كۆرۈش: 16133|ئىنكاس: 16

«ئاتۇش» ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
52
تۆھپە
6
UID
17738
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 23:49:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئاتۇش» ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم




     ئاتۇش -قەدىم يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ ،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا ،تارىم ئويمانلىغىنىڭ غەربىدىكى <<ئالتۇن ئۈچبۈرجەك>>كە جايلاشقان چېگرا شەھەر.
    شەرق ،جەنۇب تەرەپتىن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ،غەرب تەرپتە ئۇلۇغچات ناھىيىسى،شەرقى شىمال تەرەپتە ئاقچى ناھىيىىسى بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ.شىمالى قىسىمى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
    ئاتۇش-قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىغى 1433 كېلومىتىركېلىدۇ.شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300مېتىر كېلىدۇ.
    ئاتۇش ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ قىرغىزستان،قازاقىستان،ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبېرىشىتكى مۇھىم تۈگۈن.تورغات ،ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا ئىنتايىن يېقىن.
    جەنۇب تەرەپتىن پاكىستان ،ھىندىستان،پارس قولتۇغى ئەللىرىگە بېرىشتاقونجىراب ئېغىزىغا 443كىلومېتىر كېلىدۇ.قەشقەر ئايرىپورتى بىلەن بولغان ئارىلىغى 30كىلومېتىر كېلىدۇ.
    جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۈريولى،314-دۆلەت يولى ئاتۇشتىن ئۆتىدۇ،قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق.
    ئاتۇشنىڭ بۇرۇن شىنجاڭدىكى كىچىك <<شىياڭگاڭ >>دىگەن نامى بارئىدى.ئاتۇش يەنە مەدەنىيەت-سەنئەت ماكانى،مەرىپەت بۆشىكى،پۇتبول يۇرتى،پالۋانلار يۇرتى،ئەنجۈر ماكانى ،سودا دىيارى،مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى دىگەن نامى بار.


مەرىپەت بۆشۈكى


     ئۇيغۇر يىڭى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى 1885يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا <<ھۈسەينىيە>>مەكتىپى قۇرۇلدى ،ھەرقانداق بىر مەدىنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ،ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە كۈچلۈك ئىقتىساتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئىقتىسادى تەرەققىيات ،مەدىنىيەت تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى تارقىتىش يولىدا خىزمەت قىلىدۇ .بۇ قىتىمقى تارىى بۇرۇلۇشقا ئاساس سالغۇچى مۇسابايۇف جەمەتى ،شىنجاڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر باي ،.ۇلار ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتلىرىدىن ئىلھام ئىلىپ ئاتۇشتا بۇ تۇنجى ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى مەشئەلنى ياندۇرىدۇ ،بۇ مەشئەلنىڭ تورىشى بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ دىيارى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇيدۇ ،ئۇيقدىن ئويغىنىپ يورۇقلۇققا تەلپۈنىدۇ .

بۇ ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ بۆشىكى ئىكساق ھۆسەينىيە



پۇتبول يۇرتى


    شىنجاڭ بويىچە پۇتبۇل تۇنجى بولۇپ مۇشۇ يەردە ئومۇملاشقان ھەمدە تۇنجى پۇتبۇل كوماندىسى مۇشۇ يەردە قۇرۇلغان.
    1927-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېكىساق پوتبۇل كوماندىسىنىڭ 2:0 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە كۇنسۇلخانا كوماندىسىنى ،شېۋىتىسىيە كۇنسۇلخانا كوماندىسىنى 7:0 چوڭ نەتىجە بىلەن ئۇتقان «پارلاق تارىخ » ياراتقان.بۇ بىز ھەر بىر پۇتبۇل سۆيەر خەلقنىڭ مەڭگۈ قەلبىدە .


65933_com_.jpg


ئەنجۈر ماكانى


      ئاتۇش شەھىرىدىن ئەنجۈر چىقىدۇ، شۇڭا " ئەنجۈر ماكانى" دېگەن نامى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق. ھازىر ئاتۇش شەھىرىدە 5000مولۇق ئەنجۈرلىك بار. يىلىغا 5000توننا ئەنجۈر چىقىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۈلەملىك ئەنجۈرلىك بار يىلىغا 5000توننا ئەنجۈر چىقىدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۈلەملىك ئەنجۈرلۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.




مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى


      شەھەر بويىچە ئومۇمىي مۇناقى ئۈزۈم كۆلىمى 100 مىڭ موغا، يىللىق ئومۇمىي ھوسۇلى 90 مىڭ توننىغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈزۈم يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە، كۆرگەزمە ۋە سېلىشتۇرۇپ باھالاشلاردا ‹‹ئالتۇن›› مېۋە، ‹‹بازارلىق مەھسۇلات››، ‹‹يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى››، ‹‹ئورگانىك مەھسۇلات››، ‹‹زەھەرسىز يېمەكلىك››، ‹‹ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات››، ‹‹داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات››، ‹‹ئورگانىك يېمەكلىك›› دېگەندەك مۇكاپات – شەرەپلەرگە ۋە ئېسىل ‹‹مۇناقى›› دېگەن ئىجازەتنامىگە مۇيەسسەر بولدى. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ئۈزۈمنى يەنە ‹‹ئاتۇش ئالتۇنى›› دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ.



