دوستۇمغا مەسلىھەت بەرسەڭلار
بىر كۈنى كەچتە بىردوستۇم ئالدىراش تۇرسام ماڭا تېلېفون بېرىپ، شەھەردىكى مەلۇم بىر رېستۇرانغا كېلىشىمنى ئېيتتى، مەن بۇ دوستۇم بىلەن ھېيىت- بايراملاردا ئۆيلىرىگە بارغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا رېستۇران، ئاشخانا دېگەن يەرلەردە بىرگە تاماق يەپ باقمىغان ئىدۇق، بۈگۈن ئەجىبا بۇ دوستۇمنىڭ نېمە مەقسەتتە مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىغانلىقنى بىلمەيلا چاقىرغان ئورۇنغا باردىم، شۇنداقلا ئىشكىتىن كىرسەم 1- ئايرىمخانىدا يالغۇز ئولتۇرغان ئىكەن مېنى كۆرۈپ كېلىڭلا ئاداش، بۈگۈن ئچىم بەك پۇشۇپ كەتتى، شۇڭا ئازراق بولسىمۇ پىۋە ئىچكەچ پاراڭلىشايلىمىكىن دەپ سىلىنى چاقىردىم دەپ تاماكىسنى قاتتىق- قاتتىق شوراشقا باشلىدى. دوستۇمنىڭ زادى نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم، گۈل چاي تېرىيمەن دەۋەتقان ئىدى گۈلچايلىردىن زىيان تارتقان بولسا شۇڭا ئىچى پۇشۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.
ئىچىڭ پۇشۇپ قاپتۇ زادى نىمە بولدى؟ ئۇ ئالدىرماستىن نېمە بولاتتى ، خوتۇن دېگەن بىر نېمىنىڭ ئىشى بولمامدۇ، ئۇرۇشۇپ قالساق بەك ئۇرۇشۇپ كېتىمىز ئازراق جىدەللىشىپ قېلىپ ئۆيدىن قايتىپ چىقتىم دېدى.
سىلىگە دېمىسەممۇ بىلىسلەر، بىز 1997-يىلى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن توي قىلغان ، توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆيدە جىدەل باشلىنىپ كەتتى، كۈندە سوقۇشۇپ يۈردۇق، ئاجراشماقچى بولغان ئىدىم، ئايالىم ئاجراشمايمەن دەپ تۇرۇۋالدى، خەلق ئىشلار تارماقلىرىغا ئاجراشقىلى بارغان ئىدۇق، 3 ئايدىن كېيىن كېلىڭلار دەپ قايتۇرۇۋەتتى، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئىككى يىللىق ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتتىم، ئوقۇشۇمنى تاماملاپ قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قىزىم تۇغۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن قىزىمنىڭ يۈزىدىن بولسىمۇ بەزىىبىر چوڭچىلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ كەلدىم، قىزىم 6 ياشقا كىرگەندە ئوغلۇم تۇغۇلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم. چۈنكى بىرقىز، بىر ئوغلۇم بولدى، بىراق ئايالىم كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋالدى، ھەدىسىلا ئۆيدە مېنىڭ گېپىم گەپ دەپ تۇرۇۋالدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە جىدەللىشىپ قالدۇق، بىراق خولۇم- خوشنىلار ئالدىدا بولۇپمۇ ئىككى پەرزەنتىمىز ئالدىدا كۈندە جىدەللىشىپ يۈرسەك ياخشى بولمايدىكەن دەپ يەنىلا يول قويدۇم.
