كۆرۈش: 7752|ئىنكاس: 10

توققۇز نېمە ئۈچۈن... (دەرتمەن119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
141
تۆھپە
38
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 14:16:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توققۇز نېمە ئۈچۈن


    بىر كىشى بەش ياشلىق جىيەنىنى باغچىغا ئاپىرىپتىكەن، بىر نەچچە جۈپ ئاشىق – مەشۇقنىڭ قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ، بىر نەچچە سوئال سوراپتۇ:

    سوئال: ئۇ ھەدەش نېمىشقا ئاۋۇ تاغامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرىدۇ؟
    جاۋاب: چۈنكى ئۇ ئايال تازىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ئاۋۇ ئورۇندۇق بەك مەينەت بولغاچقا، ئىشتىنىم پاسكىنا بولۇپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇ تاغاشنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپتۇ.

    سوئال: تاغاش نېمە ئۈچۈن ئۇ ھەدەشنى سۆيىدۇ؟
    جاۋاب: چۈنكى ئۇ كۈندە ئىككى قېتىم چېشىمنى چوتكىلايمەن دەپتىكەن، ھەدەش بەك ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەن سۆزلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىۋاتىدۇ.

    سوئال: ئاۋۇ تاغاش نېمىشقا ھەدەشنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ؟
    جاۋاب: ھەدەش بەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋېلىپ جەزمەن پۇتى قايرىلىپ كەتكەن گەپ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىش نېمە دېگەن خەتەرلىك - ھە!

    سوئال: ئاۋۇ ھەدەش نېمىشقا تاغاشنىڭ پۇتىنى چىمدىۋالىدۇ؟
    جاۋاب: ئۇ ھەدەش دوختۇر، شۇڭا ئۇ تاغاشنىڭ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ قويۇۋاتقان گەپ.

    سوئال: مەنمۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ تازىلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنى ئاشۇنداق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ باقسام بولامدۇ؟
    جاۋاب: بولمايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن كېسەللىك مىكروبى بولىدۇ، يېقىنلاشسا يۇقۇملىنىپ، كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئوكۇل ئۇردۇرۇپ، دورا ئىچىدىغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى چوقۇم ساقلاش كېرەك.   

    سوئال: ئاۋۇ تاغاش بىلەن ھەدەش نېمىشقا يېقىنلاشسا بولىدۇ؟
   
جاۋاب: چۈنكى ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتىدۇ. مۇھەببەتلىشىپ بولۇپ توي قىلىدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ كۆنۈپ كەتكەندىن كېيىن يۇقۇملانمايدۇ. ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇنداق قىلىقلارنى قىلىش ئەدەبسىزلىك!


    سوئال: مۇھەببەتلەشكەننىڭ نېمە پايدىسى بار؟
    جاۋاب: توي قىلىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپنىڭ پۇتى پۇرامدۇ - پۇرىمامدۇ، ئۇخلىغاندا خورەك تارتامدۇ - تارتمامدۇ، تاپقان پۇلى ئۆي سېتىۋېلىشقا، ھامبورگ بولكىسى يېيىشكە يېتەمدۇ - يەتمەمدۇ، بالىلارنى باقالامدۇ - باقالمامدۇ؟ قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق.

    سوئال: نېمە ئۈچۈن توي قىلغاندىلا ئاندىن بالا بولىدۇ؟
    جاۋاب: چۈنكى بالا بېقىشقا ھەم خىراجەت، ھەم كۈچ كېتىدۇ، بىر ئادەم يېتىشىپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئىككى ئادەمنىڭ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

    سوئال: بىزنىڭ سىنىپتىكى ئىككى ساۋاقداشمۇ سۆيۈشتىغۇ، ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ - دە؟
    جاۋاب: (تەرلەپ كېتىپ) قالايمىقان سۆزلىمە! كىنو كۆرۈش ئۈچۈن بېلەت كېتىدۇ، خىزمىتى بولۇش ئۈچۈن ئوقۇش تارىخى كېتىدۇ. مۇھەببەتلىشىشتىمۇ سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ سىنىپتىكى ئۇ كىچىك بالىلار ئۆزى تاماق ئېتەلەمدۇ؟ ئۆزى پۇل تېپىپ ئۆي سېتىۋالالامدۇ؟ نېمە ئۇ سۆيۈشكەنلىك ۋە مۇھەببەتلەشكەنلىك دېگەنلىك؟ ئۇ تازىلىققا رىئايە قىلمىغانلىق بولىدۇ.
مەنبە: «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 8 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 16:18  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى
san实名认证 

