كۆرۈش: 1513|ئىنكاس: 4

رۇبائىي ۋە پارچىلار (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
295
تۆھپە
84
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:39:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رۇبائىي ۋە پارچىلار


مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)


ھەقنى-ھەق دېيىشكە ئىرادەم پەۋەس،
ساىتىغا خوشۇم يوق، قىلمايمەن ھەۋەس؛
كۆز بوياپ ياشاشنى خالىماس كۆڭلۈم،
ئۈندىمە مېنى سەن، بولدى قىلغىن-بەس!

ھاياتلىق يولۇڭدا مۈشكۈللەر تولا،
شەيتاننىڭ دامىغا بولما مۇپتىلا؛
چاغلىماي كىرسەڭ گەر كۆڭۈل كەينىگە،
قالىسەن پىنھانە، يالغۇز چۆلدىلا.

ئالدامچى ئۇستىدۇر يالغان توقۇشقا،
ماھىردۇر كۆز بوياپ چوتنى سوقۇشقا؛
ئازغىنا دەسمىينى قىلىپ ئۇ يەمچۈك،
ئۈلگۈرەر ناداننى ئالداپ-ئۇتۇشقا.

ھالالنىڭ مېھنىتى-جاپاسى باردۇر،
ھارامنىڭ لەززىتى-تاماسى باردۇر؛
مېھنەتسىز راھەتنى قوغلاشساڭ ئەگەر،
تېگىشلىك بەدىلى-جازاسى باردۇر.

ھالاللاپ ياشىساڭ ئۆتۈسەن غەمسىز،
بىل ئەمما بولمىغىن ئەقىلسىز-پەمسىز؛
ئەجىرنىڭ مېۋىسى شۇنچىدۇر شىرىن،
ئۆتمۈسۇن كۈنلىرىڭ مىشچان بوپ تەمسىز.

بىراۋنىڭ كۆڭلىگە بەرمىگىن ئازار،
بىر ئېغىز يامان سۆز قىلار ئەلنى زار؛
گەپ-سۆزدە سىپايە،ئىلمىي بولمىساڭ،
<<توڭ>>لىقىڭ يارىماس،ئەل سەندىن تازار.

ئاتاڭنى ھۆرمەتلە -ئۇنىڭ ئوغلىسەن،
ئاناڭنى قەدىرلە-ئۇنىڭ باغرىسەن؛
قاخشىتىپ ئۇلارنى،قارغىشىن ئارتساڭ،
پۇشايمان ئىلكىدە ياقاڭ يىرتىسەن.

ھاياسىز ياشاش ئۇ ھايۋاننىڭ ئىشى،
ھاياسىزغا ياغىسۇ ئەلنىڭ قارغىسى؛
بولغاچ ئۇ شەيتانغا ھەمراھ،قول-چوماق،
ئەخلاقۇ-ئىمانسىز كېتىدۇ بېشى.

ئۆتمىسۇن كۈنلىرىڭ غەپلەتتە ھەرگىز،
ئىلىمۇ-ئىرپاندىن قالدۇرغىن بىر ئىز؛
يەپ-ئىچىپ ئۇخلاش ئۇ ھايۋانغا خاستۇر،
كەتمېگىن دۇنيادىن نامۇ-نىشانسىز.

ئۆم-ئىناق ئائىلە گوياكى جەننەت،
تاپىدۇ ھاياتمۇ چىن مەنا-قىممەت؛
ئەر-ئايال،پەرزەنتلەر ئۆتسە گەر ئىجىل،
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تاپىدۇ نۇسرەت.

ئاقىلغا بىرلا سۆز بولۇر كۇپايە،
نادانغا تاياق ھەق، سۆز بولۇر زايە؛
ناداننى ئاقىلغا ئۆزگەرتمەك قىيىن،
بولمىغاچ ئۇنۈڭدا ئىنتىلىش-غايە.


مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم.
يېزىلغان ۋاقى: 2012-يىل 13-سېنتەبىر


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
235
تۆھپە
88
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:11:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلىرىڭىز بۇ توردىمۇ نۇرلۇق چاقناپتۇ ....................مۇزاتى ئەپەندىم


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:33:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى روبايىلار ئىكەن،تەشەكۈر.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:53:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان رۇبايىلاركەن سزگە ئاپىرىن!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:50:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان نۇرلۇق روبائى بوپتۇ...تىرىشىڭ..ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:57, Processed in 0.077600 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991