ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ ؟
بۇرادەر ، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلىشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق ؟
بىز بۇ ھەقتە ئاز -تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلدۇق :
كونىلار ئايالدا نەپىس ئۈچ دەپ قارايدۇ : يېمەك -ئېچمەك، كېيىم -كېچەك، سۆيگۈ -مۇھەببەت .ئالدىنقى ئىككىسى ئىقتىساد ۋە ئاياللارنى ماددىي جەھەتتىن قانائەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇنچېۋىلا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى مۇمكىن .چۈنكى ،بىر تەربىيەلىك ئايال ، پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال - مۈلۈك تۈپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي ،مېھرىنى بەرگەن ئېرىدىن ۋاز كېچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم - ئوزۇق تىلىمەيدۇ.
كىيىم- كېچەك ۋە يېمەك ئېچمەك پاراغىتى تۈپەيلى غېنى -زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەك نايناقلاپ سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى .شۈھبىسىزكى ،مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز ، تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ، ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ -سىلاپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ ،مەن ساداقەتنى ئىقتىسادىي سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويمايمەن .ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئېرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ . دېمەككى ، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، مۇتلەق ئىتائەتكە كىرىشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سۆيگۈ -مۇھەببەتتۇر .ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى، ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىسە ، ئۇ قەلبىدىكى ،روھىدىكى ،تېنىدىكى ئاچارچىلىقنى سىرتتىن ئىزدىشى ياكى ئېرىدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن.
ئاياللارنىڭ قانائەت تۇيغۇسى نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ھالىغا يېتىشى ،سۆيگۈسى ساداقىتى ، ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى....قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان روھىي قانائەت ۋە ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشتىن كېلىدىغان جىنسىي قانائەتتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئايال روھىي قانائەت ئارقىلىق ئېرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە مېھرىنى تولۇق ھېس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلىسە ، ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتائەتتىكى مۇلايىم خوتۇن ،مېھرىبان ئانا ،پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىنىدۇ .
ئەگەر سۆيگۈ مۇھەببەت ئېھتىياجى يېتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئېرىشەلمىسە ،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمۈدسىزلىنىدۇ ، رايى قايتىدۇ ۋە بۇ ئائىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىشقا باشلايدۇ . ئۆز ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ئايال ئېرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۇچرىغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كىشى بۇزۇلىدۇ ،ئېرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ،نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ .
بىز ئەخلاق ،قانۇن نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز ،مۇنداق بولۇشىنى خالىمايمىز. ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خۇشاللىق بىلەن خوتۇن بولىدىغان ،باينىڭ قولدىن تاپالمىغان بەخت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يېغىر گەدىنىدىن ھېس قىلىدىغان ،شاھزادىدىن قېچىپ كەمبەغەلگە تېگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھېكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس . دېمەككى ،ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ . ئەر كىشى ئايالنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇپ ،ئۈستى بېشىنى پارقىرىتىپ ياسىيالمىسىمۇ، ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ،روھىنى شاد ،نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ . ئايالىنىڭ كۆڭلى - خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا،تېنىگىلا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ، ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ . بۇ كۇرسقا يا باشقا بىر ھارامتاماق ئولتۇردۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ . ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا ،بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس . ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىئەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ .ئەرلەردىكى بوشلۇق ،سۇسلۇق ،پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغۇتۇپ قوپۇردىغان خەتەرلىك خورەكتۇر .
ئەي ،خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مېھرىدىن قانداق بەھر ئېلىشنى بىلەلمىگەن ئەر .مەسىلنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە .ئەر ھەر تەرەپتىن كۈچلۈك بولسا ،خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىندۇ . ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ ،ئېرىگە ھۆركىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان ،ئەرنى ،نىكاھنى،پەرزەنتىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ،نومۇستىن قورقمايدىغان ،دەرىجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ .شۇڭا ئەرنىڭ ئايال ئالددىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر .
بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ، جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ،خاراكتېر ،پوزىتسىيە ،مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالىتىگە قارىتىلغان .
ئەر خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ،خوتۇنىڭنى رازى قىل .ئىتىساد جەھەتتىنلا ئەمەس ،روھىي جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە .ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەققاسلىماس بولسۇن ; ھەتتە يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە نەزەر سېلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولسۇن .خوتۇنۇڭ سېنىڭدىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك ،قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ تۇرسۇن . ئۆزۈڭنى تىڭلا ،خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭىنى تولۇقلاپ تۇر .ئەگەر ئايال پەزىلەتلىك بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكەت -قارىشىدىن ئۆزۈڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى ،قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ -ھېس قىلىپ تۇرالايسەن .
ئەر ، ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر -دە ئايالىڭنىڭ قەلب سۇلتانلىقىنىڭ يەككە -يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە .خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دېسەڭ ،ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزۈڭنى تاپ .
مەنبە:ئەرلەرگە101 تەكلىپ