گۈلچاي نېمە ئۈچۈن سولىشىپ قالدى؟
قارا قۇرۇم گۈلچېيىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى ئالاھىدە بولۇپ ، قارا قۇرۇم ياۋا گۈلچېيى قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىسمەن رايونلاردا ئۆسىدۇ . ئۇنىڭ چېچەك مەزگىلى قىسقا بولۇپ ، ھەر يىلى 8- ئايدا بىر قېتىم چېچەكلەيدۇ ، مەھسۇلاتىمۇ ئاز ، يىغىۋىلىش تولىمۇ تەس . ھەر كۈنى سەھەردە شەبنەم سۈيىگە تويۇنۇپ تۇرغاندىلا غۇنچىلىرىنى زەخمىلەندۇرمەي يىغىۋالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئالاھىدە شىپالىق رولى شۇكى: قاراقۇرۇم گۈلچېيىدا ئادەم تېنىگە پايدىلىق بولغان 18 خىل ئاممۇنىي كىسلاتا ۋە 15 خىل مېنېرال ئېلېمىنت بار . قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش ، قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە ھەمدە مىكروپ ئۆلتۈرۈش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئورۇقلىتىش ، زۇكام ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە . گۈلچاينىڭ زىيادە كۆپتۈرۈلۈپ كەڭ كۆلەمدە تېرىلىشى نەتىجىسىدە ، گۈلچاي باھاسى ئۆرلەپ ، ئالدىنقى يىللىرى ھەر 100 گىرامى 200 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلدى . بىر قانچە يىل ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرى قارا قۇرۇم گۈلچېيىنى تاغ باغرىدا تېرىپ نەتىجە قازىنىپ ، بازارغا سالغاندىن كېيىن ، ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ ، ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى . بۇنىڭ بىلەن بەزى تاغلىق رايونلاردىكى يېزا- كەنتلەر گۈلچاي تېرىشنى دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ كېڭەيتتى . بۇلتۇر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاپ يېزىسىدىكى مەتتۇردى تۇرسۇن ئىسملىك بىر دېھقان 100 مو يەرگە گۈلچاي تېرىپ ، ساپ كىرىمنى 600 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى . بۇنداق زور پايدا بوشلۇقى دېھقانلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغاچقا ، ھەممەيلەندە قارا قۇرۇم گۈلچېيى راستىنلا ئالتۇن گۈل ئىكەن ! دەيدىغان قاراشقا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن 2012- يىلى ھەممە كىشى دېگۈدەك گۈلچاي تېرىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم ناھىيە ، شەھەرلىرى ئەتراپىدىكى دېھقانلار بەس-بەستە گۈلچاي تېرىغان بولۇپ ، ئاز تېرىغانلار بىر-ئىككى مو ، كۆپلىرى نەچچە مو ، ھەتتا يۈز مولاپ تېرىغان . بولۇپمۇ قاغىلىق ، يەكەن قاتارلىق قارا قۇرۇم تاغ باغرىغا يېقىن ناھىيەلەردە گۈلچاي تېرىلغۇ كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان . كونىشەھەر ، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر قىسىم يېزا-كەنتلىرى بازارغا يېقىن بولغاچقا، تېرىلغۇ كۆلىمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىكەن . تونۇشتۇرۇلىشىچە ، پەقەت قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسىدىلا 500 نەچچە مو يەرگە گۈلچاي تېرىلغان . 6-،7- ئايدا قارا قۇرۇم گۈلچايلىرى ئېچىلىپ ، قەشقەر زىمىنىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاجايىپ مەنزىرە پەيدا بولدى . مەيلى قايسى يېزا- كەنتلەرگە بېرىڭ ئالدىڭىزدا ھامان ئالتۇن رەڭ چېچەك دېڭىزى نامايان بولۇپ ، دېماقنى يارغۇدەك خۇشپۇراق ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ . پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن گۈلچايلارغا قاراپ دېھقانلارنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتكەن بولۇپ ، ئالدىدىكى ھەر بىر تال گۈل چېچىكى بەئەينى تىللا كەبى كۆزلىرىنى چاقناتقانىدى . 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگىچە قارا قۇرۇم گۈلچېيىنىڭ باھاسى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ ، 100 گرامى 180يۈەندىن سېتىلىپ كەلدى . لېكىن ، زور بىر تۈركۈمدىكى گۈلچايلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن دېھقانلار گۈلچاي ئالدىغانلاردىن ساتىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك گۈلچايلىرىنى ساتالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشتى . بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش گۈلچاي تېرىغان دېھقانلارنى غەمدە قويدى. گۈلچاي باھاسىمۇ نەچچە كۈن ئىچىدىلا ھەر كىلوگرامى 2000 يۈەندىن تۆۋەنلەپ يۈز يۈەنگە ، سۈپىتى سەل ناچارراقلىرىنىڭ كىلوگرامى 30 يۈەنگىچە چۈشۈپ قالدى . گۈلچاينىڭ چېچەك مەزگىلى قىسقا بولغاچقا، ۋاقتىدا ئۆزمىسە بولمايتتى. بىراق، ھەر كىلوگرام گۈلچاي ئۈزۈشكە ئاز دېگەندىمۇ 10يۈەن ئىش ھەققى كەتكەچكە، 30 يۈەنلىك تۆۋەن باھا بىلەن گۈلچاي ئۈزۈش تەس ئىدى . ئىلگىرى دورىخانىلار ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار ، چاي دۇكانلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان قىممەت باھالىق گۈلچاي ھازىر بازارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىمۇ تاپقىلى بولىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ ، بەئەينى ئوردىدىكى ئەتىۋارلىق مەلىكە كۈل قىزغا ئايلىنىپ ، تۆردىن پەگاغا چۈشۈپ قالدى .
