- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
- جۇغلانما
- 595
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2012-8-31
- UID
- 25911

- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- UID
- 25911
|  |  |  |  | نادىر تېلېۋىزىيە فىلىم:«باغ» 
(1986-يىلى ئىشلەنگەن شۇ ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەققىدە)
سىنارېست-ۋۇ جىجۇڭ،ئەركىن توختى.تەرجىمە قىلغۇچى-تۇرسۇنجان زۇنۇن،ئابدۇكېرىم خالىق.رېژىسسور-مۇختىبەر مەخسۇت. ئوپېراتور-ۋاڭ يۈنشىڭ.تەقلىدىي ئاۋاز ئىشلىگۈچى-ئەكبەر ئابلىمىت،ئادىل ئىسلام. مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى-ھېكىم ھەسەن ئاساسلىق روللاردا: ياسىن شۇجى-نۇردۇن. تۇرسۇن-ئابدۇراخمان. موللاخۇن-مىجىت قاسىم. روشەنگۈل-گۈلباھار. راخمان –يولۋاسخان ئىمىن.سادىق شۇجى-ئوبۇلخەيرى. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 1980-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەلۇم خەلق گۇڭشېسىدا يۈز بەرگەن كوللىكتىپنىڭ مال-مۈلكىنى قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشلىرى،يۇقىرىغا قارىتا پارىخورلۇق،تەخسىكەشلىك قىلىدىغان،تۆۋەندىكى ئاممىنىڭ دەرت-ئەھۋالىغا يەتمەيدىغان،ھەمدە ھوقۇق قولىغا كەلگەندە ئۇنىڭدىن خالىغانچە پايدىلىنىدىغان،بىر قاتار ناچار قىلمىشلار پاش قىلىنىپ تەنقىتلەنگەن. فىلىمدىكى ياسىن گۇڭشى شۇجىسى-سادىقنىڭ پارىخورلۇق، ھايانكەشلىك قىلمىشلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، گۇڭشىدا ئېچىلغان ئىستىل تۈزۈتۈش يىغىنىدا سادىقنىڭ «چۆمۈچىگە چوغ تارتىدىغان»قىلمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن پاش قىلىدۇ. بىراق سادىق شۇجىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ياسىندىن ئۆچ ئېلىپ، ئۇنى يىراق جايغا يۆتكىۋىتىدۇ. ياسىن ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، خىزمەت ئورنىدا جاپالىق ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتىدە سادىق شۇجى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپچىلىك ياسىننى شۇجى قىلىپ سايلايدۇ. ياسىن شۇجى بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ياخشى ئىشلىگەن بولسىمۇ، لىكىن خوشامەتكە ئالدىنىپ، كاززاپ رەخماننى باغدىن ھەيدەپ چىقارماستىن يەنىلا باغقا مەسئۇل قىلىپ قويىدۇ. راخمان ئىلگىرى باغقا تىرىغان تاۋۇزلارنىڭ سورىتلىرىغا سادىق شۇجىنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى «س»نى ئويۇپ قويۇپ، سادىققا خۇشامەت قىلىپ، جان باققان بولسا،ياسىن شۇجى بولغاندىن كىيىن ياسىننىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى بولغان «ي»نى ئويۇپ قويۇپ، ياسىننى كۈتۈۋالىدۇ. ياسىن مەنپەئەت ئالدىدا ئېزىپ،يۇقىرىدىكى باشلىقلارغا پارا بېرىپ، تەخسىكەشلىك قىلىپ، كوللىكتىپنىڭ ياغاچ-تاش،مال-چارۋا،باغنىڭ مىۋە ۋە سەي-كۆكتاتلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. يۇقىرىدىن باھالاش ئۆمىكى كەلگەندە ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. قىسقىسى ياسىن شۇجى بولغاندىن كېيىن گۇڭشىنىڭ ئىشلىرى ئىلگىرى باسماي، بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. ئۇ كوللىكتىپنىڭ ۋە راخمان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سوۋغا قىلغان مال-مۈلكىدىن پايدىلىنىپ، ھەشەمەتلىك قورۇ سېلىۋالىدۇ. ئاممىنىڭ ئىنكاسىدىن خەۋەر تاپقان ناھىيە رەھبەرلىكى ياسىننى چاقىرتىپ، ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرىدۇ. دېمەك بۇ فىلىمدە مەلۇم كىشىلەرنىڭ ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاغزىدا «ئومۇم»دەپ قويۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسى ۋە پارىخورلۇق،تەخسىكەشلىك ئىللەتلىرى ئوبرازلىق ھالدا قامچىلانغان. بۇ تېلېۋىزىيە فىلىم نۆۋەتتە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تەكىتلەۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە كادىر ۋە ئاممىغا مۇھىم تەربىيىۋىي دەرسلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.






يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 13-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر
|  |  |  |  |
|
|