كۆرۈش: 8483|ئىنكاس: 8

بۇ ئىشقا نېمە دېگۈلۈك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
85
تۆھپە
54
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:37:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ئىشقا نېمە دېگۈلۈك؟




     ئوغلۇم بىلەن ئايالىمنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە بارماقچى بولۇپ تۇراتتۇق،ئايالىم تۇيۇقسىز بىر ئىش بىلەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى، مەنمۇ ئىش تۈگىگۈچە بىردەم تېلېۋىزوردىن يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ باقاي دەپ تۇرۇپتىمەن،شۇ ئارىدا ئوغلۇم (4ياش)پەسكە چۈشۈۋاپتۇ.ئايالىمنىڭ ئىشى 5مىنۇتقا بارمايلا تۈگىدى، مەنمۇ تېلېۋىزورنى تاقاپ پەسكە قارىسام ئوغلۇم بىنا ئالدىدا يوق، دەرھاللا بىنادىن ئوقتەك پەسكە چۈشۈپ ئۇنى چاقىراي دەپ تۇرسام ئۇ ياندىكى بىنانىڭ ئالدىدىن يىغلىغىنىچە قېچىپ كەلدى، كەينىدىن ئۇنىڭدىن سەل چوڭراق بىر بالا قولىدا بىر نەرسىنى دىۋەيلىگىنىچە قوغلاپ كەلدى،ئوغلۇم كەينىمگە ئۆتىشىگە ئۇ بالىنىڭ قولىدىكى نەرسىگە قاراپ قاپتىمەن، ياپانا،،،يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى، بالىنىڭ قولىدا ئىچىدىكى قىزىل قانلىرى قېتىپ بولالمىغان بىر ئوكۇل يىڭنىسى تۇراتتى.ئارقىدىن ھايالشىمايلا ئوغلۇم بىلەن تەڭ  3-4بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ ((ئاۋۇ بالا ئەدەمگە ئوكۇل ئۇرىمەن دەپ يىڭنە تىقىدىكەن)) دېمەسمۇ،(( تاشلا بالام قولۇڭدىكىنى)) دەپ قاتتىق ۋارقىراپلا بالامدىن (( سىزگە ئۇكۇل ئۇردىمۇ )) دەپ سورىدىم،بالام (( ياق،ئۇياي دىگەنتى،ياق دەپ قەشكەتتىم)) دېدى،ۋە ئارقىدىن ((ما ئاداشقا ،ئې ئاداشقا ئۇيدى)) دەپ قېچىپ كەلگەن بالىلار ئارىسىدىكى قارا قۇمچاق بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئاق يۈزلۈك بىرقىز بالىنى كۆرسەتتى،بۇ ئارىدا ھېلىقى كەپسىز بالا تېخىچە قولىدىكى قورقۇنۇچلۇق نەرسىنى تاشلىماي بالىلارغا شىلتىپ قورقىتىۋاتاتتى،ئۇ بالىنىڭ بىلىكىنى ئاۋايلاپ كاپپىدە تۇتتۇم ۋە ئىشپىرىسنى تارتىۋېلىپ يۈگۈرۈپ بارغىنىمچە ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتتىم.ئارقامدىن چۈشكەن ئايالىم بولغان ئىشلارنى بىرەرقۇر چۈشىنىپ چىرايىدا قان قالماپتۇ،ئوغلۇمنى باغرىغا بېسىپ ئۇنىڭغا ((بۇندىن كىيىن بىزگە دىمەي پەسكە چۈشۈپ ئوينىماڭ)) دەپ يېنىش-يېنىشلاپ دەپ كەتتى،بالام بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن،شۇ ئارىدا ھېلىقى قېچىپ كەلگەن بالىلار تارقاپ كېتىپ قاپتۇ،ھېلىقى كەپسىز تاز بولسا ماڭا سەت قارىغىنىچە ئۆزىدىن ئىگىزئەخلەت چىلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.دەرھال بېرىپ دەرۋازىغا قارايدىغان ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ قويدۇم،ئىچىمدە بولسا تېخى كۆچۈپ چىققىلى 2 يىلمۇ بولمىغان بۇ ئولتۇراق رايوندىن بالدۇرراق كۆچۈپ كېتەي دەپ ئويلىدىم......

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1254
تۆھپە
694
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:30:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز شۇنداق قېچىپ ئاخىرى ئۇ يەرلەرنى شۇ ئىپلاسلارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولدۇق. «سىز» ھېلىقى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپمىدىڭىزمۇ؟


Rank: 2

تىللا
85
تۆھپە
54
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:36:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بالىلار يۇقاپ كەتتى ،قارىغاندا بۇ ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرمايدىغاندەك،ئەمما ھېلىقى كەپسىز بالا ئۇدۇلىمىزدىكى بىنادىكەن .قانداق قىلسام بۇلار،ئارىدىن 4 كۈن ئۆتتى،ئىزدەپ ئۇلارنى تاپالارمەنمۇ؟تېپىپ دىسەم ئاتا-ئانىلىرى نىمە بوپ كىتەر؟ھىچ بىلەلمىدىم، بەلكىم ئۇنداق كىسىلى يوقتۇ دەپ ئۆزەمنى بەزلەپ تۇرۋاتىمەن،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
348
تۆھپە
229
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 13:00:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇك ،باللىرىمىز  بەزى قۇرامىغا يەتكەن قارا نىيەتلەرنىڭ دەستىدىن ئارام -خۇدا ئوينىيالمايدىغان بولدى دەپ ئەنسىرەپ تۇرغاندا ،مانىڭدەك ئاتا-ئانا تەربىيسى كۆرمىگەن كىچىك ماڭقىلارنىڭ دەستىدىن تېخېمۇ قورقۇپ  تالاغىمۇ چىقالمامدۇ نىمە ؟تازا بىر ئۇرۇپ ،ئۇزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ،زىيانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قۇيدىغان ئىش ئىكەندۇق  


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 13:03:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىكىن كېين ئۇنداق ئىشلارغا يۇلۇققاندا 110 نى ئۇنتۇپ قالماڭ ... ئاشۇ نائىنسابلارنڭ ئىنسابىنى تىلەيلى ، باللىرىمىز ساق سالامەت چوڭ بولسۇن


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 2

تىللا
122
تۆھپە
37
UID
23464
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 13:58:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوكۇل يىڭنىسىنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋىتىپ بەك يىنىكلىك قىلىپسىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز قان يۇقىنى لابراتۇريىلىك تەكشۈرۈپ باققان بولسا ھىلىقى ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ خاتىرجەم بولار ئىدى.


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:51:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيە كۆرمىگەنلىكنىڭ ئىشى.دىققىت قىلىش كېرەك،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
756
تۆھپە
232
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:11:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بالىلارنى بىرەرسى تەشكىللىدىمۇ يا؟
ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىشكەن بۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvmvx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 00:12  



گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:41:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىندىشىم راس يىنىكلىك قپسىزمۇ  نىمە؟بۇنداق ئەخۋالغا يولۇققاندا  چوقۇم يۇز خاتىرە قىلىشقا بولمايدۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلىش كىرەك


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:31, Processed in 0.076843 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991