كۆرۈش: 4726|ئىنكاس: 3

مېھمان ھەققىدە لەتىپە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:37:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېھمان ھەققىدە لەتىپە


        
   
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوچاق مەملىكىتى قازان تېپى شەھىرىنىڭ قاسقان مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مانتا بەگ ھاجىم بىلەن چۆچۈرە خېنىم ئۆز ھۇجرىلىرىدا ناھايىتى كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ.
    زىياپەتكە ھەرقايسى ئىقلىملاردىن بولغان غىزا ئەربابلىرىنى تەكلىپ قىلىنىپتۇ.
    دەستىرخانە مەيدانى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، لۆڭگە مالاي، چىلاپچا گادايلارمۇ قول قوشتۇرۇپ خىزمەتكە ھازىرلىنىپتۇ. ئارقىدىنلا چەينەك ھاپىز، پىيالە مالايلارمۇ يېتىپ كەپتۇ.
    مېھمانلارنىڭ ئالدى تۆرگە تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر قايسىلىرى ئۆز مەرتىۋىلىرىگە لايىق دەستىرخان مەيدانىدىن ئورۇن ئېلىشىپتۇ.
    ئالدى بىلەن تونۇر ئىقلىملىرىدىن چوڭ نان خوجام، توقاش خېنىم، گۆش نان ھاجىم، سامسا بىگىملەر تۆرىدىن ئورۇن ئاپتۇ.
    ئاندىن تاتلىق ئىقلىملىرىدىن بولغان شېكەر سۇلتان، ناۋات چوكانلارمۇ قەنت سىڭلىسى، بوغۇرساق ئۇكىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تۆرگە چىقىپتۇ.
    ئاندىن كېيىن مېۋە - چېۋە ئىقلىملىرىدىن چىلگە مەخسۇم، تاۋۇز قارىم، شېكەر سۈيى خانىم، ئاق ناۋات نوچى، كۆك ناۋات پوچى، ئالما ئىمام، نەشپۈت ئەيشان، ئانار چوكانلارمۇ يېتىپ كەپتۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر باشلىقى سەي دارىن ئۆزىنىڭ تەتىيى خامسەي خېنىم بىلەن ئوغلى چىلىغان سەينى ئېلىپ زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ.
    كەينىدىنلا تەكلىپ بىلەن زىياپەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن چەت ئەللەرنىڭ ئوچاق مەملىكىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي باش ئەلچىسى  ۋوتكا ئەپەندىم، ۋالىلداپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ تونىنى كىيىپ، بېشىغا سۇلياۋدىن گاز ياغلىق ئاتقان، كۆك كۆزىنى قىپقىزىل بوياپ ياسىنىۋالغان بەيلەندى خانىمنى قولتۇقلاپ كېلىپ، ئۆزىگە خاس ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ رومكا كانىۋايلىرىمۇ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىككى يېنىدا قاتار تېزىلىپ تۇرۇپتۇ.
    مېھمانلارنىڭ ئالدى يېغىلىشى بىلەن مانتا بەگ ھاجىمنىڭ بۇيرۇقى بېلەن زىياپەتكە ھۆسىن قوشۇش ئۈچۈن چەينەك ھاپىز پىيالە مالايلىرىنىڭ ياردىمىدە، سامارۋاي مۆتىۋەرلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن سىنچاي قىزلار دەستىرخان مەيدانىنىڭ چۆرىسىگە كېلىپ خىزمەتكە ھازىرلىنىپتۇ.
    شۇ ئەسنادا ھەش - پەش دېگىچە ئارىلىقتا شېكەر سۇلتاننىڭ مەرھۇم دادىسى قىزىلچا ئاخۇنۇم بىلەن تاۋۇز قارىمنىڭ بۇرۇن ئېتىز بېشىدا سۇ تالىشىپ قالغان ئېغىر زىددىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق گەپ تالىشىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن شېكەر سۇلتان پىچاق دۇغىنى كۈشكۈرتۈپ، نەق مەيداندا تاۋۇز قارىنىڭ بېشىنى كېسىپ، قارنىنى يېرىپ تاشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن شېكەر سۈيى خېنىم ئاللا - توۋا سېلىپ، يىغلاپ پىچاق دوغىغا ئېسىلماقچى بولۇپتۇ. كۆزلىرى قانغا تولغان پىچاق دوغا ئارقىغا بۇرۇلۇپ، شېكەر سۈيى خېنىمغا ئېتىلغان ئىكەن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن شېكەر سۈيى خېنىم ئاچچىقىغا پايلىماي، پىچاق دوغىغا يىقىن كەلگىچە يېرىلىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان چىلگە مەھسۇم چاپانلىرىنى يېشىپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پىچاق دوغىغا ئېتىلىپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ.
    بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرغان ئالما ئىمام تەخسىگە يوشۇرۇنالماي دۇمىلاپ چۈشۈپتۇ. چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئۈزۈم سوپىنىڭمۇ پۇت - قوللىرى بوشىشىپ كېتىپ، ساپ - سىپىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ.
    بىر چەتتە قاراپ تۇرغان چەينەك ھاپىز قالايمىقانچىلىقتا پۇتلىشىپ كېتىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشكەنلىكتىن بېشى يېرىلىپ قۇلىقى ئاجراپ كېتىپتۇ. كۆپچىلىك دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، چىلگە مەھسۇم بىلەن پىچاق دوغىنى توسۇۋاپتۇ.
    دەل مۇشۇ ماجىرا بولۇۋاتقان چاغدا نەق مەيدانغا كېچىكىپ كەلگەن مېھمانلاردىن يۇتازا ئاخۇنۇم، شويلا بۈۋۈم، سۇيۇقئاش ئايىم، لەڭمەن شاڭيۇ، گاڭپەن كېجاڭ، خوشاڭ يايى، ئەتكەنچاي ھارۋۇكەش، شوۋا گۈرۈش يۈز بېشى، ئوماش ئون بېشى، شورپا دەللال، ئۆپكە - ھىسىپ ئاغمىچى قاتارلىقلار بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قېلىشىپتۇ.
    بۇ ئىشتىن قورقۇپ كەتكەن يۇتازا ئاخۇنۇمنىڭ سەللىسى چۇۋۇلۇپ، سۇيۇقئاش ئايىمنىڭ سۈيلىرى تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ.
    ھەممىدىن بەكرەك ۋەھىمىگە چۈشكەن شورپا دەللالنىڭ قورقىنىدىن كۆزلىرى پالىلداپ كېتىپتۇ.
    كۆپچىلىك بۇ ئىشنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ، ھۇدۇققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان مانتا بەگ ھاجىم ئالمان - تالمان قوشۇق چاپەرۋەنلىرىنى يورغۇلىتىپ، قاتلىما غۇجام بىلەن جۇۋاۋا ئايىملارنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
    زىياپەتكە باغاق تەگمەي خاپا بولۇپ ئولتۇرغاندا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قاتلىما غۇجامنىڭ خاپا بولغانلىقىدىن قۇلاقلىرى سالپىيىپ بارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    شۇ ئەسنادا بۇ قانلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان سوت ئەرباپلىرىدىن لازا كوجاڭ، ئاچچىقسۇ سوجاڭ چوكا مىلتىقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشىپتۇ. ئەھۋلنى ئېنىقلاپتۇ ھەم خاپا بولۇشۇپ كېتىپتۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پادىشاھقا ئەرىزنامە يېزىش كېرەك، دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شېكەر سۈيى خېنىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى چىلگە مەخسۇم دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ئەرز سۇنۇپتۇ.
    ئۇزاق ئۆتمەي پادىشاھ ئوردىسىدىن خەۋەر كەپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئوچاق بىشى مەھكىمىسىنىڭ خاقانى بولغان شاھ سۇلتان پولۇ گۆش تاجىسىنى كىيىپ، سەۋزە ئوقلىرىنى بەتلەپ لىگەن مەپىسىدە ئولتۇرۇپ، داستىخان مەيدانىدىن ئورۇن ئاپتۇ.
    شاھ سۇلتان پولۇ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، بۇ كاتتا زىياپەتكە پۈتۈن مەملىكەتتىكى غىزا ئەرباپلىرىنىڭ تەل - تۆكۈس چاقىرغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچىمۇ خەۋرى يوقلىقىنى بىلىپ، ئۆز ئىچىدە مانتا بېگى ھاجىغا نارازى بولۇپ ئالىيىپ قويۇپتۇ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن قورققان مانتا بېگى ھاجىمنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، چۆچۈرە خېنىمنىڭ قورقىنىدىن  قۇلاقلىرى سالپىيىپ كېتىپتۇ.
    شاھ سۇلتان پولۇ بۇ ئەھۋالنى بىر قۇر سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چۈشۈرۈپتۇ.
    پەرمان: مەزكۇر قانلىق ۋەقەگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغان، قانخۇر جىنايەتچى پىچاق دوغىنى مېۋە-چېۋە ئىقلىمىدىكىلەرنىڭ ئەرباپلىرى بىلەن داۋاملىق  ئۆچلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئاسما يامۇلىغا سولاپ، پۇتىنى باغلاپ، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنسۇن.
    قانۇنسىز ھالدا ھاكىمىيەتتىن رۇخسەتسىز دەستىرخان مەيدانى سېلىپ، قانلىق جېدەل - ماجىراغا سەۋەبچى بولغان جىنايەتچى مانتا بەگ ھاجىمغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، نەق مەيداندىلا لازا كوجاڭ، ئاچچىقسۇ سوجاڭلار چوكا مىلتىقلىرى بېلەن قارنىنى يېرىپ تاشلىسۇن.
    مەزكۇر جىنايەتچى قانخۇر مانتا بەگ ھاجىمنىڭ خوتۇنى چۆچۈرە خېنىمنى پىمتۇزا ئاغامچە بىلەن باغلاپ، بوسۇ قامچىسى بىلەن ئۇرۇپ، دەرھال ھام - ھام يامۇلىغا سولاپ، قاتار تۇرغان 32 چىشلىق جادا بىلەن توغراپ، كانەي دەرۋازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاشقازان شەھىرىنىڭ قېرىن مەھەللىسىدە ئېزىپ يۇمشىتىپ، ئاچچىق ئۈچەي يوللىرىدا ماڭغۇزۇپ، سازايى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا دەرۋازىدىن چىقىرىپ، قاراڭغۇ زىندانغا تاشلاپ چىرىتىۋەتسۇن.
    بايا قازا قىلغان تاۋۇز قارىغا داۋانچىڭدىن ئورۇن بېرىلسۇن. مەرھۇم شېكەر سۈيى خېنىمغا قەشقەر پەيزاۋاتتىن ئورۇن بېرىلسۇن. قالغان مېۋە - چېۋە ئەرباپلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاق ناۋات نوچى، كۆكچى بايۋەتچىلەرگە قۇمۇلدىن ئورۇن بېرىلسۇن. نەشپۈت ئىشانغا كورلىدىن، ئۈزۈم سوپىغا تۇرپاندىن ئورۇن بېرىلسۇن.
    ئەگەر غىزا ئەرباپلار بۇنىڭدىن كېيىن قورساققا كىرىپ جىدەل چىقارسا، مەنچىزە خېنىم مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلسۇن، ئەگەر مەنچىزە خېنىمدا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە دەرھال سىىنچاي قىز ياردەمگە ئەۋەتىلسۇن.
    ئىش تامام، ۋەسسالام.
    مەنبە: ساقلىغان خاتىرەمدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 12:50  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
20
UID
27364
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 13:03:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق جىق خەتلەرنى قاچانمۇ ئوقۇپ بۇللامەن ، بۇتېمىنىنىڭ ئېگىسىمۇ مۇشۇنچىۋالا جىق خەتلەرنى يېزكەتكىچە قانچىلىق ۋاقىت كەتكەندۇ .
شۇنچە تەپسىلى يېزىلغانغا قارغاندا خېلى مەنىسى چوڭ بىر لەتىپە ئوخشىمامدۇ !
ئىشقىلىپ جاپا تاتىپ سىز بولسا مۇشۇندا يېڭى تېمىلارنى يولاپ تۇراسىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 18:35:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۇزۇنكەن..جاپا چىكىپسىز.....تېخىمۇ تىرىشىڭ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1379
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:27:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سورۇندا ‹كاۋا قارىھاجىم › بولمىغاچقا مۇشۇنداق جىدەل چىققان نېمە. ئەسلى ‹كاۋا قارىھاجىم›نى ‹شاھ سۇلتان پولۇ› ئالىيلىرى بىللە ئېلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغانكەن، شۇڭا بۇ جىدەل چىقىپتۇ. ‹يۈزى› چوڭدە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:27, Processed in 0.074681 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991