بىر كۈنى ئۆي سېتۋالماقچى بولۇپ، مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئۆي سېتىش ئورنىغا كەلگەن ئىدۇق، ئالدىدىن 50 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇشنى دېدى، مەندە ئارانلا 20 مىڭ يۈەن بار ئىدى، مەن 50 مىڭ يۈەن تاپشۇرىدىكەنمىز، مەندەئارانلا 20 مىڭ يۈەن تۇرسا يەتمەيدىكەن توختاپ تۇرساق بولارمىكىن دېگەن ئىدىم، 30 مىڭ يۈەننى مەن چىقىراي، سىڭلىمنىڭ بانكىدا ئامانەت قويغان 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلى بار شۇنى ئېلىپ كېلەيلى دېدى، بانكىغا بىرگە بارغان ئىدىم سىڭلىسىغا تېلېفون قىلىۋىدى سىڭلىسى بانكا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى، 30 مىڭ يۈەننى ئاجراتتى، شۇنىڭ بىلەن مەندىكى 20 مىڭ يۈەننى قوشۇپ شىركەتكە ئۆي پۇلىغا تاپشۇردۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي بانكىدىن ئايغا بۆلۈپ قايتۇرۇشقا 8 يىللىق 90 مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم. ئۆي پۈتتى ، ئۆينى ئاددىيغىنە زىننەتلەپ كۆچۈپ كىردۇق، بىر كۈنى ساڭا ئۆي سېتىۋالغاندا 30 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇرغان، پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر دېگەن گەپ چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزەپ ئاچچىقىم كەلدى، چۈنكى ئايالىمنىڭ ئىش ئورنى بولمىغان بىلەن 200 مىڭ 300 مىڭ يۈەن مەبلىغى بار تاللا بازىرىنىڭ ئىگىسى ئىدى، چۈنكى بۇ تاللا بازىرىنى مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئېچىپتىكەن، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ مېنىڭ ئىش ھەققىم ئۆيگە چىقىم قىلىنغاندىن باشقا، تاللا بازىرىدىن 1 موچەن ئۆيگە چىقىم قىلىنمايتتى، چۈنكى مەن توي قىلغاندا ئۇنىڭ مال دۇنيارىنى دەپ توي قىلمىغان،ئۆزەمنىڭ ئىش ھەققى ئۆزۈمگە يېتىدۇ دەپ تۇرمۇشۇمنى قامداپ كەلگەن ئىدىم، ئىقتىسادنىڭ تەرققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىنالاردا ئولتۇرۇشىمىزغا توغرا كەلدى، بۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىمنى ئۆينىڭ خىراجەتلىرىگە ئىشلىتىپ، ئېشىپ قالغاننى بانكىدا قويغان تەقدىردىمۇ 100 مىڭ يۈەن ئامانەت قويۇشقا بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر كۈنى ئايالىمغا دۇكاندىن تاپقان تاپاۋىتىڭلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىڭلا مەن ئىش ھەققىمنى ئەكىلەي بىرگە باشقۇرغان بولساق دېگەن ئىدىم، ئايالىم ئۇنداق قىلمايمىز، خوتۇن ئالغان ئادەم ئايالىنى بېقىىشنى چاغلاپ ئالىدۇ، سەن دۇكىنىمغا دەسمايە سالغانمۇ؟ دۇكاننىڭ پۇلىنى ئۆيگە ئەكىرىدىغان ساراڭ ئەمەس مەن دەپ جىدەل قىلىشقا باشلىدى، ئەجىبا مەن ئىش ھەققىمنى ئۆيگە ئەكىرىدىغان، ئايالىم نېمشقا ئەكىرىشكە ئۇنىمايدىغاندۇ دەپ ئاخىرى ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم، ئاجرىشىپ كېتىش تەكلىپىنى قويغان ئىدىم، سەن بىلەن ئاجراشمايمەن، ئۆيگە پۇلمۇ ئەكىرمەيمەن قانداق قىلالايتتىڭ دەپ چوڭ گەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، ئاخرى سوت مەھكىمىسگە ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدا ئەرز بەرگەن ئىدىم، ئۇلار ئاجراشتۇرماي مۇرەسسە قىلىپ قايتۇرۇۋەتتى.
