كۆرۈش: 8483|ئىنكاس: 9

«مۇقام ئۇستازى» درامىسى توغرىسىدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
199
تۆھپە
132
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:35:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«مۇقام ئۇستازى» درامىسى توغرىسىدا

cap01.JPG



cap03.JPG


cap07.JPG


cap15.JPG



      (بۇ درامىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مىللىي ئوپىرا ئەترىتى 1980 - يىللىرى ئوينىغان)
      ئاپتورى: مەمەتئېلى زۇنۇن.
      رېژىسسورى: ئابدۇقادىر يۈسۈپ.
      ئاساسلىق روللاردا:
      تۇردى ئاخۇن - ئابلىكىم روزى.
      ئىمىن ئاخۇن - ئابلىز ئايۇپ.
      جىنەستە - تاجىگۈل.
      ئەنۋەر - ئەرشىدىن.
      بەختىنساخان - ھۆرىگۈل.
      راشىدىن موللا-مەمەت ياقۇپ.
      خوجا داموللا - ئابدۇقادىر ھاجى.
      نەزەر دەرۋىش - قۇربان ئىسلام.
      قورچاق جۈيجاڭ - يولۋاسخان ئىمىن قاتارلىقلار.
      درامنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
      بۇ درامىدىكى تۇردى ئاخۇن ئاكا 1881 - يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ رايونى بارىن يىزىسىنىڭ تۆتكۆل مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىسىمۇ ئاتاقلىق مۇقامچى، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ئىدى. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى كونىشەھەردە، ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى يېڭىساردا ئۆتكەن، 1939 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە بولغان ھاياتى قاغىلىقتا، ئۇندىن كېيىنكى ئۆمرى يەكەن ۋە قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكەن. 1945 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تۇردى ئاخۇن ئاكا ئائىلسىدە بالىلىرى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىكتە ساز چېلىپ مۇقام ئېيتىۋاتقاندا خوجا داموللام ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى ھويلىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، مۇقام ئۆگىنىۋاتقان ياشلارنى ھاقارەتلەيدۇ ھەمدە «مۇقام ئېيتىش ھارام» دەپ ساز چېلىپ مۇقام ئېيتىشنى چەكلەيدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا قاتارلىقلارنىڭ ئۇلارغا رەدىيە بېرىشى ئارقىسىدا بۇ مۇشتۇمزورلار دەككىسىنى يەپ چىقىپ كېتىدۇ. 1946 - يىلى تۇردى ئاخۇن ئاكا قاغىلىقتا مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرغان مەزگىلىدە خوجا داموللا تۇيۇقسىز يالغاندىن ئويدۇرما خەت يېزىپ، چايغا تەكلىپ قىلىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغىلى قىل ئۈستىدە قالىدۇ. نەتىجىدە ئىنىسى - ئىمىن ئاخۇن ۋە دوستلىرىنىڭ ھۇشيارلىق بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنى قۇتقۇزۇپ  قالىدۇ. 1947 - يىلى خوجا داموللا، نەزەر دەرۋىش قاتارلىق سوپى ئىشانلار تۇردى ئاخۇن ئاكىغا تۆھمەت توقۇپ، قارىلاپ زىندانغا تاشلايدۇ. بۇ چاغدا خەلقپەرۋەر تىلماچ ئەپەندىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا گومىنداڭ جۈيجاڭى بىلەن خوجا داموللىنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئۇلارنى قارشىلاشتۇرۇپ، «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇپ» ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، 2 - قېتىم تۇردى ئاخۇن ئاكىنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا بېشىغا ھەرقانچە كۈلپەت كەلسىمۇ مۇقامنى رەتلەش، قوغداشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمايدۇ. دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىن پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇردى ئاخۇن ئاكا شاگىرتلىرىغا مۇقام ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش،مۇقامنى رەتلەش قاتارلىق كەسپىنى ئۆگىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. بۇ درامىدا تۇردى ئاخۇن ئاكا باشچىلىقىدىكى مۇقامچىلار بىلەن سوپى ئىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ بۇ درامىدا كومىدىيەلىك ئالاھىدىلىكنى بايان قىلغان. ئاپتور مەمەتئېلى زۇنۇن بۇ درامىنى يېزىش ۋە سەھنىلەشتۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. تۇردى ئاخۇن ئاكا رولىدىكى ئابلىكىم روزى باش قەھرىمان رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ ۋە 12 مۇقام ئاساسىدا ئورۇنلانغان ناخشىلارنى ياڭراق ئاۋازى بىلەن جانلىق ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن مەدھىيەلىشىگە ئېرىشكەن. بىز بۇ درامىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئەجىر قىلغان بارلىق سەنئەتكارلارغا چوڭقۇر تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
      يازغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
      2012 - يىلى 12 - سېنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 13:00  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
199
تۆھپە
132
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:39:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ درامما مەرھۇم ئاتاقلىق درامماتۇرۇگ-مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ئاكىمىزنىڭ يازغان ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە دراممىسى بولۇپ، 1980-يىللاردا ئوينالغان. تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن نادىر دراممىدىن ئىبارەت.


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 20:30:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1254
تۆھپە
694
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:55:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ كەملەردە ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمەي كۆرۈپتىكەنمەن.


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 12:13:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتسىز تېما


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1775
تۆھپە
1260
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 00:15:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى سىنارىسىنى كۇرگەن بۇلساق بەك ياخشى بۇلاتتى ھەركەلىك يۇللىغان بولسىڭىز بەكلا ياخشى كۆرگەن بۇلاتتۇق.


Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
180
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:58:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Alipbeg يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 12:13
ئەھمىيەتسىز تېما

توۋا . بولسا سىزگە ھىندىستاننىڭ كىنولىرى كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىللىرى بولغان بولسا ئەھمىيەتلىك بولاتتى شۇنداقمۇ .  بەزىللىرمىز تۇرداخۇن ئاكىمىزنى ئاڭلىغىنىمىز بىلەن تارىخىنى تولۇق ئۇقمايمىز  . شەخسەن مەن بۇتىما بىلەن تۇرداخۇن ئاكىمىزنىڭ تارىخنى بىلۋالدىم .  


Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
180
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:58:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Alipbeg يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 12:13
ئەھمىيەتسىز تېما

باش سۈرىتىڭىزگە لايىق گەپ گەپ قىلىڭ .  تېخى ‹‹مەمتىلى ئەپەندىم ›› نىڭ سۈرىتىنى چىقىرۋاپسىز   . ئەڭ ياخشىسى باشقا باش سۈرەت تاللاڭ ،  ئۇ سۈرئەتنى تاللاشقا سىز لايىق ئەمەس .


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:55:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arfa21 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 22:58
باش سۈرىتىڭىزگە لايىق گەپ گەپ قىلىڭ .  تېخى ‹‹مەمتىلى  ...

مۇشۇنداق بېشى بار، ئاخىرى يوق تېما قاچانمۇ تۈگەر. بىر بولسا پۈتۈن يوللىمىغان.
مەن ئاشۇ تەۋپىقنىڭ ئىزچىسى.


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:55:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىغا يېزىلغان ئىنكاس يەر قالغان، بىرەر تېمىغا ناچار ئىنكاس يېزىلسا دەرھال قايتارما ھۇجۇم!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:12, Processed in 0.085505 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991