ئوڭ قول ۋە سول قول
بىر ئوقۇغۇچى مۇئەللىم سوئال سورىغاندا دائىم قول كۆتۈرىدىكەن، بىراق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سوئالغا جاۋاپ بېرەلمەي ساۋاقداشلىرىنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىكەن.
مۇئەللىم دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن :<<نېمىشقا سوئالنى بىلمەيدىغان تۇرۇپمۇ يەنە قول كۆتۈرىسەن ؟>>دەپ سورىغان ئىكەن ئۇ :<<ئەگەر مەن دەرس ۋاقتىدا قول كۆتۈرمىسەم دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىم مېنى دۆت دەپ مەسخىرە قىلىدۇ >> دەپتۇ ،مۇئەللىم ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ ئىۇنىڭ بىلەن دەرسنى چۈشەنگەن چاغدا سول قولىنى ،چۇشىنەلمىگەن چاغدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سول قولىنى كۆتۈرۈش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ .مۇئەللىم سورىغان سوئاللارغىمۇ بارغانسېرى ياخشى جاۋاپ بېرىدىغان بوپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئەسلىدە ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسىخىرىسىگە قالغان بىر بالا ئاستا -ئاستا مۇنەۋۋەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپتۇ .