ئامېرىكىنىڭ 911 ھەققىدە ئىشلىگەن فىلىمى
گەرچە 11 - سېنتەبىر ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىگە 11 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ تېررورلۇق ھۇجمى ئېلىپ كەلگەن پاجىئە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ھەربىر ئىنسان بۇ ۋەھىمىلىك ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىدە ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ مىنۇتلاردىكى قىسمەتكە ئۇچرىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى كېلىدۇ ئەلۋەتتە. ھەممىگە ئايانكى، 3 ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نىشانغا سوقۇلغاندىن كېيىن، 4 - ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا 4 - ئايروپىلان نېمىشقا سوقۇلماي قالغان، ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار ۋە يولۇچىلار ئارىسىدا بىرەر قارشىلىشىشلار بولغانمۇ قانداق؟ كىشىلەر بەلكىم بۇنىڭغا قىزىقىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ 93 - قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ بۇلانغانلىقى يىپ ئۇچى قىلىنىپ ئىشلەنگەن بۇ فىلىم سىزگە بۇ توغرىسىدا ئازدۇر كۆپتۇر ئۇچۇر بېرەلەيدۇ. بۇ فىلىم سىزگە خۇددىي «تىتانىك» فىلىمىدەك جىددىيلىك ۋە ئەندىشىلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. فىلىم باشلىنىشىدىلا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى قىسقىچىلا كۆرسەتكەندىن كېيىن، تېررورچىلارنىڭ قۇرئان كىتابنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاللادىن ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيدۇ. تۆۋەندە بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئۆزىڭىز باھا بېرىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 10:13