كۆرۈش: 2159|ئىنكاس: 6

ئۇخلىغىن ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 19:30:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇخلىغىن ئانا


  
     جېنىم ئانا!ئاپپاق كىرلىكلەر ئۈستىدە غەمسىز ئۇخلاۋاتقان تۇرقىڭغا قاراپ ئېڭەك يۆلەپ ياشقا تولغان كۆزلىرىمنى ساڭا تىكىپ ئولتۇرماقتىمەن.تۇرقىڭ شۇنچىلىق ئوماق ،سۆيۈملۈك ،60 يىللىق ھايات مەنزىللىرىڭنىڭ ئىزناسى قورۇق باسقان يۈزلەرمۇ كۈلۈمىسىرەشلەرگە باش ئېگىپ تېخىمۇ پارالىللىشىپ كەتكەن ئىدى.
  سەن چۈش كۆرۈۋاتاتتىڭ،چۈشۈڭدە توختىماي كۈلەتتىڭ،ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىڭدىن نۇر چاقنايتتى.چۈشلىرىڭدە نېمىلەرنى كۆرگەنسەن-ھە؟قايسى چاغلار،قايسى مېنۇتلار سېنى شۇنچە خۇشال قىلۋەتكەندۇ؟ئوماق نەۋرىلىرىڭنىڭ ئەتراپىڭدا چۆرگىلەپ تاتلىق كۈلگەن چاغلارمۇ؟شۇنچە يىللاردىن بېرى تارتقان جاپالىرىڭنىڭ مېۋىسى پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئانا دەپ باغرىڭغا ئۆزىنى ئاتقان ۋە ياكى سەن چىن يۈرۈكىڭدىن سۆيگەن ھالال جۈپتىڭ بىلەن بىرگە بولغان گۈزەل چاغلارنىمۇ؟ ۋە ياكى سېنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ باققان ئاتا - ئاناڭنىڭ تاتلىق قوزام دەپ ئەركىلەتكەن چاغلارنىمۇ؟ۋە ياكى ...ئادەتتىمۇ بەك ئاز كۈلەتتىڭ،ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن كۈلۈپ يۈرمەيتىڭ،پەقەت ئىللىق كۈلمىسىرەيتىڭ،قاقاھلاپ كۈلگىنىڭنى ئەسلىيەلمەيمەن.
   باشقىلارنڭ كۈلكىسىگىمۇ،قاپا تۈرۈشىگىمۇ مۇشۇ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىڭ بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتىڭ.مۇشۇ دەقىقىدە يەنە شۇ يۈىكىڭنىڭ قات-قېتىدىن بۇلۇقلاپ چىقىدىغان كۈلمىسىرەشلىرىڭ مىنى كۆز ياش بىلەن تولغان ئەسلىملەر قوينىغا سۆرەپ كىرمەكتە ئىدى.                              
        قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن بۇ ھەسەن- ھۈسەندەك رەڭگارەڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغىنىمدا ،ئانا تارتقان ئازاپلىرىڭنى ئۇنتۇپ كۆزلىرنى چىم يۇمغىنىچە قىرقىراپ يىغلاۋاتقان قىزىل گۆش ھالەتتىكى بوۋاقنى ئاۋايلاپ ئالقىنىڭغا ئېلىپ باغرىڭغا باسقىنىڭچە ياش تۆككەن ئىدىڭ.ئەنە شۇ دەقىقىدىن باشلاپ سىنىڭ يېشىڭمۇ،كۈلكەڭمۇ ماڭا تەئەللۇق بولغان ئىدى.كۈلسەم تەڭ كۈلدىڭ،يىغلىسام پەپىلىدىڭ.مىنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورسىڭدا كۆتۈردۈڭ،ئايىقىم چىقىپ زىمىن دەسسىگۈدەك بولغۇچە بىلەكلىرىڭدە باغام ئەتتىڭ.سانسىزلىغان كېچىلەرنى مىنى پەپىلەش بىلەن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈڭ.ئاپپاق سۈتلىرىڭنى ماڭا بەردىڭ.20 نەچچە يىل ئاشۇ تىنماس جۈپ قوللىرىڭ بىلەن تويماس قارنىمنى توقلاپ كەلدىڭ.نادانلىقىمدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈگۈنىمدە نەسىھەت قىلساڭ چېنە چېقىپ ئىشىك جالاقشىىپ چىقىپ كەتسەم كەينىمدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ پىشىمگە ئېسىلىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدىڭ.

