كۆرۈش: 52428|ئىنكاس: 32

يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 19:56:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار


    تورغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە خىزمەت ئېھتىياجى ياكى پەقەت قىززىق بىلىنىپ چىقىدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ قىسمىنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر يۈرەك سىرلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ دائىم يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ھېچكىمگە تىنمىغان غېرىپ سىرلىرى تېخىمۇ كۆپتۇر.  
  بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن... بەلكىم ئۆزى تەسەللىي تاپقۇدەك، ئىشەنگۈدەك چىرايى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار نازۇك ھېسسىياتلارغا باي كېلىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا ئۇلار بەلكىم ئازدۇر - كۆپتۇر نەتىجە قازانغان بولۇشى، تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا شەرەندازلاردىن بولۇشى، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قابىل ئايال سانالغانلار بولۇشى مۇمكىن. دوستلىرى ئارىسىدا ئۇلار قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان، يۈز- ئابرويلۇق ئاياللاردىن بولۇشى مۇمكىن. قارىماققا ئۇلار تۇرمۇشتا قەيسەر ئاياللار قاتارىدا سانىلىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ئاياللار بولۇشى مۇمكىن. پەقەت يېرىم كېچە بولۇپ، جاھان تىمتاسلىققا چۆككەندىلا.... ئۇلار ھارغىن ھالدا، ئەينەكتىكى خىرە چىرايىغا ئۇھسىنىپ قاراپ، ئۈستىدىكى قەيسەرلىك كىيىملىرىنى يېشىپ، ئېكران ئالدىدا، كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ، تورغا... توردىكى ئىرماش- چىرماش ناتونۇش ئىسىملارغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سىرلىرىنى... غېرىپ تۇيغۇلىرىنى تۆكۈشكە باشلايدۇ.   
     ئۇلار شۇنداق نازۇككىن... نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىپ بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۆككەن ياشلارنى بەلكىم ھېچكىم كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ بەلكىم باشقىلار ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما.... ئۇلار قەلب دەرۋازىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ساڭا ئاچقان چېغىدا، سەن شۇنچىۋالا قەيسەرلىكنىڭ تېگىدە شۇنچىۋالا ئاجىز، دەرتلىك يۈرەكلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايسەن... سەن ئۆزەڭنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا.. ئۇلارغا كۆيۈنىسەن... ئىللىق مېھرىڭنى بېرىسەن... ئۇنى ئۆزەڭمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا ھىمايا قىلغۇڭ كېلىدىغان بولۇپ قالىسەن.شۇنىڭ بىلەن سەن... ئېھتىيات بىلەن، ئۇلار بىخەتەر ھېس قىلغۇدەك مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاپ، ئۇلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشقا ... ئۇزۇن كېچىلەردە ئۇلارنى غېرىپلىق ھېس قىلدۇرماسلىققا تىرىشىسەن...  

                                  مەنبە؛  خاتىردىن


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
71
تۆھپە
25
UID
18628
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 17:30:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نازۇكلۇق ئەمەس مىنىڭچە سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەنلىك .


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
1
UID
27177
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 18:03:46يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم


Rank: 3Rank: 3

تىللا
235
تۆھپە
88
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:28:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ كىچىچە تورغا چىقىشى بۇ بىر ئەر ئۈچۈن ئىيتقاندا ئىشەنچىنى يەرگە ئۇرغانلىق،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:30:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Asir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-14 19:28
ئاياللارنىڭ كىچىچە تورغا چىقىشى بۇ بىر ئەر ئۈچۈن ئىيتق ...

ھەممىسىنى  ئۇنداق دەپ  كەتكىلى  بولماس....


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 2

ئىسىمى
رۇقىيە
تىللا
64
تۆھپە
33
UID
27169
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 20:26:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن مەن ياقتۇردۇم،بەزىدە ئادەم يۈرەك سىرلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىپ ئىچىنى بوشۇتىۋالغۇسى كېلىدۇ ئەمما تونۇشلارغا دېسە گەپ بولىدۇ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:15:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ياخشىكەن، ئەمما ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ-دە!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:19:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرتقى قىياپىتى قەيسەر، جۇشقۇن كۆرۈنگەن ئاياللارنىڭ ئىچى كۈچلۈك بولىدۇ، ئالدىراپ ئەتراپىدىكى تونۇش- بىلىشلەرگە دەرت تۆكمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار توردا ئىچىنى بوشىتىۋىلىشى مۈمكىن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
دىلزات مۇستافا
تىللا
173
تۆھپە
60
UID
4837
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 23:51:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دىن قانداق پايدىلنىش دەل ئۆزىمىزگە باغلىق.ئۆزىمزنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى تۆكۈدىغان سىرداش كۆرەمدۇق ۋە ياكى ئۇنى بۇنى ئاخماق قىلىپ ‹كۆڭۈل خوشلىقى›ئۈچۈن پايدىلنامدۇق مەسىلە ئۆزىمىزدە.....


باشقىلاردىن ئىرىشكىنىڭ دەل سىنىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغىنىڭدىن ئىبارەت.........

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:40:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muslima0999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-14 20:26
ياخشى تىمىكەن مەن ياقتۇردۇم،بەزىدە ئادەم يۈرەك سىرلىر ...


دىگىنىڭىز توغرا...سىز دىگەندەك ئادەم تاپاي دىسەم ئىشەنچلىك ئادەم تاپالمىدىم
سىز خالامسىزكىن يا،ئىشەنمىسڭىز ئامال يوق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amatlik~yigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 01:43  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:55, Processed in 0.079945 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991