بىرمەزگىل ئۆز خىزمىتىم بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، تەشكىل مېنى بىر يىل ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىشقا ئەۋەتتى، بىر يىل ۋاقتىمنى ئاساسىي قاتلامدا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلدىم بىر كۈنى يەنە 30 مىڭ يۈەن پۇلنى قايتۇرۋەتكەن بولساڭلار دېدى، مەن بىر يىل ئىش ھەققىمدىن ئېشىنغان 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئايالىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ماۋۇ 10 مىڭ يۈەننى ئالە دەپلا بەردىم. ئارىدىن بىر مەزگىل مۇناسىۋىتىمز يامان ئەمەس ئۆتتى.بالىلىرىمىزمۇ چوڭىيىپ چوڭى تولۇقىسز ئوتتۇرىغا، كېچىكى باشلانغۇچقا چىقتى، بىر كۈنى يەنە 30 مىڭ يۈەننىىڭ 10 مىڭ يۈەننى بەرگەن ئىدىڭ، قالغان 20 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بەر دېگەن ئىدى، غەزەپ ئاچچىغىمدا بىرنى تەپتىم ئاندىن ئۆيدىن يوقال دېگەن ئىدىم، بولدى ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگىن دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى، شۇندىن كېيىن مەن ئۆيگە ئالىدىغان ئۇن، ياغ، گۆرۈچ، سۇ، توك، تېلېفون ھەققى، بالىلارنىڭ كىيىم- كېچەك، ئوقۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۈستۈمگە ئېلىپ باشقىسى بىلەن كارىم بولمىدى، تاماق ئەتسە ئۆيدىن يىدىم، بولمىسا ئىككى بالام بىلەن سىرتتىن يەيدىغان بولۇۋالدىم، ئايالىم، ئۆزىنىڭ كىيىم- كېچىكىنى ئۆزى ھەل قىلىدىغان، توي- تۆكۈنلەرگە، قاتار چايلاغا خەجلىگەندىن باشقا پۇللىرىنى قەيەرگە ئاپىرىدىغانلىرىنى نەگە خەجلەيدىغانلىغىنى مەنمۇ بىلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمىز داۋاملىشىپ كەلدى، دۇكاننىڭ ھېساباتىنى ئائىلىنىڭ ھىساباتىغا پەقەت قوشماي دۇكانغا سىڭلىسىنى ئىگە قىلىپ قويدى. لېكىن ھەر دائىم ئۈرۈمچىگە مال ئەكىلىشكە بارسا ئۆزى بارىدىغان، سىڭلىسى ساتىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنى مەكتەپە ئاپىرىپ ئەكىلىش، بالىلارنىڭ دەرسكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بولۇپ كەتتىم.
بىر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە بالامنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىشكە بارغان ئىدىم، ئوغلۇم كىتاپ ئېلىپ بېرىشنى دېگەن ئىدى، ئۆيگە بېرىپ ئۆيدىن پۇل ئېلىۋېلىپ بارايلى دەپ ئۆيگە كەلسەم پۇل قاپچۇقۇمدا پۇل قالماپتۇ، بانكىغا باراي دېسەم بانكىىنى تاقاپ بولغان ئىدى، ئايالىمغا ئوغلىمىز كىتاپ ئېلىپ بېرىشىنى دېگەن ئىدى ئۆيگە كەلسەم پۇل قاپچۇقىدا پۇل قالماپتۇ بانكىغا باراي دېسەم بانكىنى تاقاپ بوپتۇ دېگەن ئىدىم، مانا 100 يۈەن ماۋۇ پۇلنىڭ 80 يۈەنىگە ئۆيگە ماي ئالغاچ كەلگەن بولساڭلار ئەتە ئۆيگە يېقىنلىرىم كېلەتتى دەپ 100 يۈەن بەردى، 20 يۈەنگە كىتاپ ئالدىم قالغىنىغا ماي سېتىۋالدىم، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتتى، ماڭا بەرگەن 100 يۈەننى قايتۇرۇشنى دېدى، شۇنىڭ بىلەن جېدەل يەنە باشلاندى.
مېنىڭ بىشىم قاتتى ئاداش ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم 2 بالام بار ، ئاجراشماي دېسەم ئايالىم مۇشۇنداق ئوساللىق قىلسا زادى قانداق قىلسام بولار دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى، سائىتىمگە قارسام شىنجاڭ ۋاقتى 12 بولۇپ قاپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاستا قايتىپ كەتتۇق. تورداشلار ئويلاپ بېقىڭلار، دوستۇم زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