كۆرۈش: 83946|ئىنكاس: 37

خۇ جىنتاۋ جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى تو [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
40
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:52:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە «ئېلىپ-سېتىش»ىغا يول قويۇلمايدۇ



    10-سېنتەبىر ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا تەۋە جەنۇبىي كىچىك ئارال ۋە شىمالىي كىچىك ئارالنى «سېتىۋېلىپ»، ئۇنى ئاتالمىش «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش»نى جاكارلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.
    بۇ يىلدىن بۇيان، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ھەرىكىتى كۆپىيىپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا دياۋيۈ ئارىلىغا تەۋە بىر قانچە ئارالغا «نام قويۇش» ئويۇنىنى ئوينىغاندىن كېيىن، يەنە ئوڭ قانات كۈچلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، «ئارالنى سېتىۋېلىش» پاراكەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە ئاخىر ئۆزى سەھنىنىڭ ئالدىغا بىۋاسىتە سەكرەپ چىقىپ، دياۋيۈ ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا تەۋە جەنۇبىي كىچىك ئارال ۋە شىمالىي كىچىك ئارالنى «سېتىۋېلىپ»، ئۇنى ئاتالمىش «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.
    ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتتىكى مەقسىتى شۇكى، ئاتالمىش «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش» ئارقىلىق، دياۋيۈ ئارىلىغا بولغان «ئەمەلىي باشقۇرۇش»ىنى كۈچەيتىپ، ئاخىر دياۋيۈ ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىش. ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق چۈشەندۈرسۇن ياكى پەردازلىسۇن، بۇ قىلمىشنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى «ئېلىپ-سېتىش» تەك ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ بولالمايدۇ. ئازراق ساۋادى بارلا كىشى بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ تولىمۇ بىمەنە ۋە قانۇنسىزلىقىنى بىلىدۇ، يەنە كېلىپ جەزمەن مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكىمۇ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن.

خۇ جىنتاۋ جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانىنى بىلدۈردى


      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋلادىۋوستوك، 9 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 – سېنتەبىر ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 20 – نۆۋەتلىك باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى نودا يوشىخىكو بىلەن سۆھبەتلەشتى. خۇ جىنتاۋ جۇڭگونىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانىنى بىلدۈردى.
    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى يېقىندا دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى تۈپەيلى جىددىيلىشىپ قالدى. دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانىمىز ئېنىق، قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ. ياپونىيەنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ‹‹ئارال سېتىۋېلىش›› ئويۇنى قانۇنسىز، كۈچكە ئىگە ئەمەس. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىن قەتئىي ئېغىشمايدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، جەزمەن ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇشى، خاتا قارار چىقارماسلىقى كېرەك.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
880
تۆھپە
411
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:31:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىچلىق ھەممىدىن ئەۋزەل


http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
629
تۆھپە
151
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:34:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارال قولدىن كىتىپ قالدى !كوكى تاقىم ئارىلىغا ساياھەتكە بارالمايدىغان بولدۇم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:49:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارال قولدىن كەتمەيدۇ، چوقۇم ياپۇن باسقۇنچىلىرىنى يېڭىمىز!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:21:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل جېڭى قىلىشتىن قۇرال جېڭى قىلىشقا ئۇتۇش كىرەك. قۇربان بىرىشتىن قورقمىغاندىلا دۆلەتنىڭ ئار-نۇمۇسىنى قۇغدىغىلى بۇلىدۇ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
راس
تىللا
180
تۆھپە
43
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:27:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى قانداق ئىشلار يۈزبىرەر ،  يەنە قانداق ئىشلار چىقار


Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
180
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 16:41:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنلۇقلار جۇڭگۇنى چېكىپ بېقىۋاتىدۇ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
348
تۆھپە
229
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:08:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arfa21 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 16:41
ياپۇنلۇقلار جۇڭگۇنى چېكىپ بېقىۋاتىدۇ .

تۇلىمۇ بىر چىكىپ كەتتى بۇتاۋۇزنى ،يا پىشمىدى ،بۇ قېتىممۇ يەنە خۇتۇن كىشىدەك تىل ئۇرىشى قىلىپ ئاياقلاشتۇردىغان ئوخشايدۇ  


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1398
تۆھپە
1108
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 00:52:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياپون پاكارلىرى زادىلا بۇنغا يىمەيدۇ .ئۇزنى بىلىپ ئارالنى قايتۇرۇپ بەرسە بولمامدۇ.تازمۇ بىر جىدەلخور ۇششۇق خوشنىدىن بىرنى قىستۇرۋاپتۇقكەن يىنمىزغا.بولسا بۇلارنى تىزرەك خەرىتىدىن يوقاتسا بولاتتى.


Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
313
تۆھپە
124
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 01:05:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئارال زادى كىمگە تەۋە بولغىيتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:05, Processed in 0.082407 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991