كۆرۈش: 5491|ئىنكاس: 2

«ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ»توغرىسىدا ئويلىغانلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 19:25:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ»توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم



    ئانىلار جەمئىيەتنىڭ كىچىك بوشلىقى بولغان،شۇ كىچىككىنە ئائىلە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىنى قۇربان قىلىۋېتىدۇ.)ئاڭلىماققىغۇ شۇنداق،دېمىسىمۇ شۇنداق.
     لېكىن كۆپ ساندىكى ئانىلىرىمىز ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ دەپ ئويلايمەن،ئاياللىرىمىز تۇغۇلىشىدىنلا گۈزەل ھەم مېھرىبان بولۇپ يارىتىلغان.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاياللىرىمىزدا تۇغما مېھرىبانلىق ھەم كۆيۈمچانلىق قان-قېنىدا مەۋجۇت.
      ئانىسىز دۇنيا مەۋجۇت بولمايدۇ،مىھرىبانلىق ھەم كويۈمچانلىقنى ئانىلار ياراتقان.دېمەك ئانىلار ئۇلۇقتۇر. (راھەت كۆرۈش، پۇلنى بۇزۇپ - چېچىپ بەتخەجلىك قىلىش ئەمەس، تۇرمۇشنى ئەيش - ئىشرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشمۇ ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەكەببۇرلۇق قىلىشمۇ ئەمەس،دەپ ئانىلار ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان)
     دېمەك ئاياللىرىمىزغا كېرەك بولغىنى مېھر-مۇھەببەت،باشقىلارنىڭ ئۇلارنى چۈشۈنىشىدە ھەم كۆيۈنىشىدە.
    ھەر-قانداق بىر ئىنسان،ئاتا-ئانىسىنى راھەت-پاراغەتتە ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ،لېكىن ئانىدىكى مېھر-مۇھەببەتنىڭ كۈچى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنى ئائىلىسىگە ئاتىۋېتىدۇ،مانا بۇ ئاياللىرىمىزنىڭ سېھىرىلىك كۈچىدۇر.
     (ئاياللار راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمامدىغاندۇ؟)
   ھەر-قانداق بىر ئىنسان راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈشنى  ئارزۇ قىلىدۇ،ئاياللىرىمىزمۇ ھەم شۇنداق.
    بىر ئائىلىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا مەسئۇلىيىتى.ھەممە ئىشتا ئاياللارغىلا يۆلىنىۋېلىش بىز ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاقىلانىلىق ئىش ئەمەس.ئەرلىرىمىزنىڭ ئائىلىگە بولغان مەسئۇليىتى،ئاياللىرىمىزنىڭ ھوزۇر-ھالاۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارايمەن.
   (  ۋاقىت ئاياللارنىڭ ھۆسنى ۋە كۈچىنى خورىتىپ،قورۇق ۋە ھارغىنلىقنى ھەدىيە قىلىدۇ).
     بۇمۇ بەلكىم بىر-قىسىم ئاياللىرمىزنىڭ جەمئىيەتكە قىلغان شۇئارىدۇر.بۇنى توغرا چۈشۈنۈش كېرەك.
ھازىر بىر قىسىم ئەرلىرىمىز،ئەرلىك غورۇر تۇغىنى ئىگىز كۆتۈرىۋېلىپ،ئائىلىسى بىلەن كارى بولماي،جەمئىيەتتىكى بولمىغۇر ئىشلارغا ئارىلىشىپ،ئائىلىسىدە تايىنى يوق،جەمئىيەتتە پايدىسى يوق مەخلۇقلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەرلەرگە تەگكەن ئاياللىرىمىزنىڭ جېنىغا ۋاي.
     ئاياللار ،ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت  كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت   ھازىرلاپ قويۇڭلار بۇمۇ بىر قىسىم ئاياللىرمىزنىڭ كۆڭۇل سۆزىدۇر.
     ھازىر جەمئىيىتىمىزدە،بەخىتلىك ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ.ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىۋاتىدۇ.بەخىتلىك ئائىلىلەردە ھارغىنلىق بولمايدۇ.ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش،ياردەم قىلىش،ئۆز-ئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقىنىڭ ئاساسى. ئەرلىرىمىز ئىچىدىمۇ ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگىلەر كۆپ،ئۇلاردىن ئۆگۈنىشىمىز زۆرۈر.
    ئاياللار ،ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت  كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت  ھازىرلاپ قويۇڭلار، ھەرگىز مانا-ئەنە دەپ ،ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ  ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلار.تەخسىدىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى بالام يېسۇن دېمەڭلار.يىغقان - تەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆينى ياساشقا ،بارلىق زېھنى كۈچۈڭلارنى خىزمەتكىلا سەرپ قىلىۋەتمەڭلار .بايراملىق سوۋغات بېرىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمىنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار.بۇمۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ساداسىدۇر.
    بۇ كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئورتاق ساداسى بولماسلىغى مۇمكىن دەپ قارايمەن.بىر لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقلىرىغا نىسبەتەن،پۈتۈن ھاياتىدىكى ئەڭ ئېسىل مەزگىللىرىنى ئائىلىسى ئۈچۈن، بالىلار ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ،بۇ ئىقلىمدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگىدۇر.
    ئانىلار جاپاكەش،مىھرىبان،كويۈمچان،شۇڭا ئۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر. جەمئىيىتىمىز،ئەرلىرىمىز،بالىلىرىمىز بىرلىكتە ئانىلىرىمىزغا كۆيۈنىشىمىز،ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز،مىھرىبانلىق ئاتا قىلىشىمىز زۆرۈر. دېمەك،مېھرىبان ئانىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئاھىلىسى ئۈچۈن،بالىرى ئۈچۈن قۇربان قىلغان،بىزمۇ ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىش روھىدىن ئۈگۈنىشىمىز كېرەك.بىزمۇ ئۇلارنىڭ راھەت كورىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى.
    ئاياللار دۇنيانىڭ ئانىسىدۇر،بالىلىرىمىزنىڭ ئاپىسىدۇر ھەم ئۆيىمىزنىڭ گۈلىدۇر،دېمەك ، ئايالسىز دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس. ئاياللارنى تەرىپلىسەك تۈگىمەس سۈپەتلەر بار،ئانىلار ئۇلۇغ،ئانىلار مېھرىبان،ئانىلار كۆيۈمچان ۋە باشقىلار.دېمەك ئانىلار ئۇلۇغدۇر.
     ئانىلار سىزلەرنىڭ تۆككەن قان،ياش،تەرلىرىڭلارنىڭ بەدىلىگە ئائىلەڭلار،بالىلىرىڭلارنىڭ يىلتىزىغا ئوزۇق بولۇپ مەڭگۈ پورەكلەپ گۈل ئاچىدۇ.
   ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئانىلارغا،پۈتۈن ئىنسانىيەت نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېتىمەن.
مەنبە:قەلىمىم

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 16:51:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئانىلارغا،پۈتۈن ئىنسانىيەت نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېتىمەن. بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ شۇنداق ھاياجانلاندىم.  ياخشى تېما يوللاپسىز ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
518
تۆھپە
203
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 04:50:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئاياللار توغىرىسدكى تەتقىقاتىڭىزغا قايىلمەن ئەپەندىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:08, Processed in 0.072168 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991