    خۇلۇم –قوشنىلار نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ زەھەر سۆزلەرنى قىلغىنىدا سەن كۈلۈپ قۇيۇپ ‹كىچىك ئەمەسمۇ،خاتالىق مەندە›مىنى ئاقلىدىڭ، مەن ئۈچۈن كىشلەرنىڭ تىل ئاھانىتىگە ،مەسخىرسىگە قالدىڭ.ئەمما بىر قېتىم بولسىمۇ ۋايساپ باققىنىڭنى ،دادامنىڭ ئالدىدا مىنى يامانلاپ تىللاپ بەرگىنىڭنى ،قارغىغىنىڭنى ئاڭلىمىدىم،كۆرمۈدۈم.شۇنچىلىك سۈزۈك پاك مۇھاببىتىڭنى ماڭا بەردىڭ.يىقىلسام يۈلۈدۈڭ،ماڭسام يېتلىدىڭ. ساڭىمۇ بېرىپ باقمىغان مۇھەببىتمىنى بېرىپ،چىن يۈرۈكۈم بىلەن سۈيۈپ بىر ياستۇققا باش قويغان ھالال جۈپتىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن جىسمىم پۈكۈلگەن،روھىم زەئىپلەشكەن،يۈرۈكۈم مۇزلىغان چاغدا قايتقان ئۇۋام يەنىلا سىنىڭ دەريادىن كەڭ باغرىڭ بولدى.يىغلىماڭ قىزىم،ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كىتىدۇ ،ئۇ كەتسە مەن بارغۇ،ئاللاھ سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويغىنى يوققۇ دەپ ياشلىرىمىنى يىرىك ئالقانلىرىڭ بىلەن سۈرتۈپ يارلانغان يۈرۈكۈمگە مەلھەم سۈرتۈڭ.مۇھەببىتىڭ ئېلىپ تۈگەتكۈسىز بۇلاقتەك مىنىڭ بەخىت ئىچىدە كۈلۈشۈم ئۈچۈن تىنماي ئاقتى.مىنى ئەنە شۇنداق مېھرىڭ بىلەن قاتارغا قاتتىڭ. ئەمما ئانا مەن ئۈچۈن شۇنچە قىلغان قۇربانلىقلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا بىر ئېغىز يۈرەكتىن چىققان رەھمەتنى ئېيتالمىدىم. قىسقىسى ئېيتمىدىم ،ئەكىسىچە مەن ئۈچۈن سوقىۋاتقان قىپقىزىل يۈرۈكۈڭنى ئۆز قۇلۇم خەنجەر ئۇردۇم ،قان قىلدىم،ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلدىم.تاكى ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۈتۈپ ئۆزەممۇ ساڭا ئوخشاش ئانا بولغانغا قەدەر سىنى ئازاپلاپ كەلدىم.ھالا ئەمدى نادان قىزىڭ ئەقلىنى تېپىپ ئايىقىڭغا باش قۇيۇپ گۇناھنىڭ تىلىمەكچى بولغىنىدا سەن قىلچە يول قويمىدىڭ.
   بىر قېتىم ئاپتاپ سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاجىزلاپ قاقشال بولۇپ قالغان تېنىڭنى ھاپاش قىلىپ ھويلىغا ئېلىپ چىققىنىمدا،چوڭ بولۇپ ئۆز قولۇمدا ئەتكەن بىر قاچا تاماقنى ساڭا سۇنغىنىمدا ماڭا يەنە مەن ئۈچۈنلا چاقناپ كېلىۋاتقان كۆزلىرىڭدىن مىننەتدارلىق،رازىلىق ياشلىرىنى تۆكۈش،كۈچسىز قوللىرىڭنى جۈپلەپ ئاللاھدىن بەختىمنى تىلەش،ھەر كۈندىكى بەش ۋاق نامىزىڭدا ئاللاھقا ئەڭ يېقىن پەيىت بولغان سەجدە ئۈستىدە ئۇزاقتىن ئۇزاققا يىغلاپ مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ساڭا قىلغان زەرىچە ئەجرىمنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بەردىڭ. ماڭا ئازراقمۇ قايتۇرۇش پۇرسىتى بەرمىدىڭ.ئازراق بولسىمۇ قايتۇرۋالسام،ئايىقىڭغا يىقىلپ گۇناھلىرىمنى تىلىۋالسام بىر كۈن بولسىمۇ خاتىرجەم،ۋىجدان ئازابىدىن يىراقراق ياشار ئىدىمغۇ؟نىمىشقا پۈتۈن مۇھاببىتىڭنى ماڭىلا بېرىۋىتىسەن ئانا؟!
