ئايرىلدىم سەندىن؟

ئازاب ئىچىدە ئايرىلدىم سەندىن،
غەملەرگە بولۇپ قاپتىمەن ئەسىر.
سەندىن ئايرىلدىم كۈلكە يوق ماڭا،
ئازابلارغا بولۇپ قاپتىمەن ئەسىر.

ئازابلار ئىچىدە ئايرىلدىم سەندىن،
پەقەت مەن سېنىلا ئويلاپ.
بەرسۇن ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا بەختنى،
يالغۇز قويمىسۇن سېنى مەندەك كۈنگە.

ئازابلار ئىچىدە ئايرىلىپ سەندىن،
بولۇپ قاپتىمەن ئازابلارغا ئەسىر.
گەرچە سەندىن تاپالمىسام سۆيگۈ،
بېرەر ئاللاھ سەندىن ياخشىنى.

بۇشېئىرنى مەن سۆيگەن ۋە ياخشى كۆرگەن ئەلىفكە بېغىشلايمەن، بۇ قىز مېنى قوبۇل قىلمىغان
ۋە يۈرىكىمگە خەنجەر ئۇرغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇ قىزنى پەقەت ئۇنتالمىدىم.
ئوغۇللار، سىلەر بىر قىزنى ياخشى كۆرسەڭلار ماڭا ئوخشاش چىن يۈرىكىڭلاردىن ياخشى كۆرۈڭلار.
مەن ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن ۋە مەڭگۈ ئەسلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 16:34