كۆرۈش: 10914|ئىنكاس: 5

30يىلدىن كېيىن بالىلىرىمىز قانداق« مودا» دۇنيادا ياشايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 20:55:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

30يىلدىن كېيىن بالىلىرىمىز قانداق« مودا» دۇنيادا ياشايدۇ؟


   30 يىلدىن كېيىن ئالىملىرىمىز پەن-تېخنىكا جەھەتتە قانداق تۆھپىلەرنى قوشىدۇ؟
   ئەمدى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىڭ، چۈنكى تۆۋەندە كەلگۈسىگە قىلىدىغان  سەپىرىمىزنى باشلايمىز.


ئۇچۇر تېخنىكىسى


    ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ھەرقايسى ساھەلەرگە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بەردى. ئامېرىكا «كىسكو» سىستېمىسى شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى «بۇلۇت»سىستېمىسىدا ساقلىنىدىغان ياكى يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يەر شارىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۇلاش ئۈسكۈنىسى ئالتىدىن ئاشىدىكەن. «چوڭ سانلىق مەلۇمات» ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورىدا ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى نەچچە سېكۇنتتىلا ئىزدەپ تاپقىلى ۋە يىغىنچاقلىغىلى بولىدىكەن.
    «ئىنتېل» شىركىتى تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ماننى ۋالا: ھازىر ئىنسانلارنىڭ «بۇلۇتسىمان ھېسابلاش» ئىقتىدارىنى قوللىنىشى يەنىلا ناھايىتى ئىپتىدائىي ۋە يۈزەكى. «بۇلۇتسىمان ھېسابلاش» سىستېمىسى بارلىق ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلالايدىغان بولۇپ، ئۇنى پەقەت بىر كىچىك ئۆزەك ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.


ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي


   ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوماتلاشقان ئۆي ئۇقۇمى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى. لېكىن ئالاقە تورى تېخنىكىسى تەمىنلىگەن ھەر خىل ئىمكانىيەتلەر بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. يان تېلېفون بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ئائىلىنىڭ «قوماندانلىق ئىشتابى»غا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى بۇ ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى، سىگنال سىستېمىسى ۋە ئىشىكىنى يىراقتىن كونترول قىلالايدۇ، شۇنداقلا كىرئالغۇنى ئاپتوماتىك ماڭغۇزالايدۇ ياكى ئۆيدىن چىققاندا ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاماق ئېتىشمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىدۇ. توڭلاتقۇ بىزگە قانداق يېمەكلىكلەرنى تاللاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، بىز پەقەت كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشقا سالساقلا، توڭلاتقۇ بىزگە تەييارلاپ بەرگەن تاماق تىزىملىكىگە ئېرىشەلەيمىز.


نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئەندىزىسى


    نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. «SAP» شىركىتى رادىيو چاستوتىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان يېڭى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئىستېمالچىلار تاللا بازارغا كىرگەندىن كېيىن، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ھارۋىسىدىكى ئوقۇغۇچ ئارقىلىق ماگنىتلىق كارتىدىكى ئۇچۇرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ ھارۋا سىزنىڭ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتىكى شەخسىي يول باشلىغۇچىڭىز بولىدۇ. ئىستېمالچىلار نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ھارۋىسىدىكى كۆرسەتكۈچ تاختا ئارقىلىق، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش تىزىملىكى ۋە تاللا بازاردىكى باھاسى چۈشۈرۈلگەن تاۋارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
     كورېيەدە«Plus Home» زەنجىرسىمان تاللا بازىرى مېترو بېكەتلىرىدىكى تاملاردا بىر خىل يېڭى تىپتىكى مەۋھۇم ماگىزىن ئاچقان بولۇپ، يولۇچىلار مېترو ساقلىغاچ، تاۋارلارنى تاللاپ، يان تېلېفون ئارقىلىق ھېساباتنى ئۈزگەندىن كېيىن، تاللا بازىرى مالنى ئۇلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
                    


كېسەل كۆرسىتىش شەكلى


  
      كەلگۈسى 20 يىلدا كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، دوختۇرلار تېببىي داۋالاشنىڭ مەنبەسىدىن چۈشەندۈرگۈچىگە ئايلىنىدۇ. داڭلىق تېخنىكا كارخانىلىرى تېببىي ئىلىمنى ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىگە كىرگۈزىدۇ. «IBM» شىركىتى: كەلگۈسى تۆت يىلدا «ۋاتسون» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى بارلىق تېببىي ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن «كومپيۇتېر دوختۇرى»غا ئايلاندۇرىمىز،دەپ ۋەدە بەردى. شۇ ۋاقىتتا، بىمارغا ھەر قېتىم دىئاگنوز قويۇش دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرلار بىرلىشىپ دىئاگىنوز قويۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئەزالارنى قايتا ئۆستۈرۈش


   ئەزالارنى قايتا ئۆستۈرۈش ئۇزاقتىن بۇيان ئەزا كۆچۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ھەم بۇ مەزگىلدە ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بىمارلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.
    ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ماك گوۋان قايتا ئۆستۈرۈش مېدىتسىنا تەتقىقاتخانىسىدىكى ئالېخاندېرو نىبونىس: بىز بىمارنىڭ ئەزاسىدىكى توقۇلما ئاساسىدا ئەزالارنى قايتا ئۆستۈرۈشنى تەتقىقات قىلىۋاتىمىز، دېدى. ھازىر نىبونىس تۇرۇشلۇق تەتقىقات گۇرۇپپىسى قىزىل ئۆڭگەچ بىلەن دوۋساق قاتارلىق ئەزالارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتا ئۆستۈرگەن.
   بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئادەم بەدىنىدىكى يۈرەك ۋە چوڭ مېڭە قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنى قايتا ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.