      ئۆزەمنىڭ نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە شۇنچە گۇناھلارغا كۈمۈلۈپ تۇرۇپمۇ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچىرماي باشقىلادىن مىڭ ھەسسە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشايدىغانلىقىمغا ھەيران بولاتتىم،بىلسەم سىنىڭ ئەشۇ تۈگمەس بۇلاقتەك دۇئالىرىڭ ئىكەن ئەمەسمۇ ئانا ،دۇئالىرىڭ خۇددى بىر قات قېلىن قالقاندەك مىنى بۇ دۇنيا بورانلىرنىڭ توختاۋسىز ئۇچۇرتىشىدىن ساقلاپ كەلگەن ئىكەن..ساڭا شۇنچە ئازاپلارنى بەرگەن تۇرسام نىمە ئۈچۈن ماڭا بەد دۇئا قىلمىغانسەن ،نىمىشقا بىر ئېغىز دادلاپ زارلاپ باقمىغانسەن؟نېمىشقا مەن ئۈچۈن شۇنچە قۇربانلىقلارنى بېرىسەن؟                                    
         ئانا ساڭا بەك جىق قەرىزدار بوپ كەتتىم،ئىنىچكە بويۇنلىرىمغا ئېغىر تاشلارنى ئېسىپ قويغاندەك گەۋدەمنى باسماقتا،پەقەت ھەر قېتىم ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلمىسىرىگىنىڭدە يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان بۇ يۈكنىڭ ئاز-ئازدىن كۈپۈككە ئايلىنىپ ئازلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن.ئەمما يەنىلا شۇنچە ئېغىر.مۇنداق بىر ھىكايىنى ئۇقۇغۇنۇم ئىسىمدە. بىر كىشى بىر دانىشمەنگە مەن ئانامنى ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپاردىم ،ئۇنىڭ مەندە ھەققى قالمىغاندۇ دىگىنىدە ،دانىشمەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئاناڭنىڭ پەقەت ساڭا بەرگەن بىر مەرتىۋە سۈتىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدىڭ دىگەن ئىكەن.                                          
     ئانا بۇ قەرىزلەرنى قايتۇرۇپ بۇلۇشقا قىزىڭنىڭ كۆزى يەتمىدى.مىنىڭ ئىرادىسزلىكىمنى،ۋاپاسىزلىقىمنى،نادانلىقىمنى كەچۈرەرسەنمۇ؟مانا ئەمدى بولغاندا ئەڭ يىرگىنىشلىك شەخسىيەتچىلىكمۇ قۇشۇلدى.بەزىدە سەندىن بالدۇر بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشسام دەيمەن.سىنى ئاۋال ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ يەككە-يىگانە بۇ زىمىندا ۋىجدان ئازابى تارتىپ ياشاشتىن قورقىمەن.سىنى قايسى يۇچۇقتىن ماڭا كۈلۈپ قاراۋاتىدىكىن دەپ توختىماي سىنى ئىزدەشتىن،ئىشىككە تەلمۈرۈپ قاراشتىن،سىنىڭ ھىدىڭ سىڭگەن ھەر بىر نەرسىنى ھىدلاپ ياشاشتىن قورقىمەن.جىمى ئىشلاردىن قورقىمەن ،سىنىڭ مۇھەببىتىڭسىز،كۈلمىسىرەشلىرىڭسز ،باغرىڭسىز تىكەندەك ياشاشتىن قورقىمەن.ئەمما سەندىن بالدۇر كىتىپ قالسام سىنىڭ باللىرىمنى باغرىڭغا باسقىنىڭچە ئۇلاردىن مىنىڭ سىمايىڭنى ئىزدەپ ياش تۆكۈپ ئازاپلىنىشىڭغا يۈرۈكۈم چىدىمايدۇ،ھېلىمۇ بەك كۆپ ئازاپلارنى يۈرۈكۈڭگە سىغدۇرۇپ كەلدىڭ ،شۇنداق بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئاشۇ يۈرۈكۈڭنى.زادى نىمە بىلەن پۈتۈلگەن بولغىدى؟!ئانا مۇھاببىتى بىلەن تولغان يۈرەك زادى قانداق بولدىغاندۇ؟                                                            
         ئانا،قارىغىنە قىزىڭ 20 نەچچە يىللىق خىيال شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ،دەريا بولغۇدەك ياشلارنى تۆكۈپ بولدى،سەن يەنە ئۇيقۇ شەھىردىن كەپ بولالمىدىڭ،كۈلكىلىرىڭمۇ ھەمرالىقتىن باش تارتماپتۇ.بوپتۇ ئانا ،ئۇخلىغىن قانغۇچە ئۇخلىغىن.قىزىڭ ساڭا قاراپ ئولتۇردۇ،ساڭا ھەمراھ بولىدۇ،خاتىرجەم ئۇخلىغىن ئانا!      