گۈلچاي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خوجايىن مۇنداق دېدى :- بۇ يىل گۈلچاي تېرىيىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. قەشقەردىلا ئەمەس ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈلچاي كۆپلەپ تېرىلغاچقا، بازار بېسىمى ئېغىرلاپ كېتىپ گۈلچاي باھاسى تەبىئىيلا تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئەتىگەنلىك بازاردا ئۆزى تېرىغان گۈلچاينى سېتىۋاتقان ئابدۇللا مۇنداق دېدى :- باشقىلارنىڭ گۈلچاي تېرىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ ، بۇ يىل مەنمۇ تېرىۋىدىم ، تۈنجى يىلىلا بۇرنۇمغا يېيىشىمنى ئويلمىغان ئىكەنمەن . مۇخبىر ئۇنىڭدىن كىلەر يىلى يەنە تېرامسىز ؟ دەپ سورىۋىدى ، ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى :- مېنىڭچە بۇ يىل بىرىنچىدىن تېرىغانلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى . ئىككىنچىدىن، يىغىۋالىدىغان چاغدا ئادەم كۈچى يېتىشمىگەچكە، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىدى. قارىمامسىز، مېنىڭ گۈلچايلىرىمىنىڭ چېچەكلىرى يوغان، ئۈزگەندە ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن يىغقان ، ھەر كىلوگرامىنى 400 يۈەنگە ساتقىلى بولاتتى . چېچىكى يوغان بولغان بىلەن بەرگىسى بولسا ھەر كىلوگرامىنى ئاران 200 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ . چېچىكى كىچىكلىرىنى نەچچە ئون يۈەنگىلا ساتالايمىز . شۇڭا، كېلەر يىلى ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ تېرىيدىغانلار ئاز بولسا ، مەن يەنە بىر قېتىم تېرىشنى ئويلىشىپ باقىمەن . مۇخبىر يەنە بىر قانچە چاي دۇكىنىغا بېرىپ ، گۈلچاينىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ھەر كىلوگرامىنىڭ 500 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
قەشقەر شەھەر ئاھالىلىرىغا نىسبەتەن، ئىلگىرىكى قىممەت باھالىق ساغلاملىق بۇيۇملىرىنىڭ ھازىر ئادەتتىكى باھادا سېتىلىشى كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىش-ئەلۋەتتە ! شۇڭا ئەتىگەنلىك بازاردا كىلولاپ گۈلچاي ئالغانلارنى خېلى ئۇچراتقىلى بولاتتى . جاڭ خانىم 100 يۈەن خەجلەپ 100 گرامدىن 10 قۇتا گۈلچاي سېتىۋېلىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:- ئىلگىرى ئۆزىمىز ئىچىشكە سېتىۋالىدىغانغا كۆزىمىز قىيمايتتى . سېتىۋالساقمۇ باشقىلارغا سوۋغا قىلاتتۇق. بۇ يىل ياخشى بولدى، گۈلچاي ئەرزانلاپ، ئۆزىمىزمۇ قورقماستىن ئىچەلەيدىغان بولدۇق. مۇخبىر ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنچە كۆپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، جاڭ خانىم مۇنداق دېدى:- گۈلچاينىڭ دورىلىق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى تۇرسا، بازار مەڭگۈ ئىھتىياجلىق بولىدۇ-دە. بۇ يىل ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ گۈلچاي باھاسى چۈشۈپ كەتتى، ئەگەر كىلەر يىلى تېرىيدىغانلار ئاز بولسا باھا يەنە ئۆسىدۇ، شۇڭا كۆپرەك سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويساممۇ بولىۋىرىدۇ.بازار دېگەن شەكىلسىز بىر قول. ئۇ باھانى ھەر ۋاقىت ھە-ھۇ بىلەنلا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋىتەلەيدۇ. لېكىن، بىز بۇ يىلقى گۈلچاي بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ھۆكۈمەت تارماقلىرى دېھقانلارنى ئۆز ۋاقتىدا دېھقانچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە، ئۇلارنى بازارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا بېقىپ ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا، بىر يىل بىكارغا ئىشلەشتىن ساقلىنىشقا ئىلمىي يىتەكلەش كىرەكمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىنى ئويلىشىپ باقساق تامامەن بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ، دېھقانلارنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش ئىشەنچىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەشنى ئويلايدىكەنمىز، ھۆكۈمەت تارماقلىرى چوقۇم ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى، دېھقانلار تېخىمۇ ئاقىلانە تېرىقچىلىق قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ساقلاش نىشانىنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى تورى