Rank: 2

ئىسىمى
naprat
تىللا
156
تۆھپە
43
UID
23400
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:05:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كىچىك بالىلار تولىمۇ سەزگۇر ھەم ئەقىللىق، تۇرمۇشتىكى بىز دىققەت قىلمىغان ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار ئىنتايىن دىققەت قىلغان ياخشى، «كىچىك بالا ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ» دىگەن بىكار گەپ. كىچىك بالىلار خۇددى ساقچىنىڭ ئۆزىلا.
  ھەتتا  كىچىك بالىلار سورىغان سوئاللارغا بەزىدە بىزمۇ جاۋاپ بېرەلمەي قالىمىز.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:59:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن دوستىمىز راست دەيدۇ.  بەزىدە قىزىمنىڭ تۇگىمەس نىمە ئۇچۇن دىگەن سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ بولالماي ھېرىپ قالىمەن. بەزى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرەلمەي چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن دەيمەن، موشۇ تېلۋىزور كىچىك بالىلارنى بەك بۇزىۋەتتى جۇمۇ ، ھازىرقى بالىلار بەك ئەقىللىق.
بىر مىسالنى دەپ بەرسەم ، ئايالىم يېڭى ئېغىر ئاياق بولغان ۋاقىتتا قىزىمىزغا دىگەن ئىدۇق ، ئۇ بوباق قانداق بولۇپ ئاپامنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قالدى، قاچان چىقىدۇ، مەن قانداق بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇغۇلغان ، سىلەر توي رەسمىڭلاردا مەن نىمە ئۇچۇن يوق؟؟؟
ۋاي ۋۇي ئۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ھېرىپ ، تەمتىرەپ ، قىزىرىپ ئاران جاۋاپ بېرىپ بولدۇم. قىزىمغا سىز بىر ئۇكىڭىز بولۇشنى خالايدىغانمۇ بىز كۇندە خۇدايىمدىن تىلىۋىدۇق ، خۇدايىم ئاپىڭىزنىڭ قورسىقىغا سېلىپ قويدى، يەنە 7ئايدىن كېيىن تۇغۇلىدۇ، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ساغىرىپ چۇشۇشكە باشلىغاندا تۇغۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىم، ئاندىن كېيىن بىز توي قىلغاندا سىز يوق ، بىز خۇدايىمدىن سىزنى تىلىۋىدۇق خۇدايىم بەرگەن ، سىزنى بوباقتىن بۇرۇن خۇدايىمدىن تىلىگەن شۇڭا سىز بالدۇر تۇغۇلدىڭىز ...
مانا موشۇنداق جاۋاپلار بىلەن ھازىرچە قىزىمنى قايىل قىلدىم ، ھازىر ئۇ كۇندىن كۇنگە چوڭ بولۇپ ئادەم ئويلاپ باقمىغان سۇئاللارنى سورايدىغان بولدى، بەزىدە جاۋاپ بېرىشكە راستلا ئامال قالمايدۇ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 18:08:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بەزى چوڭلاردا ئەدەپ-ئەخلاقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ..بۇ دىئالوگ بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدىكەن


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 20:14:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان دىيالۇگ ئىكەن،تەشەكۈر.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
852
تۆھپە
349
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 01:31:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلارنى ئايىماي يوللاپ تۇراسىز،


Rank: 2

ئىسىمى
رۇقىيە
تىللا
64
تۆھپە
33
UID
27169
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:15:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلۋۇزۇرلا ئەمەس ھازىرقى بەزى ياشلاردا ھايا قالمىدى،كوچىلاردا نومۇس قىلماي ھايۋان كەبى يۇرسە ئۇلار نومۇس قىلمىغان بىلەن يېنىدىن ئوتۈشتىنمۇ نومۇس قىلىمىز مەنمۇ بەك كۆپ ئۇچراتتىم ئۇنداق ھاياسىزلارنى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
348
تۆھپە
229
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:43:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا بالىلار سۇئال سورىغاندا ئامال بار ئىلمى جەھەتتىن تەپسىلى جاۋاپ بىرىشكە تىرىشىشىمىز كىرەك


Rank: 4

تىللا
461
تۆھپە
113
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 11:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 13:32:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ھارمىغايسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:17, Processed in 0.080183 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991