  مەنبە؛  بۇلاق ژورنىلى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 13:00:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرسۇن ، ئازاپ تارتمىسۇن ، باللىرىنىڭ بەختى ئۇچۇن ياشىغان شۇ ئانىلار گۇللىسۇن ، كۇلسۇن ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!
san实名认证 

Rank: 2

ئىسىمى
naprat
تىللا
156
تۆھپە
43
UID
23400
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 14:18:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەن ئۈچ سائەت ئىلگىرى مۇنبەرگە جىددى ياردەم سوراپ تېما يولىغان ئىدىم، قارىسام تېخىچە تەستىقلانماپتۇ، شۇڭا ئىنكاس قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يوللاۋاتىمەن.
    مەن بىر دۆلەت مەمۇرى ئىدىم خىزمەت تارىخىم 8 يىل، جەنۇبى شىنجاڭدا ئىشلەۋاتاتتىم، شىمالدىكى يۇرتۇمغا قايتىش نىيتىدە يەنە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتتىم.  لېكىن «مەمۇرلۇقتىن يەنە مەممۇرلۇققا ئىمتىھان بەرسە بولمايدۇ، بولمىسا  سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ» دىگەن گپنى ئاڭلاپ قالدىم، مېنىڭ ئىستىپا بەرمەي تۇرۇپ ئاۋال ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بېقىش خىيالىم بار ئىدى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟
تورداشلار ماڭا  مەسلىھەت بەرسەڭلار، (ئىمتىھان ۋاقتى ئەتە يەنى 9ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى ).
جىددى.جىددى.جىددى!!!...


Rank: 2

تىللا
141
تۆھپە
30
UID
4981
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 15:51:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلمەيدىكەنمەن.
بۇنچە جىددىي ئىشنى كادىرلار ئىمتىھانى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىنلا سوراپ باقسىڭىز بولمامدۇ تېلېفون ئۇرۇپ؟ ئۇلارنىڭ تورىدا تېلېفون نومۇرى بار.


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
238
تۆھپە
161
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 18:09:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلۋاتامسىز،ئانىلارنىڭ سىز-بىزدەك باللىرى تۇرسا قانداقمۇ ئۇخلىيالىسۇن؟
ئۇ جاپاكەش ئانىلار  باللىرىنى دەپ بىر ئۆمۈر خاتىرجەم  ھالدا راھەتلىنىپ  ئۇخلىيالمايدۇ.
ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ،ئانا غىمىدە بولغانلار تىخىمۇ ئۇلۇغ.


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:30:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشلاپ مەمۇرلۇققا ئىنتام بىرىشنى تەشكىلات ئورۇنلىرىدىن سوراپ باقسىڭىز تۈزۈكتەك تۇرىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
235
تۆھپە
88
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:38:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۈچۈن بارلىقىمىزنى بىغىشلايلى ئانىلار خۇشال ياشىسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:57, Processed in 0.079266 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991