېتىش تور نۇقتىلىرى زەھەر چەككۈچىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. زەھەرنى توشۇش-سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەر سېتىش ئارقىلىق زەھەر چېكىشىنى قامدىشى، ۋاسىتە تاللىماسلىقى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.  
   مەملىكەت بۇيىچە زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى تورىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز 2011-يىلى زەھەرگە چېتىشلىق تۈرلۈك دېلولاردىن جەمئىي 1620 نى پاش قىلىپ، 660.82 كىلوگىرام خىروئىن، 18.96 كىلوگىرام كىرىستال زەھەر، 43.39 كىلوگىرام كېتامىن، 24 مىڭ 375 كىرىستال زەھەر تابلېتكىسى، 409 باش چايقاش تابلېتكىسى، 1561.72 كىلوگىرام نەشە قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن. جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز يەنە پۈتۈن بىر يىلدا 2879 زەھەر چەككۈچىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزغان، 1786 زەھەر چەككۈچىنى مەھەللىدە زەھەر تاشلاتقۇزغان.  
   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تونۇشتۇرىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي ئىكەن، بۇلۇپمۇ خىروئىننى تىزگىنلەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرىكمە زەھەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كېتىش بېسىمىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى جىددىي بولىدىكەن. بۇ يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغير ئاپتونوم رايونىمىز زەھەر چېكىدىغانلار 500 ئادەمدىن ئاشىدىغان ناھىيە   (شەھەر، رايۇن) دە مەھەللە زەھەر تاشلاتقۇزۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىناق نۇقتىسى قۇرىدىكەن. ھەر قايسى تارماقلار يەنە زەھەر چەكلەش پىدائىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىسى قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېردىكى زەھەر چەكلەش كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ مەھەللىگە، يېزا-كەنت، ئىدارە-ئورۇن، مەكتەپ، مەيدان، ئائىلىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. زەھەر مەسىلىسى ئېغىر بولغان رايونلاردا ۋىۋىسكا ئېسىپ تەرتىپكە سالىدىكەن. دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى زەھەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغان رايونلاردىكى ئەھۋالغا ئاساسەن ۋىۋىسكا ئېسىپ تەرتىپكە سالىدىكەن.
مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى. http://yarp.cn/forum.php

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
20
UID
27364
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 23:23:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلا دېگەن پوۋاشلا زەھەر ساتقۇچىلا بىلەن دوست تۇرسا ئۇللانىڭ ھەممىنى تۇتۋالسا نەدىن كىرىم قىلدۇ ،
ئۇنۇڭ ئۈستىگە ساقچىلارنىڭ ماشى تۈۋەن تۇرسا ، ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشەنمىسەك بولماس خوتۇن بالسى بار تۇرسا ئۇ كانتۇلاردىن يىمىسە بالسىنى قانداقىلىپ داڭلىق مەكتەپلەدە ئوقىتالايدۇ  ، كىم ساقچىغا دئىيلو مەلۇم قىلسا  شۇ بىر ھەپتىگە بارماي قاتناش ۋەققەسىگە ئۇچىراۋاتسا ، ياكى قورىقى باشقىلا سەۋە بىدىن سۇندۇرۋېتىل دىغان تۇرسا ۋە ياكى ئاچچا-سىڭىلىرى باشقىلار سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كېتتىدىغان تۇرسا ، كېچىسى ئويدە ياتسا ھاراق ئىچىپ ماشىن ھەيدىدىم دەپ خەقنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قانۇننىڭ سېرتىدا يۇرسە، ساقچىلاغا دئيلو مەلۇم قىلسا ئەتتىسى كانتۇنىڭ ئاغزىدىن ساقچىغان دېگەن گەپ لەرنى شۇ بېتتە ئاڭلاۋاتا  كىمۇ ساقچىغا دئىيلو مەلۇم قىلىشقا پېتىنالىسۇن ، شۇڭا ........... ھەي


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
858
تۆھپە
520
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:58:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا...بەك قىق ئىكىن


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
340
تۆھپە
178
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:37:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت ۋە ئاپەت   رۇماننى ئەسلىدىم  شۇتاپتا


Rank: 2

تىللا
55
تۆھپە
26
UID
25326
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 22:29:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ زەھەر چىكۋاتقانلارنىڭ كۆپۈنجىسى ئۇيغۇرلار.ئىسىت ئىسىت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:13, Processed in 0.077297 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991