كۆرۈش: 6171|ئىنكاس: 9

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ياسىنجان قاسىم
تىللا
76
تۆھپە
34
UID
5496
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 00:24:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق كىتابىدىن



      كەچ بولغاچقىمىكىن، مېترودا ئادەم ئاز ئىدى. بىر ئورۇندۇققا جايلىشىپ ، دوكتۇر تۇرۇپ، ئۆيدە بالا بېقىش بىلەن ئۆتۈۋاتقان ۋېسنا خانىمنىڭ تەسىراتى ئاساسىدا «ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال» (بىز كۆپ ھاللاردا ئائىلە ئايالى دەپ ئاتايمىز) دېگەن ئۇقۇم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئۆيدە ئولتۇرۇش، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئائىلە ئايالى بولۇش، مەن كۆرگەن چەتئەللەردە (ياپونىيە، ئەنگىلىيە) بۈگۈنكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدىكىدەك ئۇنداق يوقىلاڭ ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. بەلكى ئائىلىنىڭ كەلگۈسى ۋە جەمەتىنىڭ توغرا ھايات يولى ئۈچۈن ئەجىر قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. دەۋرىمىزدىكى ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ كاللىسىدا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەققىدىكى ئۇقۇم مۇجمەللىشىپ، كەمسىتىش مەنىسىگىمۇ ئىگە بولۇپ قالغان. كۆرگەنلىرىمدىن قارىغاندا، ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئوقۇمىغانلىقتىن ياكى ئىش تاپالمىغانلىقتىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغان بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە پەرز سۈپىتىدە بۇيرۇلغان ئوقۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ياخشى ئۇرۇنداپ، ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بولغان پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك خىزمىتى قىلىپ تاللىغان ئايالدۇر، شۇنداقلا بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئائىلىنى مۇھىم ئىش ئورنى دەپ تونۇغان ئايالدۇر.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا» دېگەن مۇبارەك ئوردېننى تاقاش لاياقىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى يادىدىغان چىقارمىغان ئايال.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم قالغان ئايال بولماستىن، بەلكى مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقى ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، بالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئايال.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال غورۇر ۋە ئىززەتنى سېتىش بەدىلىگە كېلىدىغان خىزمەت ئۈچۈن تەلمۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا بالىلىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقىرى مەنىۋى مۇقام بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىدىغان ئايال.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمئىيەتتىن قاقشاپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا، جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانى ئاساسىنى قۇرۇۋاتقان ئايال.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇرغان ئايال بولماستىن، بەلكى بىلگۈچىلىكى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلىسىنىڭ بەرىكىتى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكى ھاكىم ئەۋلادلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن، مېھرى ئارقىلىق بالىلىرىغا مۇھەببەتنى ئۆگەتكەن، ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن، دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋال ئائىلىگە، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىمان بېغىشلىغان ئايال.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ماددى باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن بەلكى ئائىلىنى بازار ۋە ئىستېمالنىڭ تەلتۈكۈش قۇلى بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلايدىغان، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكروھلاردىن خالى قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيىتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئايال.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتراپىغا يىغىپ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇر ئاددى بىر ئۆينىڭ ساھىپخانى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسى، ئۇ ئائىلىنى بىر كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋى كۈچ، ئەقىدە ھاسىل قىلىپ، ھەقىقى جەننەتكە كۆۋرۈك ياسايدۇ.
   ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ..... ناھايتى ئەپسۇسكى، بىزدە بىر تاشلاندۇق خارابىگە ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمدى ئۇنى تەخىرىسىز بۈيۈك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە قولغا ئالىدىغان ۋاقىت بۇلۇپ قالدى.

مەنبە: مەشئەل تورى
http://www.xjmaxal.cn

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
238
تۆھپە
161
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 18:01:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال ئۆز باللىرىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرمەي ئۆز قولى بىلەن تەربىيەلەيدىغان ،مەسئۇلىيەتچان
ئايالدۇر، ياخشى يىزىپسىز،رەھمەت.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
235
تۆھپە
88
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:20:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن، مېھرى ئارقىلىق بالىلىرىغا مۇھەببەتنى ئۆگەتكەن، ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن، دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋال ئائىلىگە، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىمان بېغىشلىغان ئايال.

توغرا ئىيتىلغان سۆز، بۇ بىر ئەقىللىق تۆھپىكار ئايال. يوللىغان تىيمىڭىزغا رەھمەت


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:44:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم قالغان ئايال بولماستىن، بەلكى مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقى ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، بالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئايال.

                        مىنىڭچە مۇشۇ  ئابزاس باھا بېرەلەيدۇ.


Rank: 2

ئىسىمى
رۇقىيە
تىللا
64
تۆھپە
33
UID
27169
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 20:30:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا يېزىلىپتۇ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:27:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ياخشى يىزىلغان تىمىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
756
تۆھپە
232
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:08:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا تەربىيىلەش تەرەپدارى، بالامغا ھەركۈنى ھەمراھ بولسام دەيمەن، لېكىن....


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kvmvx يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 00:08
مەنمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا تەربىيىلەش تەرەپدارى، بالام ...

لىكىن بەزى ئىشلار تۈپەيلى دىگىنىمنى قىلىپ بىرەلمىدىم..دىمەكچىمۇ سىز ھې ھې ھې


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1399
تۆھپە
319
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 14:39:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئايالىرىمىزنى ئۆيدە  باللاغا قارتىپ ئۆزمىز نىڭ ئىشلىگىنى ياخشى،


Rank: 2

ئىسىمى
ياسىنجان قاسىم
تىللا
76
تۆھپە
34
UID
5496
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 15:10:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارغا «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» نى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:14, Processed in 0.088917 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991