سۈنئىي قول-پۇت ۋە ئۇنى كۆچۈرۈش


    2009-يىلى 10-ئايدا ئىتالىيە ۋە شىۋېتسىيە ئالىملىرى سېزىمى بار تۇنجى سۈنئىي قولنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى؛ 2010-يىلى 3-ئايدا كۆرۈش تور پەردىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئەمالارغا قايتا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى. كەلگۈسىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسىمنى كۆچۈرگىلى بولىدۇ.
   ئالىملار يەنە تەجرىبە چاشقىنىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئۆزەك كۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.


ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان شەھەر


   كەلگۈسىدىكى شەھەرلىشىش تەرەققىياتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان شەھەر قۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى شەھەرلەر ئىلغار ئۇچۇرلار ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئاھالىلەرنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنداق شەھەرلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى، ئوبوروت قولايلىق بولۇش، ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش ئاساسىدىكى يېڭىچە ئىستېمال ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇلغان بولىدۇ.
     قاتناش كەلگۈسىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.«IBM»شىركىتىنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى بېرنېر مېيسېن: كەلگۈسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سىستېمىدا ياشايمىز، ئۇ بىزگە ئون مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە بولغان قاتناش ئەھۋالىنى مۆلچەرلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ سىستېما قاتناش سىگنالىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن ساقلىيالايدۇ، دېدى. ھازىر بۇ سىستېما لوندون، ستوكھولېم ۋە بېريۇسسېل قاتارلىق شەھەرلەردە سىناق قىلىنماقتا.


ئۇچار ئاپتوموبىل


     كەلگۈسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇش تېخىمۇ راھەت ۋە بىخەتەر بولىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىچكى قىسىمىنى پۈتۈنلەي كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە مۈگدەپ قالغان-قالمىغانلىقىنى مىكرو ئۆزەك ئارقىلىقلا كۆزەتكىلى بولىدۇ. يۈز قىسمىنى پەرق ئېتىش تېخنىكىسى مۈگدەپ قالغان شوپۇرنى مۇزىكىنى ئاپتوماتىك ئېچىش قاتارلىقلار ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋاقتىدا ئويغىتالايدۇ. تېخنىكىنىڭ ئىنكاسى ئادەم ئىنكاسىدىن نەچچە يۈز ھەسسە تېز بولىدۇ. جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئۇ ئەتراپتىكى يول ئەھۋالى، ئاپتوموبىل ئەھۋالى ۋە ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاش سۈرئىتى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.
     ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلنى كىنودىلا بار دەپ قارامسىز؟ ئۇنداق ئەمەس، ھازىر ئۇ رېئاللىققا ئايلاندى. «ion-Transit Terrafugia» ناملىق دۇنيادىكى تۇنجى ئۇچار ئاپتوموبىل ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى.


ئۇقۇم ئايروپىلانى


   ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا سۈرئەت تەكشى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيانقى بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كەلگۈسىدە ئاۋىياتسىيە كەسپىدىمۇ تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش بولىدىكەن. ئايروبۇس شىركىتى بۇ شىركەتنىڭ 2040-يىلىدىن 2050-يىلىغىچە بولغان ئۇقۇم ئايروپىلانىنىڭ لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئايروپىلاننىڭ قېپى پۈتۈنلەي ئەينەك بولغاندىن باشقا، قۇرۇلمىسى قۇش شەكلىدە بولۇپ، بۇ ئايروپىلان كىشىگە تەبىئەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقاندەك ئازادە ھەم راھەت تۇيغۇ بېرىدىكەن.


تەپەككۇر قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم


    7-ئاي ھەر خىل يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار مەركەزلىك ئېلان قىلىنىدىغان ئاي. توكيو تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى يېقىندا ئۆزلىرى ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆگىنىش قىلالايدىغان ماشىنا ئادەمنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ ماشىنا ئادەم ئۆگەنگىنىنى ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرالايدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ماشىنا ئادەم باشقا ماشىنا ئادەم ياكى توردىن ئۆزى چۈشەنمەيدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيدىكەن ھەم تەپەككۇر قىلالايدىكەن.
     بۇ خىل ماشىنا ئادەم «ئۆزىدىن ئۆزى نۇسخا ئالالايدىغان نېرۋا تورى» (SOINN) دەپ ئاتىلىدىغان سىستېمىدىن پايدىلىنىدىغان بولۇپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. مەسىلەن، ماشىنا ئادەمنى بىر ئىستاكان مۇزلىتىلغان سۇ ئەكىلىشكە بۇيرىسا، ئۇ ئىستاكان ئېلىش، ئىستاكانغا سۇ قۇيۇش ۋە مۇز پارچىسى سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھەرىكەتنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئالدى بىلەن ئىستاكاننى قويغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا مۇز پارچىسى سالىدىكەن. بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ماشىنا ئادەمنىڭ بۇ ۋەزىپىنى تامالىشىشى ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ھۆكۈم قىلىش جەريانى كېتىدۇ.

    مەنبە:پايدىلىنىش خەۋەرلەر

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:24:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چېكىپسىز ، بىلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1399
تۆھپە
319
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:30:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەيمە  مۇشۇ باشلىقلىنى ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرۋەتسە،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:11:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە:پايدىلىنىش خەۋەرلەر

بۇ گەپ باغلاشماپتىغۇ؟


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

ئىسىمى
نۇرگۇل
تىللا
123
تۆھپە
28
UID
14373
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان بۇنداق تەرەققىي قىلسا مەن باللىرىم بىلەن بەك پەرىقلىنىپ كەتكۇدەكمەن


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زىلالە
تىللا
156
تۆھپە
77
UID
12376
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 13:05:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بەك زامانىۋىلىشىپ  كەتسىمۇ بولمىغۇدەك........


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:01, Processed in 0.080246 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991