سودا دىيارى ھەممەيلەنگە مەلۇم ئاتۇشلۇقلار سودىغا ماھىر ،ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى تىجارەت قىلىدۇ



     ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردە تىجارەت قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ شۇڭا كىچىك شياڭگاڭ دەپ نام ئالغان.
2000-يىلدىن كىيىن ئاتۇشنىڭ ئۇل-مۇئەسسە قۇرلۇشى تىز تەرەققى قىلدى،ئاتۇش سودىگەرلىرى بۇرۇن تاپقان پۇلىنى قوشنا شەھەر،ئۆلكە ياكى قوشنا مەمىلىكەتلەرگە مەبلەغ قىلىپ سالاتتى،ھازىر قىسمەن ئاتۇش سودىگەرلىرى ئانا يۇرتىنىڭ قۇرلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلاپ ئاتۇش شەھرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.ئاتۇشتا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر يەرلىكلەر تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان بولۇپ بۇ بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ئىچىكىردىن كەلگەن كارخانىچىلار كونتىرول قىلىش بىلەن تۈپتىن پەرىق قىلىدۇ. ئاتۇش كىچىككىنە بىر شەھەر بولسىمۇ لىكىن ئاتۇشلۇقلار تىرىشچان،ئىزدىنىش روھىغا باي بولغانلىقتىن ئاتۇش سودىگەرلىرى كارخانىللىرى يېقىنى قەشقەر،خوتەن،ئۈرۈمچى،يىراقراقى جىياڭسۇ،جېجىياڭ،قازاغىستان،تۈركىيە........... قاتارلىق دۆلەت ياكى رايۇنلاردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقتا. كونا ئاتۇش سودىگەرلىرى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىنىش شارئىتى بىلەن تەمىن ئىتىپ يېڭى ئاتۇش كارخانىچىللىرىنى روياپقا چىقىرىشقا باشىلىدى.ئاتۇشلۇقلارنىڭ پۇلدىنمۇ ئۈتە ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىدىغان يېرى شۇكى بىر-بىرىنى يۈلەش روھى ئەۋلادتىن -ئەۋلاتقا داۋام ئىتىپ كىلىۋاتىدۇ،ۋە داۋام ئەتكۈسى.ئاتۇشلۇقلار ئۆزلىرىنى خان ئەۋلادى دەپ قارايدۇ،شۇڭا ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدا قالسىمۇ بېشىنى تىك كۈتۈرۈپ يۈرىيدۇ ۋە ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىدۇ.


مەدەنىيەت سەنئەت ماكانى


     ئاتۇش خەلىق ناخشىلىرى يىقىملىقلىقى ،شوخلىقى بىلەن 7 ياشتىن 70ياشقىچە ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.ئاتۇش ئۇسۇلىنىمۇ ئوخشاشلا ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ.

تۆۋەندە ئاتۇش پەدىسىدىن بىرنى ئاڭلايلى:




شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:27:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر  ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىسى


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:50:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شورۇقلۇق ئېكس-ئېكىسنىڭ ئېيتىشىچە  شورۇقلۇقلار پوق ئوغرىسى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 11:51  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1399
تۆھپە
319
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:56:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ ئىزدىنىپسىز ،دىمسىمۇ ئاتۇش خەلقى تىرىشچان،ئىزدىنىش رويىغا باي خەلق،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
840
تۆھپە
458
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:57:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
哈密瓜525 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 11:27
ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر  ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىسى

شۇنداقمۇ سەت گەپ قىلامسىز ............! يەھۇدىلار تاماققا چۈشۈپ كەتكەن چىۋىننى شورىۋەتمەس....


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
238
تۆھپە
161
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:07:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يازغاندا ھۆرمەتسىزلىك قىلمايلى،ئاتۇش شەھىرى يۇرتىمىزنىڭ ئۈلگىسى،ئاتۇش خەلقى تارىخدىن بىرى ھەممەمىزنىڭ بارچە ساھەدە ئۈگۈنىش ئۈلگۈسىدۇر.


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 17:45:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-قەۋەتتىكى قۇمۇل قوغۇنىنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن.


Rank: 2

تىللا
110
تۆھپە
42
UID
6330
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 19:19:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 14:57
شۇنداقمۇ سەت گەپ قىلامسىز ............! يەھۇدىلار تاماققا چ ...

ئاتۇشلۇقلار ئاشقا چۈشكەن چېۋىننى شۈمۈۋىتەمدىكەن؟


Rank: 2

تىللا
110
تۆھپە
42
UID
6330
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 19:21:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 11:50
شورۇقلۇق ئېكس-ئېكىسنىڭ ئېيتىشىچە  شورۇقلۇقلار پوق ئوغ ...

«ئالدىغا كەلگەننى يېيىش ھايۋاننىڭ ئىشى، ئاغزىغا كەلگەننى دېيىش ئەخمەقنىڭ ئىشى.» ئاڭلىغىنىڭىز راست بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق ئاممىۋې سورۇنلاردا دەپ يۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 19:41:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atux يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 19:21
«ئالدىغا كەلگەننى يېيىش ھايۋاننىڭ ئىشى، ئاغزىغا كەلگ ...

كەچۈرۈڭ، بۇ يەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى  خەلقىمىز بېشىغا كەلگەن ئېغىر سىتەملەر مازاق قىلىنىۋاتىدۇ، شورۇق خەلقى ئاتۇشلۇقلارنىڭ سەرخىلى، ئۇلار ھەقىقەتەن  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا  ئۇلۇغۋار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:03, Processed in 0.088682 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991