ئازابلىرىم
كۆڭلۈمدىكى سىرنى ساڭا ئېيتالمىدىم،
ئېيتىشقا ھەم قىلچە جۈرئەت قىلالمىدىم.
ئۆز قولۇمدا كەشتىلىگەن قولياغلىقنى،
ئاددىي سوۋغام قوبۇل قىل، دەپ بېرەلمىدىم.
رەسىمىڭنى ھەربىر قېتىم كۆرگىنىمدە،
سېغىنىشتا زار - زار يىغلاپ تاشلىدىم.
ياشاش ماڭا ئارتۇقچىدەك بىلىندى يار،
بۇ ھاياتتىن ۋاز كېچىشكە باشلىدىم.
دوستلىرىم ئېيتسا سېنى ئالدامچى دەپ،
مەقسەت بىزنى ئايرىۋېتىش دەپ قاپتىمەن.
ساختا سۆيگۈ، مۇھەببەتنى راست دەپ بىلىپ،
چىن دىلىدىن كۆيگەن ماڭا دەپ قاپتىمەن.
كۈلكىلەردىن مەھرۇم بولدۇم ھالىم خاراب،
كۆزۈم قالدى يوللىرىڭدا چەكتىم ئازاب.
نېمانچىلا باغرىڭ تاشتۇر ھېچ بىلمىدىم،
مېنى تاشلاپ سەن يۈرىسەن كىمنى ئويلاپ.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 12:16