ئىنساننىڭ ھەرىكەت قائىدىسى
ئاچچىق ۋە ئازاب ئوتىنى سەمىمىلىك سۈيى بىلەن ئۆچۈرۈش كېرەك. ئاچچىق - ئازاب ئىنساننىڭ كۆرۈنمەس دۈشمىنىدۇر.
ھاۋايى - ھەۋەس ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ھاۋايى - ھەۋەس ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدۇر.
ئالدامچىلىق ۋە تاماخۇرلۇقنى، كىشىگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئەقىلدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك. ئالدامچىلىق - تاماخۇرلۇق ئىنساننىڭ ئەقىلسىزلىكىدۇر.
ھەرقانداق ئىشنى راستچىللىق بىلەن قىلىش كېرەك. راستچىللىق ئىنساننىڭ ئېسىل پەزىلىتىدۇر.
ھەرقانداق ئىش يۈز بەرسە، ئۇنى مۇلايىملىق بېلەن ھەل قىلىش كېرەك، مۇلايىملىق ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلىتىدۇر.
دېمەك، يۇقىرىقى ھەرىكەت - قانۇنىيەتلەرگە ئەمەل قىلالىغان ئىنسان، باشقا بارلىق جانلىقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەقىللىق جانلىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارايمەن. مەنبە:ئىجايىتىم ئۇستاز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئۇستاز ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىلىمنىڭ ۋارىسىدۇر.
ئۇستاز، ئادىمىزات ئەقلى بوستانلىقىنىڭ چىۋەر باغۋىنى، ئەقىللەر ئىدراكىنىڭ خاس ئىزدىگۈچىسىدۇر.
ئۇستاز ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ ئىلىم ئارقىلىق جەمئىيەتكە ياراملىق، خەلققە لازىملىق ئاجايىپ يۇقىرى قىممەت يارىتىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەقىل ۋە ۋىجدان ئارقىلىق ھېىسابلاش مۇمكىنكى، باشقا نەرسە بىلەن ھېسابلاش مۇمكىن ئەمەس.
قىسقىسى، ھازىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن، ئۇستاز ئاتا - ئانىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان مۇقەددەس ئىنسان ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى ئاتا - ئانا ئۇنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان بولسا، ئۇستاز ئەقىل كۈچى ئارقىلىق ئىنسانىيەت قەلبىنى يورۇتقۇچىدۇر.
مەنبە: ئىجادىيىتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 11:51