كۆرۈش: 15878|ئىنكاس: 12

مۇنداق ئېشمۇ بار تۇرمۇشتا (دەرتمەن119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
141
تۆھپە
38
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 13:52:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۆرمەتلەشنىمۇ بېلىش كېرەك ئەلۋەتتە



    باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپلا ئۇنى كەمسىتمەڭ، تۆۋەن چاغلىماڭ، ئەدەبسىزلىكمۇ قىلماڭ، شۇنداقلا ھۆرمەتلەشنى بىلىڭ:

    بىر كۈنى مەلۇم بىر داڭلىق شىركەتتە ئىشلەيدىغان بىر ئايال ئېش ئورنىغا كەلگۈچە ئارىلىقتا 10 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئوغلى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانمۇ ۋە ياكى ئۇ بالا ئاپسىنى خاپا قېلىپ قويغانمۇ - قانداق، ئەيتاۋۇر
ئۇ ئايال بالىسىدىن خېللا بەك رەنجىگەندەك قىللاتتى. ئۇ ئايال ئوغلىنى يىتىلەپ ئۆزى ئىشلەيدىغان شىركەت ئالدىدىكى بىر گۈللۈكنىڭ ئالدىغا توغرىسىغا قويۇپ قويغان ئورۇندۇققا كېلىپ بىللە ئولتۇردى. ئۇلارغا ئانچە يېراق بولمىغان يەردە  ياشانغان بىر مويىسىپىت كىشى گۈللۈكلەرگە سۇ قۇيۇپ ۋە گۈللەرنى قىرقىۋاتتاتتى.
    تۇيۇقسىزلا ھېلىقى ئايال ئوغلىغا بىرنېمىلەرنى دېگەچ، سومكىسىدىن بىرتال قەغەزنى ئېلىپ قولىنى سۈرتكەندىن كېيىن گۈللۈككە قارتىپ تاشلاپتۇ. ئۇ ياشىنىپ قالغان مويىسىپىت كىشى ئۇ ئايالغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپتۇ، ئۇ ئايالمۇ ھېچ ئېش بولمىغاندەك بۇ كىشىگە قاراپ قويۇپتۇ. بۇ ياشىنىپ قالغان مويىسىپىت كىشى ھېچنىمە دېمەستىن ئۇ گۈللۈككە تاشلاپ قويغان قەغەزنى ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئېشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇ ئايال سومكىسىدىن يەنە بىرتال قەغەزنى ئېلىپ يۈزىنى سۈرتكەنچە يەنە گۈللۈككە تاشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوغلى ھەيرانلىق بىلەن:
    - ئانا نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ئۇ كىشى گۈللۈكنى تازىلاۋاتسا سىز قەغەزنى تاشلاپ قويدىڭىزغۇ - دەپتۇ.
    ئۇ ئايال بالسىغا جاۋاب بەرمەستىن ھېلىقى بوۋاينى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، بالسىغا مۇنداق دەپتۇ:
    - ئەگەر سەن ھازىدىن تارتىپ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇمىساڭ، كەلگۈسىدە بۇ قېرىغا ئوخشاش تازىلىقچى بولۇپ  قالىسەن ۋە مۇشۇندا ناچار خىزمەتنى قىلىپ ئۆتىسەن - دەپتۇ.
    ئوغلى بۇنى ئاڭلاپ باشقا گەپمۇ قىلماپتۇ، بۇگەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى ياشىنىپ قالغان مويىسىپىت كىشى بالىغا قاراپ تەبەسسۇم قېلىپ قويۇپ ئۇ ئايال تاشلاپ قويغان قەغەزنى يەنە ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپتۇ.
    بىراق كىم بېلسۇن ئۇ ئايال بىردەمدىن كېيىن يەنە سومكىسدىن بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ گۈللۈككە تاشلاپتۇ. شۇنداق قېلىپ بۇ ياشىنىپ قالغان مويىسىپىت كىشى ئۇ ئايال 4 - 5 قېتىم تاشلىغان قەغەزنى ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپتۇ. ياشىنىپ قالغان مويسىپىت كىشى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
    - خانىم، بۇ بىر شەخسىي گۈللۈك، بەلگىلىمە بويىچە بۇ گۈللۈكە بىزنىڭ شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر كىرەلەيدۇ، لېكىن تازىلىقچىمۇ ئالدىراپ كىرەلمەيدۇ، - دەپتۇ.
    ھېلىقى ئايال ئۇ مويىسىپىت كىشىگە:
    - ئەلۋەتتە، مەن دېگەن مۇشۇ شىركەتنىڭ تارمىقىدىكى بىر بۆلۈمنىڭ باشلىقى، مەن مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەيمەن، - دەپتۇ ۋە خىزمەت كېنىشكىسىنى چېقىرىپ كۆز - كۆز قىپتۇ.
    ئۇ ياشىنىپ قالغان مويىسىپىت كېشى بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ئۇ ئايالغا:
    - خانىم، يانفونىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇرسام بولارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
    ئۇ مويىسىپىت كىشى قانداقتۇر بىرئورۇنغا تېلفون بېرىپ سۆزلىشىپتۇ، بۇ ئايال يەنە ئوغلىغا ئۇ مويىسىپىت كىشىنى كۆرستىپ تۇرۇپ:
    - بۇ نامرات قېرىنى كۆردۈڭمۇ؟ يانفون ئالغۇدەك پۇلىمۇ يوقكەن، - دەپتۇ.
    ئۇ مويىسىپىت كىشى سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ ئايال ئىشلەيدىغان شىركەتتىن ئادەم كۈچى بايلىقىغا ئىگە بولىدىغان بىر قانچە كىشى ھېلىقى مويىسىپىت كىشنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
    - نېمە ئىش دىرېكتور ئەپەندىم؟ - دەپ سوراپتۇ. مويىسىپىت كىشى دەرھال ئۇ ئادەم كۈچى بايلىقىغا ئىگە بولىدىغان خىزمەتچىلەرگە بۇ ئايالنىڭ ھازىرلا خىزمىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، بىزنىڭ بۇ شىركەتتىن ھەيدىلىشىنى دەپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايال ئۇ شىركەتتىن ھەيدىلىپتۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، 2011 - يىل 20 - ئىيۇن

