مەن سېنى يۈدۈپ ماڭغان
بىر ئادەم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىپتۇ ۋە اللاھنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپتۇ، اللاھ ئۇ كىشىگە ھايات ۋاقتىدىكى ھايات مۇساپىلىرىنى كۆرسىتىپتۇ،ئۇ تۆۋەنگە قارىغان ئىكەن ، ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىدا تۆت ئاياغ ئىزىنى كۆرۈپتۇ، باشقىلارنىڭمۇ ھەم شۇنداقكەن. ئۇ كىشى اللاھدىن سوراپتۇ ، « مېنىڭ ماڭغان يوللىرىمدا نېمە ئۈچۈن تۆت ئاياغ ئىزى بولىدۇ؟»، اللاھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ:«چۈنكى سېنىڭ ماڭغان يوللىرىڭغا مەن ھەمراھ بولغان»، دەپتۇ.
ئۇ كىشى يەنە تۆۋەنگە قاراپتۇ، ئۇ ئۆزى ئەڭ ئازاپلانغان ، مۈشكۈلچىلىكتە قالغان، قىينالغان ۋاقىتلىرىدا پەقەت ئىككىلا ئاياغ ئىزىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئاچچىقلانغان ھالدا اللاھدىن سوراپتۇ: «مەن ساڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتلىرىمدا، سېنى سېغىنغان ۋاقىتلىرىمدا نېمە ئۈچۈن سەن مېنىڭ يېنىمدا ئەمەس؟» دەپتۇ. اللاھ ئۇنىڭغا: « سەن ئەڭ ئازاپلانغان ، مۈشكۈلچىلكتە قالغان، قىينالغان ۋاقىتلىرىڭدا مەن سېنى يۈدۈپ ماڭغان»، دەپتۇ.
توغرا بىر ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا باشقىلارغا خاپىلاش، نارازى بولۇش بۇ ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى...