كۆرۈش: 3927|ئىنكاس: 5

بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لار توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:39:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لار توغرىسىدا


  
      مەن ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ، گۈلباھار سىدىقنىڭ بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لار توغرىسىدا يازغان ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم.
      ماقالىنىڭ ئاساسىي ھەل قىلماقچى بولغان ئىدىيەسى بىزدىكى قەدىمدىن تارتىپ مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان «يامان بولىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلماقچى بولغان.
      ماقالە ناھايىتى ئوبدان يېزىلغان بولۇپ، مۇنازىرگە قويۇشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
      مەن بۇ يەردە بىرنەچچە تۈرلۈك «يامان بولىدۇ» لارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي، مۇنبەرداشلارنىڭ بىرلىكتە مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن.
      «كەچتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ، كۈندۈزدە ئالغىن» مانا بۇ بىزلەرنىڭ كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا - ئانىمىز قولىقىمىزغا قۇيۇپ سېڭدۈرۈۋەتكەن يامان بولىدىغانلارنىڭ بىرىنچىسى.
      دادام ئاپامغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «ئوقۇمىغان ئايال دېگەن شۇنداق بولىدۇ - دە، كەچتە تىرناق ئالسا نېمىشقا يامان بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ پەيغەمبىرىمىز ياشىغان مەزگىللەردە توك بولمىغاچقا، كەچتە تىرناق ئالسا قولىنى كېسىۋالىدۇ دەپ، كەچتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ، دېگەن. ھازىر توك بولغاچقا كېچە بىلەن كۈندۈز ئوخشاش. تىرناقنى قانداق ۋاقىتتا ئالسا بولۇۋېرىدۇ، تازىلىققا رىئايە قىلىش ئىسلام دىنىدىكى پەرھىزلەردۇر» دەيدىغان.
      دەۋىرنىڭ ئالمىشىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نۇرغۇن سەۋەبلەر ئەمەلىيەتلەرگە ئورۇن بوشىتىپ بەرمەكتە.
      مەن بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىگە قاتنىشىپ قالدىم، قارىشىۋاتقانلارنىڭ بىرى قۇرئان ئوقۇۋاتقانلارغا تاماق ئېتەيلى دېدى، بولمايدۇ، ئۆلۈم چىققان ئۆيدە ئۈچ كۈنگىچە تاماق ئەتسە «يامان بولىدۇ» دېدى. مانا بۇ يامان بولىدۇلارنىڭ يەنە بىرى.
      بىز مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قائىدىمىز، ئۆزئارا ياردەم قىلىشتۇر.
      مىيىت چىققان ئۆي ياكى توي - تۆكۈن بولغان ئۆيلەردە، ئۆي ئىگىسىگە ھاردۇق يەتكەن بولىدۇ. كىرىپ - چىقىدىغان ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن بىر ئىش قىلىش قولايسىز بولىدۇ. شۇڭا قولۇم - قوشنىلار تاماق قىلىپ، تاۋاق سۇنىدۇ. بۇ خىل پائالىيەت نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم بولغان ئۆيلەردە نەچچە كۈنلەپ تاماق ئېتىلمەيدۇ.
      تەدرىجىي بۇ پائالىيەت قائىدىگە ئايلىنىدۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن مىيىت چىققان ئۆيدە تاماق ئەتسە يامان بولىدۇ، دېگەن ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ.
      دېمەك، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ شەكىللىنىشىدە بىر ئىش سەۋەب بولىدۇ.
      يۇقىرىقىدەك «يامان بولىدۇ» نى ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز.
      بەزىلەر بالىلىرىغا تەربىيە - نەسىھەت بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ. بۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ، ئادەم ئۇرساڭ يامان بولىدۇ دەپ، ئادەم ئۇرسا نېمە ئۈچۈن يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەي، قاتمال ھالەتتە «يامان بولىدۇ» بىلەن تەربىيەلەپ چوڭ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەت دەۋرمۇ - دەۋرە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
      مىللىتىمىزنىڭ سۆز - ئىبارىلىرىدە نۇرغۇن «يامان بولىدۇ» لار سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
      ناننىڭ ئۇگىكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە يامان بولىدۇ، سۇغا تۈكۈرسەڭ يامان بولىدۇ، چوڭلارغا سالام بەرمىسەڭ يامان بولىدۇ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىسەڭ يامان بولىدۇ، ئسراپچىلىق قىلساڭ يامان بولىدۇ.
      دېمەك بۇلار ھېكىمەتلىك «يامان بولۇش» لاردۇر. بۇ ھېكىمەتلىك «يامان بولۇش» لار ئۆز دەۋرىدە قانۇن - تۈزۈملەردەك ئۆز رولىنى نامايان قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ سالمىقى بار.
      مېنىڭچە ھازىردىن تارتىپ ئەۋلادلىرىمىزغا «يامان بولىدۇ» لارنىڭ مەنىسىنى بىرگە چۈشەندۈرۈپ ماڭغان بولساق ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلىپ ماڭغان بولاتتى. نېمىنىڭ ھەقىقىي يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولاتتى.
      مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ بىر كىچىك بالىدىن سوراپ باقتىم. ھەي بالام، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمىسا، نېمە ئۈچۈن يامان بولىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي ئىدى «شۇ يامان بولىدۇ».
      مېنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىمدا شۇنداق تۇيغۇ بولىدىغان، ھوي تونۇرنى تەپسەڭ يامان بولىدۇ دېسە، نېمىشقا يامان بولىدىغاندۇ؟تونۇرنىڭ ئىچىدە جىن بار ئوخشايدۇ، دەپ تونۇرنىڭ يېنىغا يالغۇز بارالمايدىغان ئىدىم. دېمەك چۈشەنچە بولمىسا ئىنكاسمۇ بولمايدىغان ئىشكەن.
      تەربىيەنى كىچىك ۋاقىتتىن باشلىغان ياخشى، چۈشەنچە بالدۇر بولسا، ئىنكاسمۇ تېز بولىدۇ.
      ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى تەييارلىق سىنىپلاردىن باشلاپلا كۇرسلاردا ئوقۇتۇۋاتىدۇ، مېنىڭچە كېيىن سالغان ماددىي مەبلەغدىن بۇرۇن سالغان مەنىۋى مەبلەغنىڭ ئۈنۈمى ياخشى دەپ قارايمەن.
      مەن ئۆزۈمگە قاراڭغۇ بولغان «يامان بولۇش» لارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىشلار ئورنىدا  ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تونۇشىمدىن سوراپ باقتىم.
      ئۆلۈم - يىتىم، نەزىر - چىراغلاردا سۇيۇقئاشنى تاق چوكىدا ئىچمىسە «يامان بولىدۇ»، ھەتتا ئۆلۈممۇ جۈپ بولۇپ قالىدۇ، دېگەننىڭ ئاساسى بارمۇ؟
      يوق، چوكىنىڭ تاق - جۈپلۈكى بىلەن ئۆلۈمنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۆلۈم، نەزىر - چىراغلاردا ئادىم كۆپ بولغانلىقتىن چوكا يېتىشمەيدۇ، بۇمۇ بىر سەۋەب.
      چوڭلار ئارىسىدا، ئۆلۈم پەتىسىدىن يېنىپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرسە يامان بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار، بۇنىڭمۇ ئاساسى بارمۇ؟
      بۇ خىل ئىللەت بىزلەردە خېلى ئېغىر، بۇنىڭمۇ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن رەنجىش بەك نادانلىق.
      مەن قايتىپ كېلىۋېتىپ ئويلاپ قالدىم، بىزدە نۇرغۇن  ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە «يامان بولىدۇ» لىرىمىز بار بولۇپ، بۇ بىزنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تېخىمۇ گۈزەل ھەم ئەخلاقلىق قىلىپ نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. بىز ئەنە شۇ ئېسىل دۇردانىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لارنى توغرا قوبۇل قىلالايمىز دەپ قارايمەن.
      مەنبە: بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لاردىن پايدىلاندىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 11:39  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
495
تۆھپە
145
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 16:07:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يامان بولىدۇ»نى دېسە يامان بولۇش-بولماسلىقى بىرمەسىلە، مەدەنىيەت تۇپرىقىمىزغا چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۆزگىچىلىكلەرنى، تەبىئەتكە مايىل ئېتىقات تۈسىنى ئالغان گۈزەل نەرسىلىرىمىزنى يوقىتىپ قويساق ھەقىقىي يامان بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇشۇق بەس-مۇنازىرىنى،پىتنە-پاساتلارنى ئاۋۇتۇۋېتىپ قالساق تېخىمۇ يامان بولىدۇ. جاھاندىكى ھەممىلا نەرسىنى ئەقلىيلىككە ئېلىپ چۇقۇم ئىزاھلاش ھاجەت ئەمەس ھەم شۇنداق بولغانمۇ ئەمەس.


Rank: 1

تىللا
27
تۆھپە
11
UID
26548
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 21:02:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركيار يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 16:07
«يامان بولىدۇ»نى دېسە يامان بولۇش-بولماسلىقى بىرمەسىل ...

مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1254
تۆھپە
694
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:55:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ يامان بولۇدۇلارنىڭ جىقلىقى، ھەممە يامان ئىللەت بىزدىن چىقىۋاتامدۇ دەيمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 13:11:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا موشۇنداق «يامان بولىدۇ» لار بىزدىن بۇرۇنقىلارنى بىزنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىزنىڭ ئىدىيەرىمىزدە موشۇ سۆزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن : «ناننى چاچساڭ يامان بولىدۇ»، مانا بۇ ئىسراپچىلىقنىڭ ئالىدىنى ئېلىش؛ «چوڭلارنىڭ ئالدىدا پۇت سۇنۇپ ئولتۇرسا يامان بولىدۇ»، مانا بۇ بىزدىكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەش؛ «كەچتە ئەخلەت ئالسا بولمايدۇ» بۇ سۆز باشقىلارغا بەك خۇراپىدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئويلاپ بېقىڭ ،بىز كەچتە ئەخلەت ئالساق قاراڭغۇدا، ھازىر چىراق بولسمۇ لېكىن كۇندۇزگە يەتمەيدۇ دە ، بەزى مۇھىم نەرسىلەر ئەخلەتكە قوشۇلۇپ تۆكۈلۇپ كېتىدۇ؛ «ئەخلەت بىلەن كۈلنى بىرگە تۆكسە يامان بولىدۇ» مانا بۇ بىزدىكى بىخەتەرلىك ئېڭى، ئەخلەتتە نۇرغۇن ئاسان كۆيىدىغان نەرسىلەر بار، كۈلدە ئۆچمىگەن چوغلارنىڭ بولىشى مۇمكىن... ئاتا بۇۋىلىرىمىز مانا موشۇنداق ئاددىي لېكىن مەنىلىك «يامان بولىدۇ» لار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنى ،بىزنى تەربىيەلەپ كەلگەن، بىزمۇ ھەم بۇلارنى «مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش » پىرىنسىپى بويىچە ئىجرا قىلساق بولىدۇ.
ئۇ «يامان بولىدۇ» لارنى قانداق چۇشىنىش ، قانداق ئىشلىتىش، بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىڭىزنىڭ چۇشىنىشىڭىزگە ۋە ئىشلتىشىڭىزگە باغلىق.


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 10:39:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
insan digan.jpg
  

(قۇمۇل قوغۇن)ىنىڭ مۇلايىزىسى ئەتىراپلىق بولۇپتۇ.ئىنكاسىنىڭزغا تەشەكۈر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (نۇر) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 10:42  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:10, Processed in 0.084597 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991