    مېنىڭچە: بىر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغىلا قاراپ ئۇ كىشىنى ئۇنداق - مۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس، كىشى مەيلى قانداق خىزمەت قىلسۇن ئۇنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىق ۋە ھۆرمەتلەش كېرەك.
ھېكىمەت: ھۆرمەتلەشنى ئۆزئارا داۋاملاشتۇرۇپ تۇرغان ياخشى، باشقىلارنى ھۆرمەتلىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلىگىنىڭىزدۇر.
             خان بولۇۋاتقانلارنى خار بولمايدۇ دېمەڭ، خار بولۇۋاتقانلارنىمۇ خان بولمايدۇ دېمەڭ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 16:30  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
326
تۆھپە
200
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:10:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى تېما بۇ ، تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ئىكەن . بىر ئادەمنىڭ تۇرقىغا قاراپ باھا بىرىش توغرا ئەمەس .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:50:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى ھۈرمەتلىگەنلىك ئۆزىنى ھۈرمەتلىگەنلىك،


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا ، ئادەمنىڭ ئىچىدە دىگەندەك ، بىر ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىش مانا موشۇنداق خاتالىقلارنىڭ يۇز بېرىدۇ.


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاددى كىشىلەر ئىچىدىمۇ ئۇلۇغلۇق بولىدۇ ، گەپ ئۇنى بايقاشتا.
كىشىلەرگە باھا بىرىشتە ئىككى كۆز بىلەنلا كۆرۈپ باھا بەرمەستىن بەلكى ئەقىل كۆزىمىز ئارقىلىق باھا بەرگەن ياخشى.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 18:15:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىئالوگ جەمىيىتىمىزدىكى بەزى ناچار قىلمىشلارنى قامچىلاپتۇ..تىما ئىگىسىگە رەھمەت...
بۇ تىمىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى  :
باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش....باشقىلارنىڭ سىىرتقى قىياپىتىگە قاراپلا باھا بەرمەسلىك...باشقىلار قىلىۋاتقان ئەلگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى قوللاش...باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىمەسلىك كېرەك


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
571
تۆھپە
211
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 21:15:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك.
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە ئاسمانغا تۈكۈرسە يۈزىگە !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
852
تۆھپە
349
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 01:35:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى ياخشى تىما يوللاپسىز،رەخمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
348
تۆھپە
229
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 13:03:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بىر ئادەمنىڭ تۇرقىغا قاراپ باھا بىرىش توغرا ئەمەس . چۈنكى ئەسكى  چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار
  


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نېرۋا
تىللا
110
تۆھپە
71
UID
25551
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 16:20:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق  ئۇقۇشماسلىق  دايىم  ئۇچراپ تۇردۇ !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:15, Processed in 0.081982 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991