ھەجەپ بىزار قىلدى، مۇشۇ تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئېلان - تەشۋىقاتتىن ئايرىلالمايدۇ. جۈملىدىن بىزدىمۇ مىللىي كارخانىچىلىمىز ئېلان - تەشۋىقاتقا سۈپەتتىن بەكرەك كۈچەۋاتقان مۇشۇ دەۋردە تېلېۋىزىيە ئېلانچىلىقىمىزدا كۆپلىگەن نادىر ئېلانلار ۋە بىر تۈركۈم كۈچكۈك ئېلانچىلىق قوشۇنى بارلىققا كەلدى. لېكىن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ياخشى - يامىنى بولغىنىدەك بىر تۈركۈم ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان ئېلان تېكىستلىرى يېزىلىپ، تېلېۋىزىيەدە ھەر كۈنى ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ كۆز - قۇلاقلىرىغا مەجبۇرى تېڭىلماقتا. مەن بۇ توغرىلىق ئۆزۈم ھېس قىلغان بىرقانچە ئېلان توغرىلىق جۆيلۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، بۇلار پەقەت مېنىڭ چۈشەنچەم، تورداشلار قانداق قارايدۇ، بۇنى بىلمىدىم: «دۇلدۇل» ماركىلىق توكسىكلىت ئېلانى. بۇ ئېلاندا تەشۋىق قىلىنغىنى توكسىكلىت تۇرسا، موتورنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى نەدىن كەلدى؟ بۇ بىر بىمەنىلىك بولۇپ قالدىمۇ - قانداق؟ «چىندىل» ماركىلىق يەل كۆيدۈرۈش كاپسۇلى ئېلانى. بۇ ئېلاننىڭ تېكىستىدە «بۇ يەل كۆيدۈرۈش كاپسۇلى ھەرقانداق يەلنى تەلتۆكۈس كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، لېكىن بۇ يەل كۆيدۈرۈش كاپسۇلىنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەللىك يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەكلىكى» سۆزلىنىدۇ. ئەگەر راستىنلا ھەرقانداق يەلنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىسا، ئۇنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە يەللىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشنىڭ نېمە ھاجىتى بولسۇن؟ بۇ دېگەنلىك بۇ دورىنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق دېگەنلىك بولۇپ قالامدۇ - قانداق؟ قىزىل كالا ئىچىملىكى ئىلانى. بۇ ئېلاندا قىزىل كالا ئىچكەنگە شۇنداق كۈچلىنىپ كېتىپتۇ. سىلەرچە شۇنداق بۇلارمۇ؟ ئاتالمىش دوختۇرخانىلار ئىلانى. ھەممە گەپنى ئۇچۇق قىلغان بەكمۇ زېرىكتۈردى. مەشرەپنىڭ ئابدۇكېرىمكام چىققان كىرئالغۇنىڭ ئىلانى، يەنە ئارمان، ئىخلاسنىڭ ئېلانىنى بەك ياقتۇرىمەن. مەن بۇ توغرىلىق ئۆزۈم ھېس قىلغان بىرقانچە ئېلان توغرىلىق جۆيلۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، بۇلار پەقەت مېنىڭ چۈشەنچەم، تورداشلار قانداق قارايدۇ، بۇنى بىلمىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 13:15
|